پىفاگور

پىفاگور

پىفاگور ئېگەي دېڭىزىدىكى سامۇس ئارىلى (بۈگۈنكى گرېتسىيە نىڭ شەرقىي قىسمىدىكى كىچىك ئارال) دا تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىنلا ئەقىللىق، تىرىشچان بولۇپ، داڭلىق ئۇستازلاردىن گېئومېتىرىيە، تەبىئىي پەن ۋە پەلسەپە ئۆگەنگەن. كېيىن شەرقنىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە تەلمۈرۈپ، تاغ-دەريالارنى كېزىپ بابىل، ھىندىستان ۋە مىسىرغا كېلىپ، ئەرەب مەدەنىيىتى ۋە ھىندىستان مەدەنىيىتى، ھەتتا جۇڭگو مەدەنىيىتىدىكى مول ئوزۇقلۇقلارنى سۈمۈرۈپ، تەخمىنەن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 530-يىلى سامۇس ئارىلىغا قايتقان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى پىفاگور
باشقا نامى Pythagoras
تۇغۇلغان ۋاقتى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 572-يىلى
كەسپى مۇتەپەككۇر، پەيلاسوپ، ماتېماتىك، ئالىم
خەنزۇچە ئىسمى 毕达哥拉斯
دۆلەت تەۋەلىكى قەدىمكى يۇنان
ۋاپات بولغان ۋاقتى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 497-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پىفاگورمەيلى تاشقى ماددىي دۇنيانى چۈشەندۈرۈشتە، ياكى ئىچكى مەنىۋى دۇنيانى تەسۋىرلەشتە بولسۇن، ماتېماتىكا بولمىسا بولمايدۇ! بارلىق شەيئىلەرگە سان قائىدىسىنىڭ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئەڭ دەسلەپتە ھېس قىلغۇچى 2500 يىل ئىلگىرىكى قەدىمكى يۇنانىستان ماتېماتىكى، پەيلاسوپ پىفاگور(مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 572 −497) ئىدى. 

پىفاگور ئېگەي دېڭىزىدىكى سامۇس ئارىلى(بۈگۈنكى گرېتسىيىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى كىچىك ئارال) دا تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىنلا ئەقىللىق، تىرىشچان بولۇپ، داڭلىق ئۇستازلاردىن گېئومېتىرىيە، تەبىئىي پەن ۋە پەلسەپە ئۆگەنگەن. كېيىن شەرقنىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە تەلمۈرۈپ، تاغ-دەريالارنى كېزىپ بابىل، ھىندىستان ۋە مىسىر غا كېلىپ، ئەرەب مەدەنىيىتى ۋە ھىندىستان مەدەنىيىتى، ھەتتا جۇڭگو مەدەنىيىتىدىكى مول ئوزۇقلۇقلارنى سۈمۈرۈپ، تەخمىنەن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 530-يىلى سامۇس ئارىلىغا قايتقان. كېيىن ئىتالىيە نىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى كروتوندا ئولتۇراقلىشىپ، ئۆزىنىڭ ئىلمىي ئېقىمىنى بەرپا قىلىپ، بىر ياقتىن مائارىپ بىلەن، بىر ياقتىن ماتېماتىكا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. 

پىفاگورپىفاگور ۋە ئۇنىڭ ئىلمىي ئېقىمى ماتېماتىكىدا نۇرغۇن ئىجادىيەتلەرنى ياراتقان، بولۇپمۇ، پۈتۈن ساننىڭ ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىگە قىزىقىپ قالغان. مەسىلەن: (ئۆزىدىن باشقا) بارلىق كۆپەيتكۈچىلىرىنىڭ يىغىندىسى ئۆزىگە تەڭ بولغان سانلارنى مۇكەممەل سان (مەسىلەن: 6، 28، 496 قاتارلىقلار) دەپ ئاتىغان، ئۆزى كۆپەيتكۈچىلىرىنىڭ يىغىندىسىدىن چوڭ بولغان سانلارنى ئاشىدىغان سان دەپ ئاتىغان؛ كۆپەيتكۈچىلىرىنىڭ يىغىندىسىدىن كىچىك بولغان سانلارنى كېمىيىدىغان سان دەپ ئاتىغان. ئۇلار يەنە «تىك بۇلۇڭلۇق ئۈچبۇلۇڭدا ئىككى تىك تەرەپ كۋادىراتلىرىنىڭ يىغىندىسى يانتۇ تەرەپنىڭ كۋادراتىغا تەڭ» ئىكەنلىكىنى بايقىغان. غەربلىكلەر بۇنى پىفاگور تېئورېمىسى دەپ ئاتىدى، ئېلىمىزدە گۇگۇ تېئورېمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ھازىر ماتېماتىكىدا يەنە «پىفاگور ئۈچ نامەلۇملۇق سانلار گۇرۇپپىسى» ئۇقۇمى بار، بۇ تىك بۇلۇڭلۇق ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئۈچ تەرىپىنى ئىپادىلەيدىغان سانلار گۇرۇپپىسىنىڭ توپلىمىنى كۆرسىتىدۇ.

پىفاگور ئىلمىي ئېقىمىدىكىلەر گېئومېتىرىيەدە «تىك بۇلۇڭلۇق ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئىچكى بۇلۇڭلىرىنىڭ يىغىندىسى ئىككى تىك بۇلۇڭغا تەڭ بولىدۇ» دېگەن ھۆكۈمنى ئىسپاتلىدى؛ ئالتۇن بۆلۈش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلدى؛ مۇنتىزىم بەش تەرەپلىك ۋە ئوخشاش كۆپ تەرەپلىكلەرنى سىزىش ئۇسۇلىنى بايقىدى؛ ئۇنىڭدىن باشقا مۇنتىزىم كۆپ ياقلىقنىڭ مۇنتىزىم 4 ياقلىق، مۇنتىزىم 6 ياقلىق، مۇنتىزىم 8 ياقلىق، مۇنتىزىم 12 ياقلىق ۋە مۇنتىزىم 20 ياقلىقتىن ئىبارەت بەش خىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. 

پىفاگورپىفاگور ئىلمىي ئېقىمىدىكىلەر ساننى ئەڭ يۈكسەك، ئەڭ سىرلىق دەپ قارايدۇ، ئۇلار بۇنىڭدا پۈتۈن ساننى كۆزدە تۇتىدۇ. «سان مەۋجۇدات دېمەكتۇر» دېگەندىمۇ ئالەمدىكى تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەرنى پۈتۈن سان ياكى پۈتۈن سان نىسبىتى ئارقىلىق ئىپادىلەشكە بولىدۇ دەپ قارايدۇ. بىراق، ھىپوس ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچى تەرەپ ئۇزۇنلۇقى 1 بولغان كۋادراتنىڭ دىئاگونالنى پۈتۈن سان نىسبىتى بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايدىغانلىقىنى بايقايدۇ. بۇ مۇشۇ ئېقىمدىكىلەرنىڭ ئەقىدىسىگە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، ھەرقانداق ئادەمنىڭ(يەنى، ئىرراتسىئونال سان) نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئاشكارىلىشىغا بولمايدۇ دېگەن ئىنتىزام بەلگىلىنىدۇ. ساددا ھىپوس باشقىلار بىلەن سۆزلىشىۋېتىپ ئۆزىنىڭ بايقىشىنى ئېيتىپ قويىدۇ، نەتىجىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ، بىراق ناھايىتى تېزلا ماتېماتىكا ئىدىيىسىدىكى زور ئىنقىلابنى قوزغايدۇ. ئىلىم-پەن تارىخىدا بۇ ۋەقە تۇنجى ماتېماتىكا كرىزىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ھىپوسنىڭ ئۈچۈن ھاياتىنى قۇربانلىق قىلغانلىقىدىن بىزگە قالغان ساۋاق شۇكى، ئىلىم-پەننىڭ چېكى بولمايدۇ، كىمىكى ئىلىم-پەنگە چەكلەنگەن رايون بېكىتسە، شۇ ئىلىم-پەننىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىپ، ئاخىرىدا ئىلىم-پەن تەرىپىدىن دەپنە قىلىنىدۇ. 

ئەپسۇسكى، ئەقىل-پاراسىتى ئۇرغۇپ تۇرغان پىفاگور ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىغا بارغاندا، ئىلىم جەھەتتە مۇتەئەسسىپلىشىپلا قالماي، سىياسىي جەھەتتە يېڭى شەيئىلەرگە قارشى تۇرىدۇ، ئاخىر بىئەجەل ئۆلىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#