قاشقايلار

قاشقايلار

قاشقايلار ئىران ئىسلام جۇمھۇريىتىدە ياشىغۇچى  تۈركىي خەلىق،ھازىرقى نۇپۇسى تەخمىنەن: 2 مىليۇن00 5 مىڭ ئەتراپىدا بۇلۇپ، ئۇلار ئاساسەن،ئىراننىڭ پارس ئۆلكىسى،خۇزىستان ئۆلكىسى،ئىسپاھان ئۆلكىسى،شىراز شەھرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارغا توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى قاشقاي
ئىنگلىزچە نامى Qashqa'i 、Qashqay،Kashkai
تىلى تۈركىي تىللار گورۇپىسى قاشقاي تىلى
تارقىلىشى ئىران
خەنزۇچە ئاتىلىشى 卡什加人
دىنىي ئىتىقادى ئىسلام دىنى شىئە مەزھىپى
نوپۇسى 2مىليۇن 500 مىڭ
ئىرقى ياۋرۇپا ئىرقى ئوتتۇرا دىڭىز تىپى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قاشقايلار    قاشقايلار ئىران ئىسلام جۇمھۇريىتىدە ياشىغۇچى  تۈركىي خەلىقلەر ئىچىدە ئەزەربەيجان ۋە تۈركمەنلەردىن قالسىلا،سانى ۋە سىياسى نوپۇزى جەھەتتىن ، ئەڭ كۈچلۈك  ،كۆپسانلىقنى تەشكىل قىلغۇچى تۇركىي خەلقتۇر .ھازىرقى نۇپۇسى تەخمىنەن: 2 مىليۇن 00 5 مىڭ ئەتراپىدا بۇلۇپ، ئۇلار ئاساسەن،ئىراننىڭ پارس ئۆلكىسى،خۇزىستان ئۆلكىسى،ئىسپاھان ئۆلكىسى،شىراز شەھرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارغا توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان. ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى پارىس ئۆلكىسى پۈتۈنلەي  قاشقايلارنىڭ نۇپۇسى ئاستىدا.  قاشقايلار  ئىسلام  دىنىڭ شىئە مەزھىپىگە ئېتىقات قىلىدۇ، كۆپسانلىقى كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش ئۆتكۈزىدۇ. ئۇلار ئات يىتىشتۈرۈش،تۇقۇمچىلىق، يۇڭدىن گىلەم-پالاز تۇقۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

تارقىلىشىقاشقايلارنىڭ يۇرتى پارىس ئۆلكىسىنىڭ غەربىىي شىمالىدىن باشلىنىپ، شەرىقى جەنۇپقا قاراپ سۇزۇلغان. يەنى سەس ناھىييە، چىھار دۇنھە، كامفىرۇز، ئارداھان، كازىرون، فارراسىبەند، ماھلا ئەرباچا، قىروز ئاباد، مەيمەنىد، ئەفرەز، ھونىچ، ماھۇرمىلانى قاتارلىق يەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ جايلارنىڭ بەزىلىرى يايلاقلارنى ، يەنە بەزىلىرى يېزا – قىشلاقلارنى تەشكىل قىلىدۇ.خانلار فىروز ئاباددا قىشلايدۇ.قاشقايلارنىڭ بۇ يۇرتلىرى بۈگۈنكى زامانغا قەدەر ئىران ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ۋىلايىتى قاشقاي» نامى بىلەن ئاتىلىپ ئايرىم بىر بۆلگە (رايۇن) قاتارىدا سانالماقتا.

   قاشقاي ۋىلايىتى- خەمسە ۋىلايىتى ،كۇھئى-گەلۇيا ۋىلايىتىدىكى ئاغاچەرى قارا كۆزلۈك ۋە باشقىلار بىلەن بىرلىكتە قۇم ۋىلايىتىنىڭ خالاجىستان بۆلىكىدىكى خالاچ تۈركلىرى قوشۇلۇپ ،بۈيۈك قاشقاي دەپ ئاتىلىدۇ .

پارىس ۋىلايىتىنى قاپلىغان قاشقاي تۈركلىرىنىڭ قىشلاقلىرى باسىرا دېڭىزدىن تارتىپ جىلاھدارغا قەدەر سۇزۇلغان، يايلاقلىرى بولسا شەرقى شىمالدا بەختىيار  بىلەن تاماسا ،قۇمغا قەدەر 480 كىلومىتىردىن 1000 كلومېتىرغا سۇزۇلغان . تەخمىنەن 300 مەھەللە 15 شەھەردىن تەركىپ تاپقان.

       قاشقاي ئېلى پارىس دېڭىز قولتۇغى قىرغاقلىرىدىن باشلاپ،ئىسپاھان ۋە بەختىيار بۆلگەلىرىنىڭ جەنۇپلىرىغا قەدەر بولغان كۆلەمدە يېيىلغان. زاگروس تاغلىرىنىڭ بىر بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن  ئىگىز چوقىلىرى بىلەن دېڭىز ساھىللىرى بۇ ئەلنىڭ چېگرا سىزىقىدۇر.      شىراز ئوتتۇرا-مەركەز قىسىم بۇلۇپ ،قاشقايلارنىڭ تۇرۋاتقان يەرلىرىنى ئۈچ قىسىمغا ئايرىش مۈمكىن.      1-قاشقاي يايلاق بۆلگۈسى: بۇ شىرازنىڭ شىمالىدىن باشلىنىپ ،زاگروس تاغلىرىغىچە قەدەر ئۇزۇنغا سۇزۇلغان.بۇ بۆلگۈدىكى ئولتۇراقلاشقان يەرلىرى : سىپىدان،بەرۇچەر، سەمىرون ، ئابەدە ۋە موردەشتتۇر.2-قاشقاي قىشلاق بۆلگىسى: بۇ شىرازنىڭ جەنۇبىدىن باشلىنىپ ،فارس دېڭىز قولتۇغىغا قەدەر ئۇزۇن بىر بۆلگە ۋە شۇ جايلادىكى شەھەر-بالىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بۇلار ، جەھروم ،فرۇزئاباد ،كازرون ،مۈمەسنا ،بەھبەھان ،كەچسەران ،دۇگون بەدەن ،رامھۈرمۈز ،بۇ شەھىر، كونگان ۋە دەشتسەناندۇر.3- ئوتتۇرا –مەركىزى قىسىم : شىراز ئەتراپى،دەشتى ئەرجان ۋە مەرۇدەشت شەھەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .

       ئۇلار قىش ئايلىرىنى ئىران دېڭىز قولتۇغىنىڭ شەرقىدىكى زاگروس تاغلىرىنىڭ شەرىقى ئىتەكلىرىدە ئۆتكۇزسە ،ئىللىق باھارنىڭ كېلىشى بىلەن شىمالغا سۈرلۈپ يازنى ئىسپاھان تەۋەسىدە ئۆتكۈزۈدۇ. قىش باشلانسا تەكرار يەنە جەنۇپقا كۆچىدۇ.بۇھالەت تەكرارلىنىدۇ .

ئىراندا 1982–يىلى ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق نۇپۇس تەكشۈرۈشتە ،200 مىڭ كىشى قاشقاي(كاشغاي) تىلىنى ئۆزىنىڭ ئانا تىلى دەپ قارىغان. يەنە ،1997–يىلى ئېلىپ بېرىلغان ئايرىم بىر تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا 1 يېرىم  مىليۇن كىشى  (كۆچمەن ۋە مۇقۇم ئولتۇراقلاشقانلارمۇ بۇ ساننىڭ ئىچىدە) نىڭ قاشقاي تىلىنى قوللۇنىدىغانلىقى كۆرسۈتۈلگەن

يەنە شۇ يىلى ئىراندا تەكشۈرۈشتە بولغان گۇننار .يارىڭ  قاشقايلار (kashkay) نۇپۇسى ھەققىدە توختۇلۇپ :«قاشقايلار نۇپۇسىنىڭ 1997 –يىلى 1 يېرىم مىليۇن ئىكەنلىكىنى» ئوتتۇرغا قۇيىدۇ 8.

2003–يىلى ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا بىر يېرىم مىليۇندىن 2 مىليۇن كىشىنىڭ  (كۆچمەن ۋە مۇقۇم ئولتۇراقلاشقانلارمۇ بۇ ساننىڭ ئىچىدە) قاشقاي تىلىنى قوللۇنىدىغانلىقى كۆرسۈتۈلگەن.

بۈگۈنكى نۇپۇس سانلىرى 2مىليۇن 500مىڭ  بۇلۇپ ،بۇ سان ئازەربەيجان نۇپۇسىغا قۇشۇلمايدۇ. بۇئىران ئومۇمىي نۇسىنىڭ 2%نى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە قاشقاي بۆلگەسىدە  پارس بولمىغان توپلار قاشقاي ئورتاق نامى ئاستىدا ئېلىنىشقا باشلىغان، 

   نۇپۇس  سانلىرى  ئېنىق بىلىنمىگەن  قاشقاي كۆچمەنلىرىنىڭ  3 مىليۇن ئەتراپىدا نۇپۇسلىرى بولغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

قاشقاي تىلى ئىراندا ياشىغان 3 يېرىم مىليۇن قاشقايلار تەرىپىدىن قوللۇنىدىغان تۈرك تىلى( 2007-يىللىق نۇپۇس تەكشۈرۈش ،تەتقىقات نەتىجىسى) بۇلۇپ،ئازەربەيجان تۈركچىسىگە بەك يېقىن بولغان بىر تىلدۇر. دىمەك ،قاشقايلارنىڭ نۇپۇسى ھازىرغىچە ئېنىق بولمىغان بىر مەسىلە بۇلۇپ ،داۋاملىق تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە بۇلۇپ تۇرماقتا.

قاشقايلارنىڭ  ئانا تىلى قاشقايچە بۇلۇپ، ئىراندىكى باشقا  تۈركى تىللاردىن سەل پەرىقلىنىدۇ،قاشقاي تىلىمۇ باشقا  تۈركى تىللارغا ئوخشاش پارس تىلىنىڭ چوڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ،قاشقايلار ئۆزئارا ئالاقىدە ئۆزىنىڭ  قاشقاي تىلىنى قوللانسىمۇ،ئەمما  مەكتەپلەردە پارس تىلى قوللۇنىدىغانلىقى ئۈچۈن ( ئىراندىكى تۈركى خەلقلەرنىڭ ئۆز ئانا تىللىرىدا ئوقۇيدىغان ئوقۇل-مەكتەپلىرى يوق) ،ھامان  پارس تىلىنى قوللۇنىشقا مەجبۇر .شۇڭا قاشقايلار ھازىر ئىككى تىللىق بۇلۇپ ، قاشقاي تىلىدىن باشقا ،يەنە رەسمىي تىل بولغان پارس تىلىنىمۇ قوللىنىدۇ. قاشقايلارنىڭ  يېزىقى يوق بىر تىل دەپ قارالغان بولسىمۇ ،ئەمما بۇنىڭ ئەكسىچە ،ئۇلارنىڭ ئەرەپچە ھەرىپ بىلەن يېزىلغان بەزى ماتىرياللىرىنىڭ بارلىقى ھەققىدە ئىسپاتلار  بولماقتا. ئۇلار «گۆر ئوغلى» ،«غېرىپ-سەنەم» داستانىنى ئوقۇيدۇ. قاشقايلاردىن مىرزا جىھانگىر خان قاشقايى، ۋە مىرزا مەزۇن قاشقايى قاتارلىق بۈيۈك سۆز ئۇستىلىرى يىتىشىپ چىققان.

ئەمما ھازىر قاشقايلارنىڭ بەزى قىسىملىرى تۈرلۈك سەۋەپلەر سەۋەبىدىن پارسلىشىقا قاراپ يۈزلەنگەن .قاشقايلار ئارىسىدا ئازەربەيجان تىل- شىۋىسى ياشلىرىنىڭ قوللىنىدىغان  تىلى بۇلۇپ يۈزلەنمەكتە.

قاشقاي تارىخىقاشقايلار ئەڭ دەسلەپ سافەۋى تۈرك دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى شاھ ئىسمايىل زامانىدا تارىخ سەھنىگە چىققان. شاھ ئىسمايىل پارىس بۆلگەسىنىڭ يەرلىك خەلقى ھىساپلانغان ھەرقايسى تۈرك قەبىلە –قوۋىملىرىنى قوللىغان، نەتىجىدە ئۇلار قاشقاي نامى بىلەن ئاتىلىشقا باشلىغان.

جانى ئاغا قاشقايدىن باشلاپ ،قاشقاي خانلىرى ھەر زامان ئىراننىڭ جەنۇبىدا ئۈنۈملىك بىر سىياسى ۋە ئەسكىرى كۈچكە ئىگە بۇلۇپ ،كۆپ ۋاقىت  پارىس بۆلگەسىنىڭ تىزگىنىنى قوللىرىدا تۇتۇپ تۇرغان..18- ۋە 19 –ئەسىرلەر قاشقايلارنىڭ ئىراندا ئەڭ كۈچلەنگەن دەۋرى ئىدى. 

ئۇلارنىڭ دەسلەپكى رەئىسلىرى خىندىستان بىلەن قېرىندىشى ئىسمايىلخان بۇلۇپ ھەر ئىككىلىسى كەرىمخان زەنىد (ئۆلۈمى 1779-يىلى) زامانىسىدا ياشىغان.

زاندييە  دەۋرى (1750-1794)نىڭ ئاخىرىدا مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى ھەسەن خان ئىلى بۇلۇپ تاشلانغان ،ئىسمايىلخاننىڭ كۆزلىرىگە مىخ تىقىلغان. 

19-ئەسىر باشلىرىغىچە قاشقاي ئېلى خانلىرى  شوھراب خان،داراپخان ۋە دارابخاننىڭ ئوغلى ئىسمايىلخانئۇلارنىڭ كىيىنكى ئوغۇللىرى جانى خان (1823-1884) ئۇنىڭ ئوغلى مۇھەممەت ئالى خان (2-ئۆلۈمى1851 ) قېرىندىشى مۇھەممەت قۇلى خان (ئۆلۈمى 1867-68 ) بۇلارنىڭ كىيىنكى ئوغلى سۇلتان مۇھەممەت خان 19-ئەسىردىكى ئەڭ تۇنۇلغان قاشقاي رەئىسلىرىدۇر .

بۇلاردىن مۇھەممەت ئەلىخان بىلەن ئوغلى جاھانگرخان قاچارلارغا ئۆيلەنگەن. قاشقايلارنىڭ باشقا بىر دۈشمەنلىرى كىيىنكى زامانلارغا قەدەر شىمالى قوشنىلىرى بەختىيارلار بولغان . ئىراندا باشقۇرۇش ئىدارىلىرى قۇرۇلغىچە كىسىم قانۇنى  مەجلىسدە قاشقايلارنىڭ  خان  ئائىلىسىدىن  ھاجى كەرىم خان ۋەكىل بۇلاتتى .

1-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرىدا ،قاشقايلار ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق ئالدىدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشى بىلەن پارىسلار ئېنگىلىز ئىشغال كۈچلىرىدىن يېڭىلىدى .

رىزاھ شاھ باشقا ئايماق ۋىلايەتلەرگە ئوخشاش قاشقايلارنى تامامەن ئۆز قول ئاستىغا ئالدى (1930-يىلى )قاشقايلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇپ، 2-خان سەۋلاتۇن-دەۋلە تېھرانغا كەللتۇرۇلۇپ قاماققا ئېلىندى ،ئوغۇللىرىنى خاننى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر قىلدى .

1940- يىللىرىدىن كېيىن قاشقايلارنىڭ كۆچۈش يوللىرى رىزاھ شاھ تەرىپىدىن كېسىپ تاشلانغان.

2-دۇنيا ئۇرۇشىدا رىزاھ شاھنى تەخىتتىن چۈشۈرۋېتىپ، ھەپسىدە ۋاپات بولغان سەۋلاتۇت دەۋلەتنىڭ ئوغۇللىرىنى ئىرانغا كەلتۈرپ، بۇلاردىن ناسىرنى2–خان قىلىپ تەيىنلەپ ،قاشقاي ئېلىگە رەھبەرلىك قىلىشقا قويغان  .

1941-يىلدىن كېيىن بولسا ناسىر خان يەنە خانلىق تەخىتكە چىققان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قاشقاي ئېلى، قاشقاي خانلىرى قاشقاي لار تۈرلۈك بېسىملار تۈپەيلىدىن ،ئەسلىدىكى ئادەتلىرى بويىنچە ،يەرلەشكەن ھاياتتا تۇرمۇش كۈچۈرۈشكە باشلىغان.

2-دۇنيا ئۇرۇشىدا قاشقايلار گېرمان ئاگېنتلىقىدىن مىللى ئەنئەنىلىرىنى قوغداپ قېلىشنى ئۆتۈنۈپ،  ئەنگىلىزلارغا تەسلىم بولمايدىغانلىقىنى ،ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . تۈركىيە ئەلچىسىنىڭ ئوتتۇرغا چۈشىشى بىلەن قاشقايلار بۇ تەھدىتتىن 1943-يىلى قۇتۇلغان .

1963-يىلىغا كەلگەندە ئىران ھۆكۈمىتى قاشقايلار ئارىسىدا يەر ئىسلاھاتىنى ئېلىپ بېرىشقا كىرىشكەن . يەرلەرنى تەخسىملەش بىلەن قاشقايلارنىڭ سىياسى ئورنىغا چىقىماقچى بولغان .قاشقايلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، ھۆكۈمەت تەرەپتىن ھاۋا، قۇرۇقلۇق ھەركىتى قوزغىغان .بۇنىڭ نەتىجىسىدە قاشقايلار قوراللىق ئېتىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىراننى  خان ئائىلىسى بىلەن يېڭىباشتىن تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان . كۆپلىگەن قاشقايلار قانلىق قىرغىنچىلىقتا جانىدىن ئايرىلغان.

1979-يىلدىكى  ئىران ئىسلام ئىنقىلابىغا قەدەر ، قاشقايلار رىزا شاھنىڭ قاتتىق باشقۇرۇش ئاستىدا بولغان ،ھەرقايسى شەھەر ،يېزىلارغا مەجبۇرى تارقاقلاشتۇرۇپ ،يەرلەشكەن ھاياتقا ئۆتۈشكە زورلانغان.ئىسلام ئىنقىلاۋىدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن تارقاقلاشتۇرۇلغان قاشقايلار يەنە تەكرار توپلۇنۇپ ،باشقا ئۆلكىلەرگە كۆچكەنلەر قايتىپ كېلىپ، ئىسلام جۇمھۇريىتى باشقۇرغۇچىلىرى بىلەن كۈرۈشۇپ ،يەنە ھۆكۈمەتكە ياردەمچى بۇلۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بۈلدۈرگەن. بۇ پىكىر بىرلىكى ئۇزۇن داۋاملاشمىغان،1982-يىلى شىراز ۋە فىرۇزئاباد ئەتراپلىرىدا قاشقايلار بىلەن  ئىران ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى ئوتتۇرسىدا ئۇرۇشلار مەيدانغا كەلگەن.قاشقايلارنىڭ ئېل خانى-خۈسراۋخان زىندانغا تاشلىنىپ،1982-يىلى شىرازدا ئۆلتۈرۈلگەن.

   شۇندىن بۇيان «قاشقاي خەلقى جەمىيىتىدە ،تىللىرىنى قوللۇنۇش مەئىي قىلىنىپ ،يەرلىرى تارتىپ ئېلىنىپ ،چارۋا ماللىرى ئۆلتۈرۈلۈپ ، تىگىشلىك يەرلىرى ،يايلاقلىرى زورلاپ تارتىۋېلىنىپ، ئاھالىلىرى كۆچۈرۋېتىلىپ ،بېسىم ۋە ئىسكەنجە ئاستىدا  ئىڭرىماقتا .ئۆز ھەق- ھۇقۇقلىرىنى قوغداش يۇلىدا تىرشماقتا. باشقا تۈرك خەلقلىرى ۋە قېرىداشلىرىدىن  بۇ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشقا ياردەم قىلىشنى ئارزۇ قىلماقتا.» 

بۇھەقتە تۈركىيەلىك تارىخ تەتقىقاتچىسى مەلىك ئاق دېڭىز، قاشقايلار ھەققىدە توختۇلۇپ:«قاشقايلارنىڭ يازما تارىخى يوق،ئەمما سۆزلۈك بۇلۇپ ئەۋلاتتىن –ئەۋلاتقا ئېغىزچە تارقىلىپ  داۋاملىشىپ كەلگەن بىر تارىخى بار. بۇنىڭغا كۆرە، چېڭگىزخاننىڭ ئالدىن يۈرەر قوشۇنلىرى  چىن turkدىن كېلىپ، ئافغانىستانغا ۋە شىمالىي ئىرانغا تارقالغان.ئىراننىڭ غەربىي شىمالىي چېگرىسىدا ئەزەربەيجانغا يەرلەشكەن،1600–يىللىرى جەنۇپقا كېلىپ يەرلەشكەن،16 –ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا بولسا ،جەنۇپتىكى  يەرلىرىنى پورتىگالىيەلىكلەردىن قۇتقۇزۇشنى ئىستىگەن شاھ ئىسمايىل ئۇلارنى جەنۇبىي ئىرانغا  يۆتكىگەن. تارقاق ھالەتتە بولغان قاشقايلار 18– ئەسىردە جانى ئاغا تەرىپىدىن  ئۇيۇشتۇرلۇپ، بىر خانلىق قۇرغان، جانى ئاغا قاشقاي بولسا  بۇ خانلىقنىڭ  دەسلەپكى  ئېل خانىدۇر ».

ئىرانلىق تارىخچى سائد نەفىسى، 1607- 1618يىللار ئارىسىدا ئوسمان تۈركلىرى بىلەن ئىران ئۇرۇش ۋاقتىدا قاشقايلارنىڭ  ئوسمان تۈركلىرى بىلەن بولغان يېقىنلىقى سەۋەبىدىن ،شاھ ئابباس تەرىپىدىن ئىراننىڭ جەنۇبىي ئەللىرىگە كۆچۈرۈلۈپ ئەزەربەيجاندىن يىراقلاشتۇرۇلغانلىقىنى يازغان.

دوكتۇر .ھاشمېتۇللا تابىبى«قاشقايلار چىڭگىزخان قوشۇنلىرىدىن ۋە ياغمىلاردىن قېچىپ ، موغۇلىستاندىن ۋە turkدىن بۇ زىمىنغا كەلگەن» دەپ كۆرسەتسە،ئاخمەت جافەر ئوغلۇمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش قاراشلاردا بولغان. فرانىك.جىنشور (Franc-Jean Shor) «قاشقايلار چىڭگىزخاننىڭ ئالدىدىن يۈرگۈچى قۇشۇنلىرى ئارىسىدا چىن turkدىن كېلىپ ،ئافغانىستانغا ۋە شىمالىي ئىرانغا تارقالغان. ئىراننىڭ غەربىي شىمال چېگراسىدا ئازەربەيجانغا يەرلەشكەندىن كېيىن 1600-يىللاردا جەنۇپقا كېلىپ  ھازىرقى يەرلىرىگە يەرلەشكەن»دەيدۇ.

   م.مەنسۇر،1953-يىلىدا م.ت.شۇتىن ( M.T Shooten)  گە بەرگەن مەلۇماتىدا :«قاشقايلارنىڭ ئىرانغا كەلگەن ۋاقىتلىرىنىڭ 12- ئەسىردىكى چىڭگىزخان باسمىچى قۇشۇنلىرىنىڭ باستۇرۇپ كېلىشى  بىلەن باغلىنىشلىق بۇلۇپ،بۇ باستۇرۇپ كېلىش نەتىجىسىدە قاشقايلارنىڭ كافكاز تاغلارى ئېتەكلىرىگە يەرلەشكەنلىكىنى،كېيىن ئەردەبىل بۆلگەسىدە ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپ قالغانلىقىنى ،16-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا شاھ ئىسمايىل سەفەۋى (1501-1524)  تەرىپىدىن پورتىگالىيەنىڭ ئىران دېڭىز قولتۇغىدىن پارس ۋىلايەتلىرىنى ئىگەللەش ئۈچۈن كۆچۈرۈلگەنلىكىنى » بىلدۈرىدۇ. سەئىد نەپىسى، كافكازىيەدىن ئىرانغا كۆچۈرۈلۈش سەۋەبىنىڭ   1607-1618 يىللار ئارىسىدىكى ئوسمانىيە -ئىران ئۇرۇشى ۋاقتىدا قاشقايلارنىڭ ۋە قاچارلارنىڭ ئوسمانىلار بىلەن يېقىن بولغانلىقىنى، شۇ سەۋەپتىن ئازەربەيجاندىن يىراقلاشتۇرۇلغانلىقىنى يازغان.

  تارىخىي مەلۇماتلارغان قارىغاندا قاشقاي نامى ئەسلىسدە كاشكا-قاشقا ،كاشغەر –قاشغەر دەپ ئاتالغان ،غەربىي ئاسىياغا كۆچۈپ بارغان قاشقا-كاشغەر ئۇيغۇرلىرى ، پارىسچە ئەسەرلەردە قاشقاي( قشقائى، Qashqāī) نامى بىلەن، تۈركچە   Kaşkay (كاشكاي) ،kaşğay(كاشغاي) ،kaşğer ( كاشغەر) دېگەن شەكلىدە قوللۇنۇلىدۇ. ئىراندىكى قاشقالىقلار بولسا، ياۋرۇپالىق ئالىملاردىن ، ۋ .رادلوف  ۋە ۋ. بارتولىد -تەرىپىدىن ئوچۇق قىلىپ قاشقاي دەپ مۇقىملاشتۇرۇلغان . (ۋ.بارتولىد ، ۋ .رادلوف : «ئىسلام ئېنىسكلوپىديىسى» لۇغىتى قاشقايلار( Qashqaylar) قىسم  تەتقىقاتلارغا قارىغاندا ، قاشقاي- قاشغاي نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە ھەرخىل قاراشلار مەۋجۇت.

1)

بەزى مەنبەلەردە «قاشقاي» ۋە «قاچقاي» نامى «قاچماق» دېگەن سۆزدىن كەلگەن بۇلۇپ تەلەپپۇز بۇزۇلۇشتىن «قاچقاي» ۋە «قاشقاي» شەكلىگە كەلگەنلىگىنى بىلىش مۈمكىن دەپ قارىسا،  يەنە بەزى مەنبەلەردە  «قاشقاي» نامى شىمالىي ئەزەربەيجاندىكى ساۋالاننىڭ غەربىدىكى «گاشغاتاغ»Gashgha tagh)) ئىسمى بىلەن باغلىنىشى بار.«قاشقاي»لارنىڭ «قاشقاشە» دەپ ئاتالغان يامۇت قەبىلىسىدىن بولغانلىقى ئۈچۈن،«قاشقاي» دەپ ئىسىم قويۇلغان دەيدۇ. مورىسدېن،يەرلىك مەنبەلەرگە تايىنىپ،«قاشقاي» نامىنىڭ ئەڭ دەسلەپ  جانى ئاغا قاشقاي ئىسىملىك،شاھ ئابباسنىڭ باشقۇرۇشىدىكى مەھەللە ئاقساقىلى(باشلىقى)نىڭ نامىدىن ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

يەنە بەزىلەر قاشقاي نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ  «كاشكا-قاشقا(قاشغەر) شەھرى ۋە ئۆزبېكىستاندىكى كاشكا (قاشقا) دەريا بىلەن مۇناسىۋەتلىك» دەپمۇ قارايدۇ. 

«قاشقاي» نامى«قاشقا ئات »(كاشكا ئات) سۆزىدىن ئېلىنغان دېگەن  قاراش.

يۇقارقى قاراشلار ئىچىدە ،1)  قاشقاي سۆزى «كاچ»(قاچ) پىئىلىدىن زامانلارنىڭ ئوتۈشى بىلەن «كاشكاي»(قاشقاي) شەكلىدە تەلەپپۇز قىلىنغان دېگەن پىكىر توغرا بىر تاللاش ئەمەس. تۈرلۈك تارىخى دەۋېرلەردە ، جەنۇبىي ئىراندىكى ،قاشقاي ئېلىگە تۈرلۈك سەۋەپتىن پانالىق ئىزدەپ كۆچكەن قەبىلە-قوۋىمنىڭ بولىشى مۇمكىن.بۇلار قاشقا- قەبىلە ئىسمىنى قوبۇل قىلغان.ئۇلارنىڭ تەركىبىگە قۇشۇلغان. كېيىن بۇلار ئىران ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «قاشقاي» ئورتاق نامى بىلەن ئاتىلىشقا باشلىغان.

2)

«قاشقاي» نامى شىمالىي ئەزەربەيجاندىكى ساۋالاننىڭ غەربىدىكى«گاشغاتاغ»Gashgha tagh)) ئىسمى بىلەن باغلىنىشى بار.«قاشقاي»لارنىڭ «قاشقاشە» دەپ ئاتالغان يامۇت قەبىلىسىدىن بولغانلىقى ئۈچۈن،«قاشقاي» دەپ ئىسىم قويۇلغان دەيدۇ.بۇ خىل قاراشنىڭ ئىلمىي ئاساسى يوق.بەلكى ئۇلارمۇ قەشغەردىن كۆچۈپ بارغان ئۇيغۇرلار بۇلىشى،ئۇزۇن تارىخى تەرەققىياەت تۈپەيلى ئازەربەيقان تۈركلىرى دەپ قارالغان بولسا كېرەك. 

3)

قاشقاي نامىنىڭ جانى ئاغا قاشقاي نامىدىن ئېلىنغان دېگەن پىكىر ھىچ بىر ئىلمىي تەلىماتقا تايانمىغان. قاشقاي نامى ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ بار ئىدى.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۆزى چىققان قەبىلە–قەۋىم ،يۇرت نامىنى ئۇلۇغلاپ ،ئۆزىنىڭ قاشغەر-قاشقالىق ئىكەنلىكىنى بۈلدۈرۈش ئۈچۈن، ئۆز ئىسمى نامىغا قاشقاي نامىنى قوشۇپ ئاتىغان.

4)

قاشقاي نامى كېلىپ چىقىشى  جەھەتتىن ،«كاشكا-قاشقا(قاشغەر) شەھرى ۋە ئۆزبېكىستاندىكى كاشكا (قاشقا) دەريا بىلەن مۇناسىۋەتلىك» دېگەن قاراش ھەقىقەتەن توغرا.«قاچقاي» نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى،تارىخىي ۋە جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن ، كاشكا-قاشقا-«كاشغار»(قەشقەر) شەھرى بىلەن  مۇناسىۋەتلىك. «قاشقا»لىقلار ئۆز ۋاقتىدا كاشكا) قاشقا (-«كاشغار» شەھرى ئەتراپلىرىدا ئولتۇراقلاشقانلىقى ئۈچۈن ، «قاشقا» دەپ ئاتالغان. كاشكا-قاشقا-كاشغار(قاشقەر) شەھرى ۋە ئۆزبېكىستاندىكى قاشقا دەريا ئەتراپى جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن باغلىنىشلىق بۇلۇپ ،يەنە مىللەتداشلىق جەھەتتىنمۇ بىر خەلق ئۇيغۇرلار ئىدى .(ئۇلار 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مىللەتكە ئايرىش ئۇستىلىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەت توپىنى پارچىلاپ باشقۇرۇش سىياسى تاكتىكىسى بويىنچە ،پەرغانە ۋادىسىدىكى (ھازىرقى ئۆزبېكىستان تەۋەسىدە) ئۇيغۇرلار  تۈرلۈك ئامال ،مەجبۇرلاش بىلەن قەستەن ، ئۆزبىك مىللىتى دېگەن يېڭى ،قۇراشتۇرما ،سىياسىي نام بىلەن ئاتالدى .ئۇ جايلاردىكى كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار تۈرلۈك سەۋەپلەرگە كۆرە ،ئۆزبېك دەپ ئاتىلىشقا مەجبۇرلاندى،  ئوخشاش تىل،-يېزىقىقا ،مەدەنىيەتكە ،ئېتىقاتقا ئىگە بىر خەلىق ئۇيغۇر تۇرۇپلا ئىككى مىللەتكە ئايرىپ تاشلاندى.ئۇيغۇر تىل –يېزىغى،ئۆزبېك تىل يېزىغى دېگەن تىل –يېزىق كەشىپ قىلىندى، پەرىقلەر كۈچەپ كۆرسىتىلىپ،ئۆزبېك مىللەتچىلىگى تەرققىي قىلدۇرۇلدى. ھازىرمۇ پەرغانە ۋادىسىدىكى كىشىلەر ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئۇيغۇر –قاشقالىق ئىكەنلىكىنى بىلىشىدۇ،.... ئاتالمىش ئۆزبېك تىلى ،ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر تىلىنىڭ بىر شىۋىسىدۇر.مەھمۇد كاشغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ،ئەل بىرونى دەۋرىدە پەرغانە ۋادىسىدا  ئۆزبېك  دەيدىغان ئېتنىك نام ،ئۇرۇق –قەبىلە ياكى مىللەت يوق،بەلكى ئۇيغۇرلار دېگەن مىللەت بار.)   

5)

«قاشقاي» نامى«قاشقا ئات »(كاشكا ئات) سۆزىدىن ئېلىنغان دېگەن  قاراش. ئۆتكەن قېدىمكى زاماندا ھەرقايسى كۆچمەن قەبىلىلەرنىڭ  كۆپ قىسمى ئۆزلىرىنى ھايۋانلار ئېتى ۋە رەڭگى بىلەن ئاتالغان. قەبىلىلەر ئاتلىق قوشۇنلاردىن  تۈزۈلگەن بۇلۇپ ،ئۇلار تۇرىۋاتقان ئورنى ياكى  ئاتلىرىنىڭ رەڭگىگە قاراپ تۈر ۋە سەپلەرگە ئايرىلغان. بۇ ئادەت ھونلار،تۈركلەر، ئۇيغۇرلاردا داۋاملىشىپ كەلگەن ،سەپنىڭ ئالدىدا« ئاق ئاتلىق» ياكى «قاشقا ئات»لىق بۇلاتتى . بۇنداق ئاتلىقلار «قاشقا ئاتلىقلار» -دەپ ئاتىلاتتى ، ئەل زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن  بۇ سۆز قىسقىراپ «قاشقا»،ياكى «قاشقاي» دەپ ئاتالغان . قاشقايلارنىڭ بىر قىسمى كۆچمەن ،سودىگەر خەلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ،كېيىنكى يىللارغا قەدەر بەك كۆپ ئات يىتىشتۈرگەن (سىرىتقى ئەللەرگە ئات چىقىراتتى) بالىلىرى بەك كىچىك ياشلاردا ئات مىنىدىغان ، بولۇپ ئېلىم-سېتىم ئىشلىرىغا ئارىلاشتۇرىلاتتى.قاشقالاردا «قاشقا» دىمەك ئات دىمەك،ئات دىمەك« قاشقا» دىمەك ،دېگەن گەپلەر بار. بۇنىڭدىن قارىغاندا ،قاشقاي سۆزىنىڭ «قاشقا ئات»  سۆزىدىن كەلگەنلىكىنى كۆرۈش  مۈمكىن. ھازىرمۇ ئۇيغۇر خەلقى ئاتنىڭ بىر تۈرىنى «قاشقا ئات» دەپ ئاتايدۇ ، بۇ ئاتنىڭ  باش تەرىپىدە ئىككى كۆزى ئوتتۇرسىدا يۇمۇلاق ئاق بەلگە بۇلىدۇ .مەھمۇد قەشغەرى ،«ئات ئەلنىڭ قانىتى»دەيدۇ . جەنۇبىي ئۇيغۇر بۆلگەلىرى يېزا ،كەنىدلىرىدە جۈملىدىن ئاقسۇ ،ئۇچتۇرپان، كەلپىن،باي قاتارلىق جايلار  تەۋەسىدە «قەشقەر» نى،«قاشقا» دەپ ئاتايدىغانلار  ھازىرمۇ خېلى كۆپ . شىمالىي ئۇيغۇر يۇرتلىرى تەرەپلىرىدىمۇ جۈملىدىن ئىلى،قاراسۇ( شىخو)قاتارلىق تەرەپلەردىمۇ «قاشقا» ،«قاشقالىق» دەپ ئاتاشلار بار . بۇ ئەھۋال ئاتاغلىق يازغۇچىمىز ،زوردۇن سابىرنىڭ «ئانا يۇرت» رۇمانىدىمۇ كۆپلەپ تىلغا ئېلىنىدۇ.بۇنىڭدىن قارىغاندا، «قەشقەر» نامى ، كاشكا-قاشقا دىن كاشغەر-كاشغار(قاشقەر) گە ئۆزگەرگەن. ئىراندا بولسا ،قاشقا ،قاشغاي، ئاخىرىدا قاشقاي دەپ مۇقىملاشتۇرۇلغان.

   قاشقاي ئېلىنىڭ باشىدا ئەل خان،قەبىلىلەرنىڭ باشىدا قەبىلە بېگى، ئاۋۇللار باشىدا بايلارنىڭ ۋە دۆلەت ئەرباپلىرنىڭ ئىشىنى باشقۇرغۇچى كەتھۇدا ئۇنۋانلىق رەئىسلەر بار. ئېل بېگى بولسا خاننىڭ ۋەكىلى بۇلۇپ، ئېلنى ئىدارە قىلىش ئۇنىڭ ئىلىكىدە.يەنە ئېل بېگى خاننىڭ ئوغلى ياكى قېرىندىشى ، ئەڭ يېقىن تۇققانلىرى ئۈستىگە ئالاتتى.ئېل خانى مۇتلەق خان ئائىلىسىدىن بۇلۇپ، خان بۇلۇش سالاھىيتى شاھلار تەرىپىدىن تەيىنلىنىدۇ.

قاشقايلار  كۆپ نۇپۇسلۇق ،كۆپ قەبىلىلىك بۇلۇپ ، ئۇلار كۆپلىگەن قەبىلە ۋە  چىدىرلاردا ياشايدىغان كۆچمەن خەلىقلەردىن تەركىپ تاپقان ئاۋوللاردىن مەيدانغا كەلگەن.ئۇلار : كاشكۇلى، دەرەشۇلى ،كەللەزەن ،سافىخانلۇ ،مۇسلۇ ،شەش بۆلۈكلۇ ،لەشنى ،جافەر بەگلىرى،فارسىم ئەدان،ئامەلە، لىراۋىدۇر .مۇقىم ئولتۇراقلاشقانلار : خاللاچ، بايات، ئالىبەكلۇ ،شەيخۋاند ،فەيلى،فارباند ،كالباند قاتارلىقلار .

    باشقا قاشقاي تائىپەلەرى:

1.ئامەلە  ، 5 مىڭ 3 يۈز  97  ئائىلە بۇلۇپ ،بۇنىڭدىن  450 ئائىلە ئولتۇراق تۇرمۇشقا ئۆتكەن.

2. دەررە شۇرى (تۇزلۇق ۋادا ) ، بۇلار 5مىڭ 265 ئائىلە.

3. سەش بەيلى، 4 مىڭ 350 ئائىلە .

4. پارسسىمان ،بىر مىڭ 500 ئائىلە .

5. كەشكۆللى ، 5 مىڭ 512 ئائىلە : بۇنىڭدىن چوڭ كەشكۆللى  4مىڭ 862 ئائىلە، بۇلارنىڭ كۆپ سانلىقى ئولتۇراق تۇرمۇشتا ياشايدۇ.كىچىك كەشكۇلى ،650 ئىلە.

  يەنە ئاز ساندىكى قەبىلىلەر : 

قارا چا 430 ئىلە ،راھىملى 370 ئائىلە،  سافىھانلى 335 ئائىلە .

7. قاشقايلارنىڭ دىنىي ئېتىقاتى

قاشقايلار ئىسلام دىنىنىڭ  شىئە مەزھىپىنىڭ 12 ئىمام سۈلۈكىگە ئېتىقات قىلىدۇ .6%قىسمى خىرىستىيان دىنىغا ئېتىقات قىلىدۇ. 

تۇرمۇشىئاساسە كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئات ،كالا،قوي- ئۆچكە،تۆگە، ئىشەك قاتارلىق مال- چارۋىلارنى باقىدۇ . ئات يىتىشتۈرۈش بەك تەرەقىي قىلغان.سودىگەرچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. قاشقايلار قول سانائەت بۇيۇملىرىنى ئىشلەپ چىقىرىشىمۇ تەرەققىي قىلغان. قاشقايلارنىڭ  بۇخارانىڭ قارا كۆل قويلىرىغا بەك ئوخشايدىغان (كۆزى، تېرىسى) باشقابىر تۈرلىك قويى بۇلۇپ، يۇڭىدىن گىلەم، پالاز تۇقۇپ چەتكە چىقىرىدۇ.يۇڭدىن توقۇغان تەبى بۇياق بىلەن بۇيىغان ۋە ئەن – ئەنۋى ھۈنەر سەنئەت بىلەن زىننەتلەنگەن قاشقاي گىلەملەرى ئالاھىدە قۇلايلىق بۇلۇپ، خېرىدارلىرى كۆپ.ئىراننىڭ چەتئەللەرگە چىقارغان «ئىران نۇسخا »گىلەملىرى ئاساسەن قاشقاي گىلەملىرىدۇر .        

2006-يىلى ياپۇنىيە نىسان ماتۇر شىركىتى قاشقايلارنڭ كۆچمەن تۇرمۇشىغا ماس كېلىدىغان ماشىنا ئىشلەپچىقىرىپ ، بۇنى قاشقايلار نامىدا ئاتاپ قاشقاي (  Qashqai )ماركىسىنى ئىشلەتكەن(Nissan Qashqai (.   

قاشقاي قىز- يىگىتلىرى ئات مىنشكە ئۇستا چارۋىچى ،مەرگەنلەر بۇلۇپ،ئۇلار  ھەر ۋاقىت يايلاقلىرىدا ۋە چاتىر-ئۆيلىرىدە يانلىرىدىن قورالنى ئايرىمايدۇ،قورال ئېلىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ .   

قاشقاي خاتۇنلىرى قات-قات، رەڭلىك، ئېتەكلىك، چىرايلىق،نىپىز كۆينەك كىيىدۇ،شارپا ئارتىدۇ. ئۇلار ناخشا مۇزىكىغا ئامراق،دۇتتار ،داپ،سۇناي،غىجەك ،نەي قاتارلىق سازلارنى چېلىپ ناخشا ئېيتىپ ئۇسۇل ئوينايدۇ .توي-تۆكۈنلىرى ھازىرقى جۇڭگۇ شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ  20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن بۇرۇنقى ئاتلىق توي كۈچۈرۈش ئادەتلىرىگە ئوخشايدۇ .   

تۇرمۇشىدا ،پولو ،چىفىت (چىت) قاتارلىقلارنى  يىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەرلىرى ئۈستىگە ئشلەگلىك تون ،كۆينەك كىيىدۇ. 

قاشقايلار قائىدە–قانۇنلارغا ئىتىۋار قىلىش بىلەن مەشھۇردۇر .جەنۇبىي ئىراننىڭ پارىس ئۆلكىسى پۈتۈنلەي قاشقايلارنىڭ  نۇپۇزى–تەسىرى كۈچى ئاستىدا، كېيىكى زامانلارغا قەدەر ،يېرىم كۆچمەن بىر ھايات سۈرگەن قاشقايلار ،بىر–بىرى بىلەن قۇيۇق مۇناسىۋەت قىلىشى،  پىلانلىق ،تەشكىللىك ھەرىكەتلىرى بىلەن ئەلگە تۇنۇلغان.ئۇلار قەدىمدىن بۈگۈنگە قەدەر ئۆزئارا ئۆرۈپ–ئادەتلەرگە ،مۇئايەن بىر قەبىلە باشقۇرۇش نىزامىنى ئىجرا قىلىپ كەلگەن.

قاشقاي ئېلىنىڭ باشقا خۇسۇسىيەتلىردىن بىرى ،كۈچلۈك بولغان بىر تۆرە – قانۇن بەلگىلىمىگە ئىگە . ئېلىنىڭ ھەر قانداق مۇناسىۋەت ، مەسىللرى ، قائىدىلەرگە ئاساسلانغان بۇلۇپ، خاندىن باشلاپ، پۈتۈن قاشقاي ئېلى خەلقى قانۇنغا شەرتسىز ئەمەل قىلشدۇ. قاشقايلارنىڭ قۇدىرەتلىك بىر ئەل بولۇشى شۇنىڭدىن كەلگەن.

قاشقاي ئېلنىڭ كۆپ سانلىق ئائىلسى كېيىنكى زامانلارغا قەدەر كۆچمەن ھايات كۆچۈرۈپ كەلگەن. ئولار ئات، قوي ، ئىشەك، تۆگە قاتارلىق چارۋىلارنى باقىدۇ.خەلىقنىڭ بىرقىسمىنىڭ يايلاقلاردا ئىتىزلىرى بۇلۇپ، يېقىن ئەتراپتىكى يېزىلار تەرپىدىن باشقۇرۇپ سۇغۇرۇلىدۇ. بۇ خىزمەتلەرگە قارشىلىق قىلغانلار ھەر يىلى يېزىغا ئىككى قوي تاپشۇرۇشتىن سىرىت ئەلدە ئالغان مەھسۇلاتىدىن بىر پاي ئايرىپ تاپشۇرىدۇ. بۇ يېزىلاردا «رائىيەتى قاشقاي (قاشقاي تۈزۈمى)» دېيلىدۇ.

      قاشقاي خاتۇنلارى جەميئەت ھاياتىدا مۇھىم بىر ئۇرۇن ئىگەللىگەن ئىدى.سىياسى مەسىلىلرىدە داھى خاتۇنلارنىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ. بۇ ئەنئەنە ئۇيغۇر قاتارلىق تۈرك خەلقلىرنىڭ ئەنئەنىسىنىڭ ھازىرغىچە داۋاملىشىشى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.

بۈگۈن قاشقاي جەمئيىتى ئىچىدە ئورۇن ئالغان 190 غا يېقىن قەبىلە،ئۇرۇق،چاتىرلاردا ياشايدىغان كۆچمەن خەلقلەردىن بارلىققا كەلگەن ئاۋۇللارنىڭ ھەممىسى قاشقايلار ئاساسىدا ئۇيۇشۇپ ، كۆپ سانلىقى ئۆزلىرىنى قاشقاي دەپ ئاتاشتى.بەزىلىرى قەدىمقى ناملىرىنى ئالماشتۇرۇپ (تىگىشىپ) ،باشقا نام ئاتاقلارنى قوبۇل قىلدى .يەنە بەزىلىرى ئۆز نام –ئاتاقلىرىدا قالىۋېردى. بۇ بىرلەشمىدىن ئىلگىرى بۇ ئىسىم قاشقاي نامى بىلەن ئاتالغان بىر قەبىلە –قوۋىمنىڭ نامى بۇلۇپ ،قاشقاي نامى شۇ نامىدىن ئېلىنغان(چۈنكى تارىخىي مەنبەلەردە بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان بىر تۈرك قەبىلىسى-قوۋمى مەۋجۇتتۇر.) تارىختا ،تۈركىي قەۋىملەر ئارىسىدا قايسى قەبىلىلەر كۈچلۈك بولسا باشقا قەبىلىلەر ئۇنىڭغا قوشۇلغان. شۇنىڭغا ئوخشاش ، پارستا ياشىغان تۈركىي قەبىلىلەر تارىخىي ھادىسلەرنىڭ زۆرۈريىتى بىلەن بىرلىشىكە مەجبۇر بولۇپ، بىر قەبىلە بۇلۇپ ئۇيۇشۇپ ،بۇلار قاشقاي دەپ ئاتالغان.

قاشقاي ئېلى ئىچىدە بولغان قەبىلە ،قەۋىملەر ئاتلىرىنىڭ  تۈرلۈك بولىشى ۋە ئاتلىرىنىڭ كۆپىنىڭ ئەسىرلەر بويى كۆپ قېتىم ئالماشتۇرلىشى، بەزى  مۇئەللىپلەرنىڭ  مەسىلىگە  سىياسىي جەھەتتىن يېقىنلىشىشى،قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ،بەزىلەر قاشقايلارنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئەسلى نەسەبىدىن،كېلىپ چىقىشىدىن، تارىخىي پاكىتلاردىن ئايرىپ(ئۈزۈۋېتىپ) ،ھازىر قوللۇنىۋاتقان تىلى يېقىنلىقى قاتارلىق ئامىللارنى پاكىت قىلىپ، ئۇلارنى بەزىلەر  ئازەربەيجان ياكى تۈركمەن مىللىتىگە ، تەۋە قىلۋېتىشقا ئۇرۇنۇش خىيالىدا  ،ئۇلارنىڭ  تارىخىي مىللىي كىملىكىنى  بىلىپ تۇرسىمۇ ، ھەرخىل مەقسەتتە ئۇنى ئۇنتۇلدۇرماقچى بولىۋاتىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

خوجانىياز: ئۇنۇتۇلغان خەلق قاشقايلار 

http://bbs.gullinix.com/thread-391-1-2.html

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#