ياپونىيە يىلانبېلىقى

ياپونىيە يىلانبېلىقى

ياپونىيە يىلانبېلىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 60 سانتېمېتىرغا يېتىدۇ، ھەر يىلى كۈز پەسلىدە يېتىلگەن ياپونىيە يىلانبېلىقى كۆچۈپ دېڭىزغا چۈشۈپ، دېڭىزنىڭ چوڭقۇر جايلىرىدا تۇخۇملايدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ياپونىيە يىلانبېلىقى
خەنزۇچە ئىسمى 日本鳗鲡
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى يىلانبېلىقلار تۈركىمى
تۈرى ياپونىيە يىلانبېلىقى
ئېنگىلىزچە ئىسمى Japanese eel
تەۋەلىكى ھايۋاناتلار دۇنياسى
سىنىپى سۆڭەكلىك بېلىقلار سىنىپى
ئۇرۇقداشلىرى يىلان بېلىق ئۇرۇقدىشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ياپونىيە يىلانبېلىقىياپونىيە يىلانبېلىقىنىڭ گۆشى يۇمشاق، تەمى ئېسىل، ئوزۇقلۇقى مول بولۇپ، ئالەمدىكى ئېسىل نېمەت دېگەن نامى بار. ئېلىمىزدە ياپونىيە يىلانبېلىقى ئىزچىل تۈردە زىياپەتلەردىكى ئېسىل نېمەت قىلىنىپ كەلدى، ياپونىيىلىكلەر ئۇنى قۇۋۋەت بۇيۇمى ئورنىدا كۆرىدۇ ھەمدە ھەر يىلى باش كۈزنىڭ ئالدىنقى 18-كۈنىنى «چوۋرى كۈنى» قىلىپ بېكىتىپ، ھەممە ئائىلىلەر ياپونىيە يىلانبېلىقى يەيدۇ.

قىزىقارلىقى شۇكى، دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتتىكىلەر ياپونىيە يىلانبېلىقىنى يېيىشنى ياخشى كۆرسىمۇ، خېلى بىر مەزگىلگىچە ئۇنىڭ زادى نەدىن كېلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلمەيتتى، چۈنكى ئۇنى ئىستېمال قىلىش جەريانىدا ئۇنىڭ تۇخۇمى بارلىقىنى كۆرۈپ باقمىغانىدى. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە دانىيە ئالىملىرى تىنچ ئوكياندىكى بېرمۇدا تاقىم ئاراللىرىنىڭ يېنىدىكى دېڭىز رايونىدىن يېڭىلا تۇخۇمدىن چىققان يۇمران ياپونىيە يىلانبېلىقىنى بايقىدى، كىشىلەر شۇندىلا ياپونىيە يىلانبېلىقىنىڭ دېڭىز-ئوكيان تىپىدىكى كۆچىدىغان بېلىق تۈرى ئىكەنلىكىنى تەدرىجىي بىلدى.

ياپونىيە يىلانبېلىقىياپونىيە يىلانبېلىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 60 سانتېمېتىرغا يېتىدۇ، ھەر يىلى كۈز پەسلىدە يېتىلگەن ياپونىيە يىلانبېلىقى كۆچۈپ دېڭىزغا چۈشۈپ، دېڭىزنىڭ چوڭقۇر جايلىرىدا تۇخۇملايدۇ. يېڭىلا تۇخۇمدىن چىققان يۇمران ياپونىيە يىلانبېلىقلىرىنىڭ تېنى سۈزۈك بولۇپ، ئىنچىكىلىكى يىڭنىچىلىك كېلىدۇ، ئېغىرلىقى 1.0 گرام ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ. ئۇ دېڭىزدا دولقۇن بىلەن بىرگە ئۈزۈپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق دېڭىز-دەريالىرىنىڭ قۇيۇلۇش ئېغىزىغا كەلگەندە دولقۇن بىلەن بىللە شۇ يەرگە كىرىپ، ئەجدادلىرىغا ئوخشاش تاتلىق سۇ تۇرمۇشىنى باشلايدۇ. 

ياپونىيە يىلانبېلىقىياپونىيە يىلانبېلىقى بېلىجانلىرىنى سۈنئىي ئۇسۇلدىلا تۇتقىلى بولىدۇ، ھازىرچە تېخى سۈنئىي ئۇسۇلدا بېلىجان چىقىرىش تېخنىكىسى تەتقىق قىلىنىپ چىققىنى يوق، شۇڭا ئۇ ئالتۇندىنمۇ قىممەت.ياپونىيە يىلانبېلىقىنى بېقىشتا كىلىمات شارائىتى ياخشى، سۇ مەنبەسى يېتەرلىك، قاتناش ترانسىپورتى قۇلايلىق جايلارنى تاللاپ بېقىش مەيدانى قۇرۇش كېرەك؛ ئەگەر زاۋۇتلار ئارتۇقچە ئىسسىق سۇنى قويۇۋېتىدىغان جاي ياكى ئارىشاڭ سۈيى، چوڭقۇر قۇدۇق سۈيى بار جايلار تاللانسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ياپونىيە يىلانبېلىجانلىرىنى يېتىشتۈرۈش كۆلچىكى، يىلانبېلىق سورتلىرىنى يېتىشتۈرۈش كۆلچىكى ۋە يېتىلگەن ياپونىيە يىلانبېلىقى كۆلچىكىنى ئاساسىي گەۋدە قىلىپ، تۈرلۈك كۆلچەكلەرنى ئوبدان ياساش كېرەك. ياپونىيە يىلانبېلىقى بېلىجانلىرى توشۇپ كېلىنگەندىن كېيىن، ئالدى بىلەن ئۇلارنى كۆندۈرۈش باسقۇچى بولۇشى كېرەك، بۇنىڭدا بېلىجانلارنىڭ ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش مەقسەت قىلىنىدۇ. كۆندۈرۈشتە ئادەتتە يەمچۈك ئورنىدا يىپسىمان سازاڭ ئىشلىتىلىدۇ. 7 −10 كۈن ئۆپچۆرىسىدە كۆندۈرۈلگەندىن كېيىن، چوڭ-كىچىكلىكى بويىچە ئايرىپ بېقىشقا بولىدۇ. ياپونىيە يىلانبېلىقى بىر خىل ئالاھىدە تاتلىق سۇ بېلىقى تۈرىدىكىلەر بولۇپ، ئۇلار ساقىقى بىلەن نەپەس ئالغاندىن باشقا، تېرىسى بىلەنمۇ نەپەسلىنەلەيدۇ، ئەگەر سۇدا ئوكسىگېن كەمچىل بولسا ياندۇرۇۋېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرى ياندۇرسا بارلىق بېلىقلار شۇنىڭغا ئەگىشىپ تەڭلا ياندۇرىدۇ. ياپونىيە يىلانبېلىقىدا ياندۇرۇش ئەھۋالى كۆرۈلسە ئوزۇقلۇق يەيدۇ يۇ، ئەمما چوڭلىمايدۇ، شۇڭا كىشىلەر دائىم ئوكسىگېن كۆپەيتىپ بېرىش ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق كۆلچەكتىكى ئوكسىگېن گازىنى كۆپەيتىپ بېرىدۇ. ياپونىيە يىلانبېلىقى سۈنئىي بېقىلغاندا ئۆسۈش سۈرئىتى تېز بولىدۇ، ئادەتتە 8 −9 ئايدا 200 نەچچە گرامغا يېتىدۇ، 1 كىلوگرام ياپونىيە يىلانبېلىقى بېلىجىنىدىن 1 توننا ئۆپچۆرىسىدە يېتىلگەن ياپونىيە يىلانبېلىقى ئالغىلى بولىدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#