گېرمانىيە پادىچى ئىتى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
گېرمانىيە پادىچى ئىتىنىڭ بەدەن شەكلى ئوتتۇراھال، سۆڭەك ۋە مۇسكۇللىرى قاۋۇل، ساغلام، باش قىسمىدا ئاساسلىقى كۆز، بۇرۇن، ئېغىز، قۇلاق، چىش قاتارلىق ئەزالىرى بۇلۇپ، بويۇن قىسمى بىلەن باش قىسمى ئۇزۇن. قۇلىقى ئېگىز ھەم تىك، ئۇدۇلدىن قارىسا بويۇن كەڭلىكى ۋە ئىككى قۇلاقنىڭ ئارىلىقى تەڭدەك كۆرىنىدۇ. پادىچى ئىتىنىڭ بارلىق چىشى 42 دانە، ئۈستۈنكى چىشى 20 دانە، تۆۋەنكى چىشى 22 دانە. ئەركەك ئىتنىڭ بوي ئېگىزلىكى 60 ~ 65 سانتېمىتىر، چىشى ئىتنىڭ بوي ئېگىزلىكى 55 ~ 60 سانتېمىتىر ئارىلىقىدا بولىدۇ.
كەچ كۈز، قىش، باش ئەتىيازدا ئىت بېقىلدىغان ئۆينى ئىسسىق ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش، ئۆينىڭ ئىچى قۇرغاق بولۇش، ئېنفىرا قىزىل نۇر چىرىغى ئىشلىتىش، ئەتراپتىكى مۇھىتنى ئىمكانقەدەر تىنىچ ساقلاش، ئىنچىكىلىك بىلەن باشقۇرۇش كېرەك. ۋاكسىنا ئەملەش ۋە ئالدىنى ئېلىش، ئىتنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش، مۇۋاپىق بولغان ئىممۇنىتېتلاش ئېلىپ بېرىش كېرەك. يەنە كۈچۈكىنىڭ نورمال، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ۋاقتى-ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملەپ تۇرۇش كېرەك. كۈچۈك 45 كۈنلۈك بولغاندا بىرىنچى قېتىملىق ۋاكسىنا ئەملەش، يەنە ئۇدا 10 كۈن ئارلىقتا ئىككىنچى قېتىملىق ۋاكسىنا ئەملەش كېرەك. كۈچۈك ئۈچ ئايلىق بولغاندا غالجىر ئىت ۋاكسىنىسى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش، ئۇنىڭ تېمەن، نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش، ياخشى ئوزۇقلاندۇرۇش، ياخشى بېقىش كېرەك. بۇنداق بولغاندا ئىتنىڭ كۆپيىشىنى تېزلەتكىلى، كۈچۈكنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بۇلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.