ھېڭ
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ھېڭھېڭ بولسا كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكنىڭ سۈتسىمان يىلىمى بۇلۇپ،بۇ رەتسىز، ئۆلچەمسىز مۇنەكسىمان كېلىدۇ، سىرتقى يۈزى قوڭۇر سېرىق، ھۆل ۋاقتىدا رەڭگى سۇسراق، مايلىق، مەلھەم شەكىلدە بولغانلىرى قويۇق، يېپىشقاق، ئىچى كۈلرەڭگە مايىل ئاق رەڭلىك كېلىدۇ. تەمى ئاچچىق بولۇپ، ناھايىتى ئۆتكۈر سامساققا ئوخشاش پۇراققا ئىگە، چاينىسا كۆيگەندەك سېزىم بولىدۇ،ياز ياكى كۈز پەسلىدە ھىڭ دەرىخىدىن ئېقىپ چۈشكەن يىلىمىنى يىغىۋېلىندۇ. شىنجاڭنىڭ ئىلى ۋىلايىتىدىن بىر قەدەر كۆپ چىقىدۇ.
باھ، نېرۋا، پەي، بالىياتقۇ، تۇخۇمداننى قۇۋۋەتلەش، غەيرى تەبئىي بەلغەم خىلىتىنى تەڭشەش، توسالغۇلارنى ئېچىش، يۇمشىتىش، تارقىتىش، قاننى جانلاندۇرۇش ، يەل تارقىتىش، ھەيىزنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ھېڭنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ئۇچۇچان ماي،رېزانا، دەرەخ يىلىمىدىن ئىبارەت. تەركىبىدىكى ئۇچۇچان ماي %20.74، ئۇنىڭدىن باشقا تەركىبىدە كۇمارىين(coumarin) ، فارنىسىفىرول (Farnesiferol) ،ABC كامدونۇل (Kamdonol)، ئاسـسـافوتىـدىـن (Assafoetidin) ،فىـرولىـك كىـسـلاتا ئېـسـتىـرى (Ferulic acid ester)، فېرولىك كىسلاتا (Ferulic acid) قاتارلىقلار بار .
ھېڭ1. ھېڭدىن 7 گرام، زەيتۇن يېغىدىن 15 گرام ئېلىپ ، ھېڭنى ئېزىپ تالقان قىلىپ ، زەيتۇن يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، تىمىتما تەييارلاپ قۇلاققا تېمىتسا قۇلاق ئېغىرلىققا شىپا بولىدۇ.
2. ھېڭدىن 3 گرام ، ئۇد سەلبتىن 10 گرام ئىلىپ سىركىگە سۈرۈپ، گەجگىگە زىماد قىلسا سەرئى كېسىلىگە شىپا بولىدۇ.
3. ھېڭدىن 1 گرام ، قارا مۇچتىن 10 گرام ، مۇرمەككىدىن 5 گرام ئېلىپ ، سۇپۇپ قىلىپ ئىچىپ بەرسە ھەيىزنى راۋانلاشتۇرىدۇ .
4. ھېڭ، ئۇستى قۇددۇس، بادرەنجى بۇيا، ئىزخىر، ئاقىر قەرھا، ئىگىر قاتارلىقلارنى تەڭ مىقداردا ئىلىپ تالقان تەييارلاپ، ھەسەل بىلەن مەجۈن ياساپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە پالەچ، لەقۋا، رەئىشە كېسەللىرىگە شىپا بولىدۇ
مەجۇنى ھېڭ، سۇپۇپى ھېڭ.
باھ،پەي ئاجىزلىقى، سوغۇقتىن بولغان باش ئاغرىقى، ئۇنۇتقاقلىق، پالەچ، لەقۋا، ئىستىرخا، رەئىشە، سەرئى، ھەيىز تۇتۇلۇش، قۇلاق ئېغىرلىق،رىماتىزىم قاتارلىق ئىشلىتىلىدۇ .
كېلىش مەنبەسى (ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى2 (شىنجاڭ تېببي ئۇنۋېرسېتىتى تولۇق كۇرۇس نۇسخسى) . [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.