مۇقەل
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
مۇقەلمۇقەل بولسا زەيتۇن دەرىخى ئائىلىسىدىكى كىچىكرەك دەرەخ مۇقەل (EngextockHook mukul) نىڭ سوزۇلۇشچان يېلىمى بولۇپ، بۇ بىر قانچە خىل بولىدۇ، رەڭگى قىزغۇچ سېرىق، تەمى ئاچچىق بولغىنى «مۇقەل ئەرەق»، رەڭگى سېرىققا مايىل بويىل سىلىق بولغىنى «مەقالىي» دېيىلىدۇ. ساپ، پارقىرايدىغان، چاپلاشقاق، يۇمشاق، رەڭگى قىزغۇچ سېرىق، تەمى ئاچچىق، خۇش پۇراقلىق بولغىنى ياخشىدۇر. ئەگەر بۇ خىل مۇقەلنى ئوتقا سالسا، مازنىڭ پۇرىقى كېلىدۇ. سۇدا تېز ئېرىيدۇ. قانچە كونىرىغانسېرى شۇنچە ئاچچىقلىشىپ بارىدۇ.ئىتالىيە، يەمەن، ئوممان دېڭىز بويلىرى ۋە ھىندىستاندىن چىقىدۇ.
توسالغۇلارنى ئېچىش، پارقىرىتىش، تارتىشىش، تېرىنى پارقىرىتىش، ماددىلارنى تارقىتىش، يۇمشىتىش، زەھەر قايتۇرۇش، پەي ۋە نېرۋىلارنى قۇۋۋەتلەش، بەلغەم بوشىتىش خۇسۇسىيىتى بار.
ئىشلىتىلىشى: پالەچ، لەقۋا، رەئىشە، ھەرخىل بوغۇملار ئاغرىقى، بوۋاسىر، خانازىر قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالمىلىرى: ھەببى سىماب، ھەببى مۇقەل
بوۋاسىر، پالەچ، لەقۋا، تىترىمە كېسەل، يۆتەل، جىگەر ئاجىزلىقى، بوۋاسىر (بولۇپمۇ قاندىن بولغان بوۋاسىر)، ئۇششاق بوغۇملار ئاغرىقى، ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئاغرىقى، خانازىر قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى
مۇقەل1. مۇقەلنىڭ سۇپۇپىنى ھەسەلگە قوشۇپ ھەر قېتىمدا بىر گرامدىن مەلۇم مەزگىل ئىستېمال قىلىپ بەرسە، يۇقىرىقى بارلىق كېسەللەرگە پايدا قىلىدۇ.
2. مۇقەلنى 1 گرام يېڭى سېغىلغان سۈتكە قوشۇپ ئىچسە، باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ، مۇقەلنى ئېزىپ سوغۇق سۇغا قوشۇپ ئىچسە، بەلغەمنى سۈرىدۇ.
3. 5 گرام مۇقەلنى ھەمەل قىلسا، بالىياتقۇ ئاغزىنى ئاچىدۇ، ھامىلىنى چۈشۈرىدۇ، بالىياتقۇدىن كېلىدىغان ھۆللۈكنى توختىتىدۇ.
4. مۇقەل، ئەفتىمۇن، بىستىپايەج، ھېلىلە، بەلىلە، ئامىلە قاتارلىقلارنى بىرلىكتە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يەل ھەيدەيدۇ، قان تازىلايدۇ، بوۋاسىرغا مەنپەئەت قىلىدۇ. جاراھەت پۈتتۈرىدۇ.
5. مۇقەلدىن 6 گرام، كىبرىت (گۈڭگۈرت) 6 گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە مەلھەم تەييارلاپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، بوۋاسىر تۈگۈنچىلىرى چۈشۈرىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.