خامېلېئون
خامېلېئون بىر خىل ئۆمىلگۈچ ھايۋان بولۇپ، ئادەتتە ئۇ دەرەخ شاخلىرىدا جىمجىت ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇنىڭ تەلەتى سەت بولسىمۇ، لېكىن بىر كېچە-كۈندۈز ئىچىدە ئالتە-يەتتە خىل رەڭگە ئۆزگىرەلەيدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئادەتتە ئۇ دەرەخ شاخلىرىدا جىمجىت ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇنىڭ تەلەتى سەت بولسىمۇ، لېكىن بىر كېچە-كۈندۈز ئىچىدە ئالتە-يەتتە خىل رەڭگە ئۆزگىرەلەيدۇ. تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 25 سانتىمېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ، خالىغان ۋاقىتتا ئۇزىراپ، قىسقىرايدۇ ۋە رەڭگىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ؛ بېشىدا ئۈچ بۇرجەك شەكلىدە ئۆسمىسى بولىدۇ؛ تىلى ئۇزۇن بولۇپ، ئېغىز سىرتىدا سوزۇپ چىقىرىپ، ھاشارات تۇتۇپ يەيدۇ؛ تۆت ئايىغى قىسقا، دەرەخكە چىقىشقا ماھىر كېلىدۇ؛ قۇيرۇقىمۇ ئۇزۇن كېلىدۇ.
ئۇنداقتا، خامېلېئوننىڭ نېمە ئۈچۈن ئەنە شۇنداق ئالاھىدە رەڭ ئۆزگەرتىش ئىقتىدارى بولىدۇ؟
ئەسلىدە، خامېلېئوننىڭ تېرىسىدەس بىر تۈگىمەس «رەڭ ئامبىرى» بولۇپ، ئۇنىڭدا قىزىل، قارا، سېرىق، كۆك، قوڭۇر دېگەندەك خىلمۇخىل رەڭ ھۈجەيلىرى ساقلانغان. ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قۇياش نۇرى، تېمپېراتۇرا، نەملىك قاتارلىقلاردا ئۆزگىرىش شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ خىل ئالاھىدە رەڭ ئۆزگەرتىش ماھارىتى ئالىملارنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغىغاچقا، ئالىملار ئۇنىڭ رەڭ ئۆزگەرتىش ماھارىتىگە تەقلىد قىلىپ ھەم باشتىن-ئاخىر بىردەكلىكنى ساقلىيالايدىغان بىر خىل ھەربىيچە كىيىمنى لايىھىلەپ چىققان. بۇ خىل ھەربىيچە كىيىم قۇياش نۇرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئىنتايىن سەزگۈر بىر خىل خىمىيىلىك تالادىن تەركىب تاپقان رەختتىن تىكلىگەن بولۇپ، ھەربىيلەر ئۇنى كىيىۋېلىپ يوشۇرۇنغاندا باشقا يوشۇرۇنۇش چارىلىرىنى قوللىنىشىنىڭ ھاجىتى يوق.
تەبىئەت دۇنياسىغا ماسلىشالايدىغان جانلىقلار ياشىيالايدۇ، ماسلىشالمىغانلىرى شاللىنىپ كېتىدۇ. شۇڭا، تۈرلۈك-تۈمەن ھايۋانلار ناچار تەبىئىي مۇھىتقا ماسلىشىش ئۈچۈن، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئۇزاققا سوزۇلغان تەدرىجىي تەرەققىي قىلىش ۋە ئۆزگىرىش جەريانىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، تەدرىجىي ھالدا ھەر خىل نىقابلىنىش ئۇسۇلىنى، يەنى يوشۇرۇن ئۇسۇلى، رەڭگىنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى قاتارلىق تۈرلۈك ھىيلە-نەيرەڭلەرنى ئۆگىنىپ، بەدىنىنىڭ رەڭگىنى ئەتراپىدىكى تەبىئىي مۇھىتقا ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، دۈشمەنلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىپ كەلمەكتە.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.