1988-يىلى 2-ئايدا كانادانىڭ كالگاريدا ئۆتكۈزۈلگەن 15-نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ماھارەت كۆرسىتىش تۈرىدە جۇڭگو ماھىرى لى يەن ئاياللارنىڭ قىسقا يۈگۈرۈش يولىدا 1000 مېتىرغا تېز تېيىلىش تۈرى بويىچە چېمپىيون بولۇپ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ مۇسابىقە مەيدانىدا جۇڭگونىڭ دۆلەت شېئىرىنى ياڭراتقان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى لى يەن
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
تۇغۇلغان ۋاقتى 1966-يىل 9-ئاينىڭ 18-كۈنى
تەنھەرىكەت تۈرى قىسقا ئارلىققا تېز تېيىلىش
خەنزۇچە ئىسمى 李琰
يۇرتى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى
كەسپى تەنھەرىكەتچى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لى يەن ئېلىمىزنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتى ماكانى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان. 12 يېشىدا ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە مەكتىپىدە مۇنتىزىم مەشىق قىلغان. بىرقانچە يىلدىن كېيىن نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغاچقا، مۇدەنجياڭ شەھەرلىك تەنتەربىيە كوماندىسىغا تاللانغان. 1984-يىلى بىر قېتىملىق كېلىشمەسلىك ئۇنىڭ تەنھەرىكەت ھاياتىنى نابۇت قىلغىلى تاس قالغان. بىر قېتىملىق مۇسابىقىدە ئۇ ئەمدىلا ئايلانمىدىن تېيىلىپ ئۆتۈشىگە، كۈچلۈك مەركەزدىن قېچىش كۈچى ئۇنى مەيداننى توسۇپ قويغان تاختايغا ئاپىرىپ ئۇرغاندا، سول تىزىنىڭ مۇسكۇللىرى پۈتۈنلەي تىتىلىپ كېتىپ، ئاپئاق سۆڭىكى ئېچىلىپ قالغان. دوختۇرلار ئۇنى جىددىي قۇتقۇزۇپ، يارا ئېغىزىنى 47 يىپلىق تىككەن. ئەتراپتىكى نۇرغۇن كىشى ئۇنى ئەمدى مۇز مەيدانىدا كۆرۈنمەيدىغان بولدى دەپ قارىغان، ئەمما 16 ياشلىق بۇ قىزچاق بىر يىلدىن كېيىن مۆجىزىلەرچە مۇز مەيدانىغا قايتىپ كەلگەن.

1987-يىلى ئۇ دۆلەتلىك مەشىق كوماندىسىغا تاللانغان. شۇ يىلى دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، ئومۇمىي ماھارەتتە 15-لىككە ئېرىشكەن. 15-نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا لى يەن ماھارەت كۆرسىتىش تۈرىدە بىر ئالتۇن مېدال ئالغاندىن باشقا، يەنە ئىككى كۈمۈش مېدال ئالغان ھەمدە 1000 مېتىر بىلەن 1500 مېتىرلىق ئىككى تۈردە دۇنيا رېكورتىنى يېڭىلىغان. 

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#