- زەنجىۋىل (خام دورا)
- زەنجىۋىل (تەم تەڭشىگۈچى ئۆسۈملۈك)
زەنجىۋىل
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ھۆل سوغۇق كەيپىياتنى تەڭشەش، ئاشقازاننى، باھنى، پەينى قۇۋۋەتلەش، نېرۋىلارنى قوزغۇتۇش، ئىشتىھانى ئېچىش، ھەزىم ياخشىلاش، يەل تارقىتىش، سۈت ۋە مەنى پەيدا قىلىش، جىگەرنىڭ توسالغۇلىرىنى ئېچىش، ئارتۇق ھۆللۈكنى يوقىتىش، قان توختىتىش، چاچ ئۈندۈرۈش قاتارلىق خۇسىيىتى بار.
يىلتىزسىمان غولىنىڭ قۇرۇتۇلغان قىسمى ياپىلاق. ئۆلچەمسىز بولۇپ، توم زەنجىۋىل ۋە يوپقا زەنجىۋىل دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. توم زەنجىۋىل ئاق رەڭدە، يۇپقا زەنجىۋىلسا ساغۇچ ئاق رەڭگە مايىل بولىدۇ. پارقىراق كېلىدۇ.
نېـرۋا، بـاھ ئـاجـىـزلـىـقـى، پـالـەچ. لـەقـىۋا، ئىشتىھاسىزلىق، ئاشقازان ئېسىلىش، سۈت، مەنى كەملىك، بەدەن ئاجىزلىقى، چىش مىلىكى قاناش، چاچ چۈشۈپ كېتىش قاتارلىقلار
1. ھەزىم سىستىمىسىغا بولغان تەسىرى: %50 لىك چىلانمىسىنى ئىچكۈزسە ئاشقازان كىسلاتاسى ۋە سۇيۇقلۇقنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ ھەزىمنى ياخشىلايدۇ.
2. قان ئايلىنىش ۋە نەپەس سىستېمىسىغا بولغان تەسىرى: ئىسپىرتقا چىلانغان سۇيۇقلۇقى قاننى جانلاندۇرىدۇ. يۈرەكنى قوزغۇتىدۇ. چوڭ مېڭە پوستىلاق قىسمىنى قوزغىتىدۇ.
3. باكتېرىيىگە بولغان تەسىرى: زەنجىۋىلنىڭ سۇدىكى چىلانمىسى زەمبۇرۇغلارنى تورمۇزلايدۇ. جىنسىي يول تامچە قۇرتىنى ئۆلتۈرىدۇ
1) زەنجىۋىل، كۇندۇر، ناۋات قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق ئېلىپ سوقۇپ، ئىككى دانە تۇخۇم سېرىقى بىلەن قوشۇپ يېسە باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
2) زەنجىۋىل، خولىنجان، پىستە پوستى قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق ئېلىپ سوقۇپ سپوپ تەييارلاپ يېسە ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلايدۇ.
3) ھۆل زەنجىۋىلنى چاچ چۈشۈپ كەتكەن ئورۇنغا سۈركەپ بەرسە چاچ ئۈندۈرىدۇ.
4) زەنجىۋىل،قارىمۇچ،خولىنجان، ئاقىرقارھا قاتارلىقلاردىن ھەربىرىدىن 30 گرامدىن ئېلىپ، تۇخۇم سېرىقى 20 دانە، ھەسەل3 ھەسسە ئېلىپ قائىدە يەينچە مەجونات تەييارلاپ بەرسە باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ. بەدەننى سەمىرتىدۇ. سۈت، مەنى كۆپەيتىدۇ.
5) زەنجىۋىل، نەمەك ھىندىنى تالقان قىلىپ چىش تۈۋىگە سېپىپ بەرسە ياكى قاينىتىپ ئېغىزنى غارغار قىلسا چىش مىلىكى قاناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.