ساموئا جوۋ
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سامويا جوي (Sama Joe)، (ئەسلى ئىسمى: Nuufolau Joel Seanoa)؛ كەسپىي چېلىشىش تەنھەركەتچىسى، 1979–يىلى 3–ئاينىڭ 18–كۈنى ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى ئورانژې ناھىيەسى (Orange County, California) دە توغۇلغان. 1999–يىلى 9–ئايدا تۇنجى قېتىم چېلىشىش سەھنىسىگە چىققان، كۆپ قېتىم UPW قاتارلىق مۇسابىقىلەرنىڭ چېمپىيونلوقىغا ئېرىشكەن.
كېيىن TNA غا بېرىپ كۈچىنى نامايەن قىلغان. (TNA بىرلەشمىسى ئەڭ ئادەم ئىشلىتىشنى بىلمەيدىغانلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى، دۇنيا دەرىجىلىك ماھىرلار ئالدىغا بارسىمۇ مۇھىم ئورۇنغا ئىشلەتمىگەن) ھازىر WWE تەرەققىيات بىرلەشمىسى NXtدا بولۇپ، ھېسابتا RAWغا يۆتكەلگەن.
2005–يىلى 6–ئايدا TNAدا تۇنجى قېتىم مەيدانغا چىقىشتىن ئىلگىرى سېئانويا (Seanoa) مۇستەقىل چېلىشىش بىرلەشمىسى ROH (Ring Of Honor) دا مۇسابىقە ئوينىغان ھەم ROH دۇنيا چېمپىيونلوقىنى 21 ئاي داۋاملاشتۇرغان. TNAغا قوشۇلغاندىن كېيىن جوي يەنە 18 ئاي يېڭىلمەسلىك رېكورتىنى ساقلىغان (مۇسابىقىدە رەقىبى تەرىپىدىن بېسىۋىلىنمىغان ياكى يەرگە ئۇرۇپ تەسلىم بولمىغان). تاكى 2006–يىلىدىكى Genesis PPV دا كۇرت ئانگېل (Kurt Angle) نىڭ Angle Lock قۇلۇپ ماھارىتىگە چۈشۈپ قېلىپ يەرگە ئۇرۇپ تەسلىم بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.
سامويا جويجوي كەسپىي ھاياتىدا كۆپلىگەن چېمپىيونلوق شەرەپلىرىگە ئېرىشكەن، ROH دۇنيا چېمپىيونلوقى، TNA دۇنيا ئېغىر دەرىجىلىكلەر چېمپىيونلوقى، تۆت قېتىم X گۇرۇپپىسى چېمپىيونى، TNA دۇنيا قوش كىشىلىك چېمپىيونلوقى، 2005–يىللىق دەرىجىدىن تاشقىرى X Cup ئايلانما مۇسابىقىسنىڭ غەلىبە قىلغۇچىسى، 2008–يىلىدىكى King of the Mountain مۇسابىقىسنىڭ غەلىبە قىلغۇچىسى، TNA قاتتىق سۆڭەك ئەزىمەت نامىغا ئېرىشكۈچى.
CCS Enzuigiri
The Chimera Plex
Modified Tazmission
Choke Sleeper
دائىملىق ماھارەتلىرى:
The Joejigatamae
Dragon Suplex
The Island Driver (Emerald Frosion)
Running Corner Forearm Smash
Running Corner Yakuza Kick (Ole Kick)
Avalance Muscle Buster
Choke Sleeper Clutch
The Samoan Elbow
Stiff Strikes
Triple Strike Combo
Standing Release Sidewalk Slam
The Samoan Crab
Face Wash
Lariat[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.