بېسىم

 فىزىكىدىكى بېسىم  ئىككى جىسىمنىڭ ئۇچرىشىش يۈزىدە يۈز بەرگەن تەسىر كۈچنى كۆرسىتىدۇ، ياكى گاز جىسىمنىڭ قاتتىق جىسىم ۋە سۇيۇق جىسىم يۈزىگە نىسبەتەن تىك تەسىر كۈچى ياكى سۇيۇقلۇق قاتتىق جىسىم يۈزىگە نىسبەتەن تىك تەسىر كۈچىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە، مېخانىكا ۋە كۆپ قۇرۇلۇش پەن ساھەسىدە «بېسىم» دېگەن سۆز بىلەن فىزىكا ئىچىدىكى بېسىم كۈچى ئوخشاش مەنىگە ئىگە. 

ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى بېسىم
چەتئەلچە ئاتىلىشى pressure
ئەمەلىي پەن فىزىكا
خەنزۇچە ئاتىلىشى 压力
فورمۇلاسى F=PS

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قاتتىق جىسىم يۈزىنىڭ بېسىمى ئادەتتە ئېلاستىكلىق شەكىل ئۆزگىرىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر، تېگىشىش كۈچى دائىرىسىگە كىرىدۇ. سۇيۇق ۋە گاز يۈزىنىڭ بېسىمى ئادەتتە ئېغىرلىق كۈچى ۋە مولېكۇلا ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسى. 

بېسىم يۆنىلىشى ئادەتتە جىسىملارنىڭ تېگىشىش يۈزىگە  تىك بۇلىدۇ. ئەگەر كۆزىتىلگەن بېسىم يۆنىلىشى بىلەن تېگىشىش يۈزى تىك بولمىسا، ئادەتتە بۇ بېسىم ۋە سۈركىلىش كۈچىنىڭ ئورتاق رول ئوينىغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدىندۇر. 

1. تەسىر قىلىش  يۆنىلىشى ۋە تەسىرگە ئۇچراش يۈزى ئۆزئارا تىك ۋە تەسىرگە ئۇچراش يۈزىنىڭ سىرتقى نورمال سىزىقى بىلەن يۆنىلىشى قارىمۇقارشى بولىدۇ؛ 

2. بېسىم كۈچى بەلگىلىك بولغاندا، كۈچكە ئۇچراش يۈزى شۇنچە كىچىك بولىدۇ، بېسىم ئۈنۈمى شۇنچە روشەن بولىدۇ؛ 

3.كۈچكە ئۇچراش يۈزى بەلگىلىك بولغاندا بېسىم كۈچى شۇنچە چوڭ بۇلىدۇ، بېسىم ئۈنۈمى شۇنچە روشەن بولىدۇ.

بېسىم كۈچى = بېسىمى / بېسىمغا ئۇچرىغان يۈزنىڭ كۆلىمى ( P=F/S)؛ 

بېسىم كۈچى = بېسىم كۈچىنىشى * كۈچكە ئۇچراش يۈزى ( F=PS). 

1.بېسىم 

خەلقئارالىق بىرلىك: « نيۇتون »، بەلگىسى « N »؛ 

2.بېسىم كۈچىنىشى 

خەلقئارالىق بىرلىك :« پاسكال»، بەلگىسى « Pa ».  

( 1 ) بېسىم بولسا بىر-بىرى بىلەن ئۇچراشقان ئىككى جىسىمنىڭ بىر-بىرىنى قىسىشىدىن يۈز بەرگەن شەكىل ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن پەيدا بۇلىدۇ، كۈچ خاراكتېرى بويىچە ئايرىغاندا، بېسىم كۈچى ئېلاستىك كۈچكە تەۋە؛ ئېغىرلىق كۈچى دېگىنىمىز − يەر يەر يۈزىگە يېقىن بولغان جىسىم يەر شارىنىڭ تارتىشىغا ئۇچراشتىن ھاسىل بولغان كۈچتۇر. 

( 2 ) بېسىمنىڭ مۇقىم يۆنىلىشى يوق، لېكىن باشتىن-ئاخىر كۈچ تەسىرىگە ئۇچرىغان جىسىمنىڭ ئۇچرىشىش يۈزى بىلەن تىك. ئېغىرلىق كۈچى مۇقىم يۆنىلىشلىك، دائىم تىك تۆۋەنگە يۆنەلگەن بولىدۇ.

( 3 )بېسىم كۈچى ئېغىرلىق كۈچىدىن ھاسىل بولىدۇ ھەم بېسىم كۈچى بىلەن ئېغىرلىق كۈچى مۇناسىۋەتسىز بولىدۇ. جىسىم گورىزونتال يۈز ئۈستىدە قويۇپ ھەمدە باشقا تاشقى كۈچ بولمىغاندا، بېسىم كۈچى بىلەن ئېغىرلىق كۈچىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش. جىسىم يانتۇ تەكشىلىككە قويۇلغان چاغدا، بېسىم كۈچى ئېغىرلىق كۈچىدىن كىچىك بۇلىدۇ. جىسىم تەرىپىدىن بېسىلغاندا، بېسىم كۈچى بىلەن ئېغىرلىق كۈچى بىلەن پۈتۈنلەي مۇناسىۋەتسىز. جىسىم ئېسىپ قويۇلغاندا، ئېغىرلىق كۈچى بېسىم كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. 

( 4 ) بېسىمنىڭ تەسىر قىلىش نۇقتىسى جىسىمنىڭ كۈچكە ئۇچرىغان يۈزىدە بۇلىدۇ، ئېغىرلىق كۈچىنىڭ تەسىر قىلىش نۇقتىسى جىسىمنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى، قائىدىلىك بولغان گېئومېتىرىيىلىك جىسىمنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى جىسىمنىڭ گېئومېتىرىيەلىك مەركىزىدە بولىدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#