رەئىشە
رەئىشە كېسەللىك ئالامىتى بولسا نېرۋا بۆلۈمى دوختۇرلىرى كۆپ قوللىنىدىغان دىياگنوز قويىدىغان ئۇقۇم، ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى (مېڭە قان تومۇر كېسىلى، مېڭە ئارتېرىيەسى قېتىش , يۇقماق , زەھەرلىنىش , يارىلىنىش , دورىلار ۋە ئىرسىيەت ئۆزگىرىشى قاتارلىق) تىن كېلىپ چىققان ھەرىكەت ئاستىلاش ئاساس قىلغان كېسەللىكتۇر .
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1-رېتسېپ
تەركىبى: ئاقلانغان سامساق 300 گىرام، ئاق تۇدەرى، قىزىل تۇدەرى، زىرە، خولىنجان، دارچىن 30 گىرامدىن، پىلپىل 15 گىرام، زەنجىۋىل، قارىمۇچ، قەلەمپۇر، كاۋاۋىچىن، جويۇز، ئاقىرقەرھا توققۇز گىرامدىن، زەپەر ئۈچ گىرام، سېرىقماي 30 گىرام، ھەسەل ئۈچ ھەسسە، سۈت مۇۋاپىق مىقداردا، نوقۇت 500 گىرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى: نوقۇتنى بىر سوتكا قايناق سۇ چىلاپ، قاينىتىپ پىشۇرۇپ، سىقىپ تىرىپلىرىنى ئېلىۋېتىپ، سۈيىگە توغرالغان سامساقنى سېلىپ، سۇس ئوتتا سۈت تۈگىگىچە قاينىتىلىدۇ. ئۈستىدىن سېرىقماينى قۇيۇپ، ئۆزلىشىپ بولغانغا قەدەر قاينىتىلىدۇ، كېيىن مىس قازان ئىچىدە سالايە قىلىپ، خېمىردەك ئۆزلىشىپ بولغاندىن كېيىن، ھەسەلنى قۇيۇپ قاينىتىپ، ھەسەل ئۆزلىشىپ بولغاندىن كېيىن، باشقا دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ (ياشلار ۋە ئىسسىق مىجەزلىك كىشىلەر ئىشلەتكەندە ئېھتىيات قىلىشى كېرەك) .
2-رېتسېپ
رەئىشەتەركىبى: قارىمۇچ، ئاقمۇچ، ئاق بەزرۇلبەنجى 80 گىرامدىن، ئەپيۈن 40 گىرام، زەپەر 20 گىرام، سۇمبۇل، ئاقىرقەرھا، پەرپىيون، لىسانىل ئاساپىر تۆت گىرامدىن، ھەسەل 900 گىرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كۆپۈكى ئېلىنغان ھەسەل سوۋۇغاندىن كېيىن زەپەرنى سېلىپ، ئارقىدىن ئەپيۈننى سېلىپ، كېيىن قالغان دورىلارنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 3. 0 ~ 5. 0 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ (10 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا بولمايدۇ) .
3-رېتسېپ
تەركىبى: ئۈزۈم سۈيى 30 لىتىر، سېمىز قوينىڭ بىقىن گۆشى 5. 5 كىلوگرام، ئۇدخام، 30 گىرام، جويۇز، زەپەر، مەستىكى، خولىنجان 15 گىرامدىن، نارجىل، كاۋاۋىچىن، زۇرانبات، قەلەمپۇر، سۆئدى كوفى، بەسباسە توققۇز گىرامدىن زەنجىۋىل، دارچىن، سۇمبۇل، ئاقىرقەرھا، سەلىخە ئۈچ گىرامدىن، ھەسەل 5. 1 كىلوگرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى: قوي گۆشىنى ئۈزۈم سۈيىدە قاينىتىپ، ئۇماچ ھالەتكە كەلتۈرۈپ، قالغان دورىلارنى تالقانلاپ، خالتىغا قاچىلاپ، ئاغزىنى بوغۇپ قازانغا سېلىپ، يەنە بىر قاينىتىپ تەمىنى تولۇق چىقىرىپ، ئاندىن بىر كوزىغا يۇقىرىقى قايناتمىنى قۇيۇپ، ئۇنىڭغا 135 گىرام گۇلاب ئارىلاشتۇرۇپ، ئالتە ئاي تۇرغۇزۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.