مورالېس
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
مورالېس 1959-يىلى بولىۋىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئورولو ئۆلكىسىنىڭ ئورىنوكا ناھىيەسىدە بولىۋىيەدىكى 2-چوڭ ئىندىئانلار مىللىتى ئايمارالاردىن بولغان نامرات كان ئىشچىسى ئائىلىسدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئائىلە ئىقتىسادى ياخشى بولمىغانلىقتىن تولۇقسىزدىن چىقىپ كېتىپ ئائىلىسدە مال باققان، كېيىن كان ئىشچىسى بولغان. بولكا دۇكىنىدا ئىشلىگەن.
پايتەخت لاپازدا بىر يىللىق ھەربى مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن. 1979-يىلى مورالىس چاپارە رايونىدىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا قاتنىشىپ تەشۋىقات ۋە كاتىپلىق خىزمىتىنى ئۆتىگەن.
1996-يىلى بولىۋىيە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ۋەكىللىكىگە، مەملىكەتلىك كوكائىن تېرىغۇچى دېھقانلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان.
مورالېس 1997-يىلى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە ئاۋام پالاتا ئەزاسى بولۇپ سايلانغان ۋە كوكائىن تېرىشنى قانۇنلاشتۇرۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقتىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان.
1999-يىلى مورالىس سوتسىيالىزىمنى قولغا كەلتۈرۈش ھەركىتىنى قوزغاپ 2002-يىلى پارتىيە رەئىسى سۈپىتىدە سايلامغا قاتناشقان ۋە ئاز پەرق بىلەن مەغلۇپ بولغان،
2005-يىلى بولىۋىيەدىكى دىموكراتىك سايلامدا %53.7 ئاۋاز بىلەن بولىۋىيەنىڭ تارىختىن بۇيانقكى تۇنقى ئىندىئان پىرىزدېنتى بولۇپ قالغان ۋە 2006-يىلى يېڭى يىلدىن باشلاپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان.
2006-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە يېڭىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭ سالاھىيىتى بىلەن جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان.
2009-يىلى 12-ئايدا، بولىۋىيە يېڭى ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى تۇنجى مەملىكەتلىك چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈلگەندە،
مورالېس %64.2 پىرسەنت ئاۋاز ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم سايلانغان.
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە، يەنە بىر قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان، 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئېرىشكەن.
شۇ جاي ۋاقتى 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى، كۆپ تۈرلۈك ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە مورالېس شۇ يەر
ۋاقتى 12-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان زۇڭتۇڭ سايلىمىدا تەخمىنەن %60 بېلەتكە ئېرىشكەن، ئۇدا زۇڭتۇڭلۇقى مۇقىملىشىپ قالغان.
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى بولىۋىيە زۇڭتۇڭى مورالېس لاپازدا قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان.
مورلىس ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش نامراتلارنى يۆلەش خاراتىرىسىكى ھوقۇق مەركەزلەشكەن ئىقتىسادى تۈزۈم يۈرگۈزۈپ، دۆلەتتىكى نېفىت كارخانىلىرى ۋە باشقا مۇھىم كان بايلىقلىرىنى دۆلەت ئىگىلىكىگە ئۆتكۈزىۋالغانلىقى، ئىسپانلار قالدۇرغان يەرلىكلەر بىلەن ئىسپان كۆچمەنلەر ئارىسىدىكى پەقنى ئازايتماقچى بولغانلىقىدىن ئامېرىكا ۋە باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بولىۋىيەدىكى مەنپەئەتى ئېغىر دەخلىگە ئۇچراپ ئامېرىكىنىڭ دۈشمىنىگە ئايلانغان ۋە ئىككىنچى چاۋېس دەپ نام ئالغان. 2006-يىلى
مورالىس بولىۋىيەدىكى %14ئادەم ئىشلىتىدىغان 3-چوڭ تىل ئايمارا تىلىنى دۆلەت تىلى قاتارىدا ئىشلىتىش، مەملىكەت ئاھالىسىنىڭ %60 سۆزلىشىدىغان ئىسپان تىلى ۋە %22 ئادەم ئىشلىتىدىغان كوچۇئا تىلى بىلەن بىرلىكتە دەرسلىك ۋە مەدەنىيەت مائارىپ سېستىمىسدا باراۋەر ئورۇنغا ئىگە تىل قىلىپ بەلگىلىگەن. ئارقىدىنلا ئايمارا پادىشاھلىقىنىڭ ئىسپانلار جەنۇبى ئامېرىكاغا كېلىشتىن بۇرۇنقى پايتەختى تىۋاناكۇغا بېرىپپ ئىندىئانلارنىڭ قەدىمقى ئەنئەنىسى بويىچە نەزىر چىراغ قىلىپ يەرلىك قەبىلە ئاقساقىلىغا ھۆرمەت بىلدۈرگەن ۋە زور ئىقتىسادى ياردەم بەرگەن، ئاسارە ئەتىقىلەرنى قوغداشنى، نامراتلارنى يۆلەشنى كۈچەيتىپ بولىۋىيە شەھەرلىرىدىكى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى جان تومۇرىنى ئىگەللەپ تۇرىۋاتقان كاپىتالىستلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. ئۆزىنىڭ جەنۇبى ئامېرىكىدا ئىندىئانلار ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن سايلام قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن ئاساسى قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى ئۇمۇمىي خەلق ئاۋازىغا قويغان ۋە قوللاشقا ئېرىشكەن. ئەمما ئۆكتىچىلەر پارتىيىسىنىڭ كونتروللۇقىدىكى كېڭەش پالاتاسى، 2009-يىلى يانۋاردا بولىۋىيەدە ئۇمۇمىي خەلق ئاۋازىدىن ئۆتكەن، مۇرالېسنىڭ داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتىشىنى قانۇنى جەھەتتىن كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان سايلام قانۇنىنى ماقۇللىمىغانلىقتىن مورالېس ئاچلىق ئېلان قىلىپ دۇنيادىكى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ئاچلىق ئېلان قىلغان تۇنجى دۆلەت رەھبىرى بولۇپ قالغان. مورالېس قىزغىن پۇتبول ھەۋەسكارى، ئۇ بولىۋىيەدىكى ئوتتۇرا ياشلىقلار پۇتبول كوماندىسىنىڭ غوللۇق ئەزاسى، شۇنداقلا تەشكىللىگۈچىسى. ئۇ 2007-يىلى دۇنيا پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ئۆز قولى بىلەن خەت يېزىپ دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئىگىز پايتەخت-بولىۋىيەنىڭ قانۇن چىقىرىش مەركىزى لاپاز شەھرىنى نامزات شەھەر قىلىپ كۆرسەتكەن. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.