مېڭە تىقىلمىسى

مېڭە تىقىلمىسى

ھەرخىل سەۋەبلەردىن مېڭە قان تومۇرلىرى توسۇلۇپ، مېڭىنىڭ مەلۇم قىسمىغا قان يېتىشمەي كلىنىكىدا باش ئاغرىش، باش قېيىش، ئەس-ھوشى ئوچۇق بولماسلىق، سۆزلەش توسقۇنلۇققا ئۇچراش ياكى بەدەننىڭ مەلۇم تەرىپىنىڭ ھەرىكەت ياكى سېزىمى توسقۇنلۇققا ئۇچراش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، ياشانغانلاردا بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ.

مېڭە تىقىلمىسى ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «سۇددەئى دىماغ» دەپ ئاتىلىدۇ.

كېسەللىك نامى مېڭە تىقىلمىسى
باشقا ئاتىلىشى سۇددەئى دىماغ
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق ئەمەس
خەنزۇچە نامى 脑 梗 塞 ،脑梗死 ،缺血性脑卒中
ئېنگىلىزچە نامى cerebral infarction، cerebral ischemic stroke
تەۋە بۆلۈم ئىچكى بۆلۈم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1. قان خىلىتىنىڭ قويۇلۇپ قېلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي خىلىت مېڭىدىكى ئىنچىكە قان تومۇرلاردا نۆكچە شەكىللەندۈرۈپ توسۇلۇش پەيدا قىلىشىدىن ماددا ئالمىشىش بۇزۇلۇپ، مېڭىنىڭ مەلۇم قىسمىغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەي، ھۈجەيرىلەر نېكروزلىنىپ، روھىي نەپسانى ۋە قۇۋۋىتى نەپسانىنىڭ خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ، بۇ كېسەللىك كېلىپ چىقىدۇ.

2. موزا تەملىك بەلغەم خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي خىلىت مېڭىدىكى ئىنچىكە قان تومۇرلارغا چۆكمىگە چۈشۈپ، قان ئايلىنىشقا توسقۇنلۇق قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مېڭىنىڭ مەلۇم قىسمىغا قان يېتىشمەي ھۈجەيرىلەر نېكروزلىنىپ، قۇۋۋىتى نەپسانى ۋە روھىي نەپسانىنىڭ خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ بۇ كېسەللىك كېلىپ چىقىدۇ.

3. كۈدە سۈيى رەڭلىك سەپرا خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي خىلىت مېڭىگە تەسىر قىلغاندا يەرلىك ئورۇندىكى قان تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى تۆۋەنلىتىپ قان تومۇرنى تارايتىش بىلەن بىرگە ئىنچىكە قان تومۇرلاردا چۆكمىگە چۈشۈپ مېڭىنىڭ مەلۇم قىسمىغا ئوزۇقلۇق ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قان يېتىشمىگەن  ئورۇندىكى ھۈجەيرىلەر نېكروزلىنىپ، روھىي نەپسانى ۋە قۇۋۋىتى نەفسانىنىڭ خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ بۇ كېسەللىك كېلىپ چىقىدۇ.

4. كۆيگەن سەۋدا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي خىلىت مېڭىدىكى ئىنچىكە قان تومۇرلاردا ئاسانلا چۆكمىگە چۈشۈپ قان ئايلىنىشنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مېڭىنىڭ مەلۇم قىسمىغا ئوزۇقلۇق ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەي ھۈجەيرىلەر نېكروزلىنىپ بۇ كېسەللىك كېلىپ چىقىدۇ.

5. ھەرخىل يۈرەك كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

رېماتىزم خاراكتېرلىك يۈرەك كېسىلىدىكى ئىككى قاپقاقلىق كلاپان تارىيىشىدا سول دالانچە كېڭەيگەنلىكتىن قان قېيىپ سول دالانچە دىۋارىغا ئاسانلا قان نۆكچىسى شەكىللىنىدۇ، بۇ نۆكچىلەر تۆكۈلگەندىن كېيىن قان ئايلىنىش ئارقىلىق مېڭىدىكى ئىنچىكە قان تومۇرلارغا بېرىپ كەپلىشىۋالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قان ئايلىنىشنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپ، مېڭىگە قان ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نەتىجىدە قان يېتىشمىگەن ئورۇندىكى ھۈجەيرىلەر نېكروزلىنىپ قۇۋۋىتى نەپسانىنىڭ خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ بۇ كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا يۈرەك ئىچكى پەردە ياللۇغى ۋە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىدا زەخمىلەنگەن يۈرەك ئىچكى پەردىلىرى ۋە سۆگەلسىمان ئۆسۈكچىلەر تۆكۈلۈپ قان ئېقىمى ئارقىلىق مېڭىدىكى ئىنچىكە قان تومۇرلارغا بېرىپ، يەرلىك ئورۇندا چۆكمىگە چۈشۈپ، قان ئايلىنىشنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئوكسىگېن يېتىشمىگەن ئورۇندىكى ھۈجەيرىلەر نېكروزلىنىپ قۇۋۋىتى نەپسانىنىڭ خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ بۇ كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

6. قان تومۇر ياللۇغى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

قان تومۇر ياللۇغىدا نېكروزلانغان، بۇزۇلغان توقۇلما، ھۈجەيرىلەر مېڭە ئىنچىكە قان تومۇرلىرىدا توسۇلۇش پەيدا قىلىپ، مېڭىنىڭ مەلۇم قىسمىغا ئوزۇقلۇق ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قان يېتىشمىگەن ئورۇندىكى ھۈجەيرىلەر نېكروزلىنىپ روھىي نەپسانىنىڭ خىزمىتىنى قالايمىقانلىشىپ مېڭە تىقىلمىسى كېلىپ چىقىدۇ.

7. ئۆپكىدىكى كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

كانايچە كېڭىيىش كېسىلى، ئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىقى، ئۆپكە راكى قاتارلىقلاردىكى قان مونەكچىسى، يىرىڭ ھۈجەيرىسى ياكى ئۆسمە ھۈجەيرىسى قاتارلىقلار قان ئېقىمىغا ئەگىشىپ مېڭىدىكى قان تومۇرلارغا بېرىپ يەرلىك ئورۇندا توسۇلۇش پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مېڭىنىڭ مەلۇم قىسمىغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەي ھۈجەيرىلەر نېكروزلىنىپ، روھىي نەپسانىنىڭ خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ مېڭە تىقىلمىسى كېلىپ چىقىدۇ.

8. باشقىلار:

سۇ ئاستى ياكى يۇقىرى بوشلۇقتا ئىشلىگەندە ئاتموسفېرا بېسىمى تۇيۇقسىز تۆۋەنلىگەچكە بەدەن ئىچىدە ئازوت گازىنىڭ مىقدارى كۆپىيىپ قان ئېقىمى ئارقىلىق مېڭىدىكى قان تومۇرلارغا قارىغاندا ھاۋا شارچىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، قان تومۇرلاردا توسۇلۇش پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مېڭىنىڭ مەلۇم قىسمىغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەي بۇ كېسەللىك كېلىپ چىقىدۇ.

مېڭە تىقىلمىسىكېسەللىك جەريانى نىسبەتەن ئۇزۇن بولىدۇ. دەسلەپتە قىسقا مەزگىللىك باش قايىدۇ، باش ئاغرىيدۇ، بىر تەرەپ كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلايدۇ، بەدەننىڭ بىر تەرىپى قولىشىدۇ ياكى ھەرىكىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، گەپ-سۆزى، ئەس-ھوشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، لېكىن بۇ ئالامەتلەر تېزلا ياخشىلىنىپ كېتىدۇ، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىشقا ئەگىشىپ كېچىسى ئۇخلاپ ئويغانغاندا يېرىم بەدەننىڭ ھەرىكەت ياكى سېزىمى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. گەپ-سۆزى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلايدۇ.

توسۇلغان ئورۇننىڭ  ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن، ئالامەتلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

1. بويۇن ئىچكى ئارتېرىيىدە توسۇلۇش پەيدا بولغان بولسا، شۇ تەرەپتىكى قاپاق يەڭگىل دەرىجىدە ساڭگىلايدۇ، كۆز قارىچۇقى كچىكلەيدۇ، كۆز ئالمىسى ئولتۇرۇشىدۇ، قارشى تەرەپتىكى كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، مۈچىلەر ھەرىكىتى ياكى سېزىمى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.

2. چوڭ مېڭە ئوتتۇرا ئارتېرىيىسىدە توسۇلۇش بولسا، گەپ سۆزى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، مۈچىلەر ياكى يۈز مۇسكۇلى پالەچلىنىدۇ.

3. مېڭە ئالدى ئارتېرىيىسىدە توسۇلۇش بولسا، قارشى تەرەپ مۈچىلەر ھەرىكىتى ياكى سېزىمى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، قارشى تەرەپتىكى قول، يۈز، تىل مۇسكۇلى پالەچلىنىدۇ. نېرۋا خىزمىتى قالايمىقانلىشىدۇ.

4. ئومۇرتقا ئاساسىي ئارتېرىيىسى توسۇلسا، باش قايىدۇ، كۆز ئالمىسى تىترەيدۇ، قوش كۆرۈنىدۇ، كۆز مۇسكۇلى، يۈز مۇسكۇلى پالەچلىنىدۇ، گەپ-سۆزى ئېنىق بولمايدۇ، يۇتۇش قىيىنلىشىدۇ، قايچىلاشما پالەچ كۆرۈلىدۇ. مۈچىلەر ھەرىكىتى ۋە سېزىمى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، ئوخشاشمىغان دەرىجىدە ئەس-ھوشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە قايسى خىلىتتىن كېلىپ چىققان بولسا شۇ خىلىتىنىڭ غالىبلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

مېڭە تىقىلمىسى1. تىپىك كېسەللىك ئالامىتى، كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. باش ئاغرىقى، باش قىيىش، ئەس-ھوشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، گەپ-سۆزى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، پۇت-قوللار قولىشىش ئالامەتلىرى بولۇش، كېسەللىك ئېغىرلاشقاندا تۇيۇقسىز ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا گەپ-سۆزى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، بىر تەرەپ مۈچە ۋە يۈز مۇسكۇللىرى پالەچلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولۇش ۋە قايسى خىل خىلىتتىن كېلىپ چىققان بولسا شۇ خىلىتقا ئالاقىدار ئالامەتلەر بولۇش بىلەن بىرگە رېماتىزملىق يۈرەك كېسىلى، ئىككى قاپقاقلىق كلاپان تارىيىش، قوشۇمچە يۈرەك دالانچىسى تىترەش ياكى سۇس ئۆتكۈر جاراسىملىق يۈرەك ئىچكى پەردە ياللۇغى، ئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىقى، ئۆپكە راكى قان تومۇر ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولىدۇ.

2. قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلەرگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

1) مېڭە-يۇلۇن سۇيۇقلۇقىنى تەكشۈرۈش: بۇنىڭدا مېڭە يۇلۇن سۇيۇقلۇقى كۆپىنچە نورمال بولىدۇ.

2) CT دا تەكشۈرۈش: CT ئاپپاراتىدا تەكشۈرگەندە مېڭىدىكى توسۇلۇش ئورنىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

داۋالاش دىئاگنوزى:

1. مېڭە پەرۋە ياللۇغىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

مېڭە پەردە ياللۇغىدىكى مېڭە-يۇلۇن سۇيۇقلۇقىدا ئۆزگىرىش بولۇش، قان تەكشۈرۈشتە ئاق ھۈجەيرىلەر سانى ئېشىپ كېتىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

2. مېڭە ئۆسمىسىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

مېڭە ئۆسمىسىدىكى كېسەللىك تەرەققىياتى ۋە قوزغىلىشى بىرقەدەر ئاستا بولۇش، CT دا تەكشۈرگەندە چەكلىك دائىرىدىكى مونەكچە كۆرۈنۈش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

1.خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

2. باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا شۇ خىل كېسەللىكلەرگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىپ كېسەللىك سەۋەبى يوقىلىدۇ.

3. مېڭە قان تومۇرلىرىنى كېڭەيتىش، قان-تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ياخشىلاش، توسالغۇلارنى ئېچىش،قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش، مېڭە ئىچكى بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

4. مېڭىنى ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش، تەبىئەت كۈچىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

مېڭە تىقىلمىسىبۇ كېسەللىكنى ۋاقتىدا داۋالىسا كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلىنىپ كېتىدۇ. ئەگەر ياخشى داۋالاشقا ئېرىشەلمىسە، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ ھەرخىل ئاسارەت خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

1. مېڭە سەكتىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مېڭە قان تومۇرلىرى توسۇلۇش تۈپەيلىدىن قان بېسىمى يۇقىرىلاپ، مېڭە قان تومۇرلىرى يېرىلىپ مېڭە سەكتىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. مېڭە يىگىلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

مېڭە قان تومۇرلىرى توسۇلۇپ ئۇزۇن مۇددەت مېڭىگە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك نەتىجىسىدە مېڭە ھۈجەيرىلىرى نېكروزلىنىپ مېڭە يىگىلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

قان خىلىتىنىڭ قويۇلۇپ قېلىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا، چىلان شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن؛ سەندەل شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 40 مىللىلىتىردىن، ئالىقات شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن؛ تەمرى ھىندى شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن، ئەينۇلا مۇرابباسى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 20 گرامدىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

موزا تەملىك بەلغەم خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا، موزا تەملىك بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا مېڭىنى قۇۋۋەتلىگۈچى، توسالغۇلارنى ئاچقۇچى دورىلاردىن رەيھان ئۇرۇقى، پەرەنجىمىشكى، مەرزەنجۇش، ئاسارۇن، ئۇد سەلىپ قاتارلىقلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن 12~9 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار بەلگىلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى مۇنزىچقا موزا تەملىك بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80~60 مىللىلىتىردىن 5~3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، موزا تەملىك بەلغەم خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

كۈدە سۈيى رەڭلىك سەپرا خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا كۈدە سۈيى رەڭلىك سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا مېڭىنى قۇۋۋەتلىگۈچى، توسالغۇنى ئاچقۇچى دورىلاردىن ئۇدسەلىپ، ئاسارۇن، مەرزەنجۇش، رەيھان ئۇرۇقى، پەرەنجىمىشكى قاتارلىقلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80~60 مىللىلىتىردىن 9~7 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار بەلگىلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى مۇنزىچقا كۈدە سۈيى رەڭلىك سەپرا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن 5~3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، كۈدە سۈيى رەڭلىك سەپرا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

كۆيگەن سەۋدا خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا، خاس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا توسالغۇلارنى ئاچقۇچى، مېڭىنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلاردىن رەيھان ئۇرۇقى، مەززەنجۇش، ئاسارۇن، پەرەنجىمىشكى قاتارلىقلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن 15~10 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن، يۇقىرىقى مۇنزىچقا سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم تاماقتىن كېيىن، 80 مىللىلىتىردىن 5~3 كۈن بېرىپ، غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

مېڭە قان تومۇرىنى كېڭەيتىش، قان تومۇرنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ياخشىلاش، توسالغۇلارنى ئېچىش، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش، مېڭە ئىچكى بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

خېمىرى گاۋزىبان ئەنبىرى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا ئۈچ دانىدىن؛ ئىترىفىل ئۈستقۇددۇس كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ ھەببى قوقىيا كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەرقېتىمدا 5~3 دانىدىن؛ ئىتىرىفىل ئەفتىمۇن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن؛ 7~5 دانىدىن؛ ھەببىي شەبىيار كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن؛ ھەر قېتىمدا 4~2 تالدىن تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ ھەمدە تۆۋەندىكى مەتبۇخى ئەفتىتۇن كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 60مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

مەتبۇخى ئەفتىمۇن نۇسخىسى: سېرىق ھېلىلە پوستى 40 گرام، ئۈستقۇددۇس 20 گرام، ئەفتىمۇن 20 گرام، قارا ھېلىلە 20 گرام، ئامىلە 20  گرام، بەدىيان 20 گرام، بەدىيان يىلتىزى 30 گرام، ئىتئۈزۈمى 20 گرام، شاھتەررە 30 گرام، تەرەنجىبىن 60 گرام، خىيارشەنبەر 30 گرام، تەرخەمەك ئۇرۇقى 20 گرام، ئەنجۈر قېقى 60 گرام، سانا 220 گرام، گۈلقەنت 820 گرام، بادام يېغى 15 مىللىلىتىر ئېلىپ، قائىدە بويىچە قاينىتىپ، مەتبۇخ تەييارلىنىدۇ.

سوزاپ ۋە قۇندۇز قەھرىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، ئۇنىڭغا سىركە ئارىلاشتۇرۇپ، زىمات تەييارلاپ، چاچنى چۈشۈرۈۋېتىپ باشقا چېپىلىدۇ.

بابۇنە، پىننە، ئۆشنە، ئاقىرقەرھا قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قاينىتىپ ئىلمان ھالەتتە باش يۇيۇپ بېرىلىدۇ.

سەۋسەن يېغى 25 مىللىلىتىر، پەرپىيۇن، سوزاپ، ئاقىرقەرھا بەش گرامدىن ئېلىپ، ئارىلاشتۇرۇپ، باشنىڭ ئارقا تەرىپىدىن ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنى بويلاپ ئىككى تارغاق ئوتتۇرىسى باغلاپ بېرىلىدۇ.

كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن مېڭە ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، تەبىئەت كۈچىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە مەجۇنى نۇجاھ كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ خېمىرى گاۋزىبان ئەنبىرى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 5~3 دانىدىن؛ خېمىرى مەرۋايىت كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ مەجۇنى داۋائىلمىشكى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ مۇپەررىھ ياقۇت كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى، ھەرقېتىمدا 10 مىللىلىتىردىن؛ جەۋھىرى مۇپەررىھ ئەبرىشىم كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى، ھەر قېتىمدا 10 مىللىلىتىردىن؛ ئۈستقۇددۇس شەربىتى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن، مائۇلھەسەل كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 30  مىللىلىتىردىن تاللاپ ئىستېمال قىلدۇرۇلىدۇ.

1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى، مايلىق تاماقلاردىن پەرھىز تۇتۇلىدۇ.

2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان يېمەك-ئىچمەكلەردىن باچكا گۆشى، توخۇ گۆشى، كەكلىك گۆشى، ئۈگرە، شويلا، كۆك ماش ئاش، نوقۇت ئېشى، پالەك، يۇمغاقسۈت، ئۇسۇڭ، سېمىز ئوت، چامغۇر، سەۋزە، قىزىلچا، ئەينۇلا، قارا ئۆرۈك، چىلان، ئانار، ئالما، بانان قاتارلىقلار تاللاپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3. ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىشتىن، زىيادە چارچاشتىن، غەم-ئەندىشە قىلىشتىن، ئاچچىقلىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

4. ئىزچىل يەڭگىل ھەرىكەت قىلىپ بېرىش، ئىلمان سۇدا بېشىنى يۇيۇش، پۇتىنى ئىسسىق سۇدا يۇيۇش، ئارام ئالغاندا باشنى ئېگىزرەك قويۇپ يېتىش، روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش، ھەرخىل سەيلە-ساياھەت ئورۇنلىرىغا بېرىپ سەيلى-ساياھەت قىلىش قىلىش كېرەك.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=759

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=759

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#