بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋىتى ئاجىزلىق كېسىلى

بالىلارنىڭ كۆرۈش كۈچى ئاجىزلىقىنى بالدۇر بايقاش ئىنتايىن مۇھىم. بالىلارنىڭ كۆرۈش كۈچى ئاجىزلىقى سەل قاراشقا بولمايدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. 

ئۇيغۇرچە نامى بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋىتى
خەنزۇچە نامى 儿童视力

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كۆرۈش قۇۋىتىنى بالدۇر بايقاش بالىلارنىڭ كۆرۈش كۈچى ئاجىزلىقىنى بالدۇر بايقاش ئىنتايىن مۇھىم. بۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ نەزىرىدە سەل قاراشقا بولمايدىغان ئىش، ئالدى بىلەن ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ئادەتتىكى ئىپادىسىگە دىققەت قىلىشى، ئەگەر بالىلار نەرسىلەرگە قارىغاندا ھەددىدىن زىيادە يېقىن تۇرۇپ قارىسا ياكى بېشىنى يانتۇ قىلىپ، كۆزىنى قىسىپ تۇرۇپ قارىسا ياكى كۆزىنى چىمچىقلاتسا…ۋاقتىدا دوختۇرغا ئاپىرىپ، دىئاگنوز قويدۇرۇش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئائىلە باشلىقلىرىمۇ بىر قىسىم ئاددىي سىناقلارنى قىلىپ باقسا بولىدۇ. مەسىلەن: بىر ئاز كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان ئويۇنچۇقنى بالىنىڭ ئالدىغا قويۇپ، بالىنىڭ ۋاقتىدا بايقىيالايدىغان-بايقىيالمايدىغانلىقىغا قاراش، ئويۇنچۇقنى بالىنىڭ كۆز ئالدىدا پۇلاڭلىتىپ، بالىنىڭ ئويۇنچۇقنى تالىشىش-تالاشماسلىق ئىنكاسىغا قاراش، بالىنىڭ مۇقىم ھالدا بىرەر نەرسىنى كۆزىتىش ئىقتىدارىغا دىققەت قىلىش، ئەگەر بالىلاردا ئويۇنچۇقنى ۋاقتىدا بايقىيالماسلىق، كۆز ئالدىدىكى پۇلاڭشىپ تۇرغان ئويۇنچۇقنى تالاشماسلىق ياكى نەرسىلەرگە تىكىلىپ تۇرۇپ قارىيالماسلىق ئەھۋالى بايقالسا، دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك. داۋالاش ۋاقتىنىڭ ئۆتۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك، ئەڭ ياخشىسى بالا ئۈچ ياشقا كىرگەندە بىر قېتىملىق كۆرۈش قۇۋۋىتى ساغلاملىقىنى تەكشۈرۈش كېيىن ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كېرەك.

كۆرۈش قۇۋىتىنى بالدۇر بايقاش بۇ خىل كېسەللىكنى داۋالاشتا ئالدى بىلەن بۇ خىل كېسەلنى پەيدا قىلىش سەۋەبىنى ئېنىقلاپ، دىئاگنوز قويۇش ئارقىلىق داۋالاش كېرەك. كۆزىگە تۇغما ئاق چۈشۈش ياكى ئۈستۈنكى قاپىقى تۇغما ساڭگىلاپ چۈشۈش تۈپەيلىدىن كۆرۈش كۈچى ئاجىز بولغانلارنى ئىمكانقەدەر بالدۇرراق ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ، ئالىغاي بولۇپ قالغانلار ئاۋۋال ئالىغايلىقنى تۈزۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار ئاتروپىن ئارقىلىق كۆزىنىڭ كۆرۈش قابىلىيىتىنىڭ نۇرىنى تەكشۈرۈپ، مۇۋاپىق بولغان كۆزەينەكنى تاقاپ، نۇر سۇندۇرۇشنى توغرىلاش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا، غۇۋا كۆرۈنگەن نەرسىلەر ئوچۇق كۆرۈنىدۇ ۋە كۆرۈش سەزگۈ ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگىمۇ ياخشى قوزغاتقۇچ بولۇپ، كۆرۈش سەزگۈسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ياخشى ئاساس سالىدۇ. شۇنداقلا كۆزى ئاجىزلىقنى داۋالاشتىكى باشقا خىل ئۇسۇللار نۇر سۇندۇرۇشنى توغرىلاش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ ھەم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يېپىش (يەنى كۆرۈش ئىقتىدارى ياخشى بولغاندا كۆزىنى يېپىپ، كۆرۈش ئىقتىدارى ئاجىز بولغان كۆزنى كۆپ ئىشلىتىشكە مەجبۇرلاش ئۇسۇلى) ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى، چەكلەش ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى (بىر قىسىم يېشى چوڭ ھەم كۆزىنى ئېتىشكە ئۇنىمىغان بالىلارغا كۆزەينەك تاقىغۇزۇپ، ئاجىز كۆزى بىلەن نەرسىلەرگە قارىغاندا كۆرۈش ئىقتىدارى ياخشى بولغان ياخشى كۆزى ئارقىلىق ئوچۇق كۆرۈش ئۈنۈمىگە ئېرىشىشتىن ئىبارەت) ، تەسىر ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى (كۆزى ئاجىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارغا نىسبەتەن نازۇك خىزمەت قىلغۇزۇش. مەسىلەن: تەسۋىرلەش، مارجان ئۆتكۈزۈش، قەغەز قېيىش، يىڭنىگە يىپ ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلار) ھەم دورا ئۆسۈملۈكلىرى ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى ئېلىپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ.

كۆرۈش كۈچى قۇۋىتىنى مەشىقلەندۈرۈش ئىنسانلارنىڭ %80 ئۇچۇرى كۆرسىتىش سېزىمى ئارقىلىق ئېرىشكەن ئۇچۇر. شۇڭا، بالىلارنىڭ كۆرۈش سېزىمىنى مەشىق قىلدۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. گەرچە كۆرۈش سېزىمى بوۋاقلارنىڭ ئەڭ كېيىن پەيدا بولغان بىر خىل سېزىمى بولسىمۇ، بىراق كۆرۈش سەزگۈ پائالىيىتى بوۋاق تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا پەيدا بولىدۇ. بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن بۇ ۋاقىتتا كۆرۈش سېزىمى بولىدۇ، يېقىندىكى نەرسىلەرنى ياكى ئانىسىنىڭ يۈزىنى كۆرەلەيدۇ. بۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئانىنىڭ بوۋاق ئۈچۈن بىر مۇۋاپىق غىدىقلاش تەسىرى بار مۇھىتنى يارىتىپ بېرىشى ئىنتايىن مۇھىم. بوۋاقنىڭ ئۆيى چوقۇم كۆرۈش سېزىمىنى غىدىقلاشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان يەر بولۇشى كېرەك. ئاتالمىش مۇۋاپىق بولغان كۆرۈش سېزىمىنى غىدىقلاش دېگىنىمىز — غىدىقلاش يوق دېگەنلىكمۇ ئەمەس، بىراق يەنە كۆپ بولۇشى كېرەك دېگەنلىكمۇ ئەمەس. بەزى ئانىلار ئۆي رەتلىك، تىنچ بولۇشى كېرەك دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆي ئىچىدە ھېچقانداق رەڭ قالدۇرمايدۇ. تامنىمۇ ئاپئاق، كىرلىك-يوتقانلارمۇ سۇس رەڭدە، پەردىلەرنىمۇ ئاپئاق رەڭدە قىلىۋېتىدۇ. بۇ خىل ھېچقانداق رەڭلەر يوق، يەنى ھېچقانداق غىدىقلىنىش بولمىغان مۇھىت بوۋاقنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىسىز. ئۆي ئىچىگە مۇۋاپىق بولغان بىر قىسىم رەڭلىك نەرسىلەرنى قويۇش كېرەك. مەسىلەن: تامغا رەسىم ئېسىش، يوتقان تېشى رەڭلىك بولۇش، كارىۋات بېشىغا بىر قىسىم رەڭلىك نەرسىلەرنى ئېسىپ قويۇش. بوۋاققا چىرايلىق بىر ئويۇنچۇق ئېلىپ بېرىش قاتارلىقلار بالىنىڭ كۆرۈش سەزگۈسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق. ئىككىنچى ئېيىدىن باشلاپ، بوۋاققا قېنىق رەڭلىك نەرسىلەرنى كۆرسىتىشكە باشلىسا بولىدۇ. ۋاقىتنمۇ ئاستا-ئاستا ئۇزارتسا بولىدۇ، بۇ نەرسىلەر ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ كۆزىگە يېقىنراق بولغان يەرگە قويۇلۇشى كېرەك. 30 سانتىمېتىر ئارىلىق ئەڭ مۇۋاپىق ئارىلىق. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا بوۋاقنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، كۆز قارىچۇقىنىڭ ئىقتىدارى تېخى تولۇق يېتىلمىگەن. شۇڭا نەرسىلەرنى يىراق قويۇپ قويغاندا بوۋاق كۆرەلمەيدۇ، بۇنىڭ ھېچقانداق غىدىقلىنىش رولى بولمايدۇ. پسىخولوگلارنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، يېشى قانچە كىچىك بولسا، ئارىلىقمۇ شۇنچە يېقىن بولۇشى كېرەككەن. شۇڭا، تۇغۇلغىلى ئۇزۇن بولمىغان بوۋاقلارغا ئارىلىقنى يېقىن قىلىپ كۆرۈش سېزىمىنى غىدىقلاش كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە جىسىمنى ئىمكانقەدەر ئۇنىڭ كۆزى بىلەن تەڭمۇتەڭ كېلىدىغان يەرگە قويۇش كېرەك. چۈنكى ئۇنىڭ كۆرۈش دائىرىسى ناھايىتى كىچىك، ئانا دائىم بوۋاق بىلەن پاراڭلىشىپ بەرسىمۇ، كۆرۈش سەزگۈسىنى چېنىقتۇرۇشقا پايدىلىق. ئانا تىل ئارقىلىق بالىنى جەلپ قىلغاندا گەرچە بۇ ۋاقىتتا ھېچقانداق ئالاھىدە ئىنكاسى يوقتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ دائىم كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ ئانىغا قارايدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئادەمنىڭ چىرايىدىكى ھەربىر ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەرنى كۆرۈشىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، ئانا بىلەن باشقىلارنى پەرقلەندۈرۈشنى ئۆگىنىۋېلىشىغا پايدىلىق. بەزى ئاتا-ئانىلار بۇنچىۋالا كىچىك بوۋاق نېمىنى چۈشىنەتتى دەپ قاراپ كۆڭۈل قويۇپ مەشىق قىلدۇرمايدۇ. بالىنى ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇپ قويۇپ كارى بولمايدۇ، بۇمۇ ئەقلىي قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشتىكى ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغانلىق. ئەلۋەتتە، بالىغا مۇۋاپىق بولغان كۆرۈش سېزىمىنى غىدىقلاش مۇھىتى بىلەن تەمىنلەش دېگىنىمىز، ھەرگىزمۇ غىدىقلىغۇچى جىسىم قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى دېگىنىمىز ئەمەس، غىدىقلىنىش چوقۇم مۇۋاپىق بولۇش كېرەك. ئەگەر بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، بىر تەرەپتىن بوۋاقلار غىدىقلاش رولىغا ئىگە نەرسىلەرنى كۆرەلمەيدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئوڭايلا چارچاپ قالىدۇ، بۇنداق بولغاندا چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىسىز.

پەرق ئېتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش تەخمىنەن ئۈچ ياشقا كىرگەندە، بالىلار يۇمىلاق، چاسا ۋە ئۈچ بۈرجەك قاتارلىق ئاددىي شەكىللەرنى تونۇيالايدۇ. ئوخشاش بولمىغان گېئومېتىرىيىلىك شەكىللەرنى پەرقلەندۈرۈش ئوڭايلىقتىن قىيىنلىققا قاراپ يۈزلىنىدۇ. ئۇنىڭ تەرتىپى: يۇمىلاق شەكىللىك، كۋادرات شەكىللىك، يېرىم شار شەكىللىك، تىك تۆت تەرەپلىك، ئۈچبۇلۇڭ، كۆپ تەرەپلىك قاتارلىقلار.

بالىلار كۈندە ئىستېمال قىلىدىغان پىرەنىك تورت ياكى بولكا قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، بالىغا خىلمۇخىل شەكىلنىڭ نامىنى ئېيتىپ بەرسە بولىدۇ. يەنە بىر قانچە پارچە چوڭراق تورت سېتىۋېلىپ، ئۇنى بىر قانچە خىل ئوخشىمىغان شەكىللەردە بىر تەرەپتىن كېسىپ، بىر تەرەپتىن بۇ يۇمىلاق شەكىل، بۇ تۆت تەرەپلىك دەپ ئېيتسا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن بالىغا سىز تەلەپ قىلغان تۈرىنى تاپقۇزۇپ، بالىنىڭ توغرا تاپقان-تاپمىغانلىقىغا قاراڭ. بالىلار ئويۇنچۇقى بولغان كۇبىكمۇ بالىلارنىڭ شەيئىلەرنىڭ شەكىلنى پەرق ئېتىش قابىلىيىتىنى مەشىق قىلدۇرۇشتىكى ياخشى ئويۇنچۇق. ئۈچ ياشقا كىرىشتىن ئىلگىرى، ئاتا-ئانىلار خىلمۇخىل شەكىلدىكى كۇبىكتىن پايدىلىنىپ، بالىلارغا مەقسەتلىك ھالدا شەكىللەرنى پەرقلەندۈرۈشنى ئۆگىتىشى كېرەك. بىز كۈندىلىك تۇرمۇشتا دائىم كۆرىدىغان شەيىئلەر ئەمەلىيەتتە ئوخشاش بولمىغان شەكىلگە ئىگە. مەسىلەن: قۇياش يۇمىلاق بولىدۇ. ئىشىك تىك تۆت تەرەپلىك شەكىلدە بولىدۇ. چىش كولىغۇچ ياكى كىچىك ياغاچ قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ خىلمۇخىل شەكىل چىقىرىپ، بالىغا پەرقىنى تاپقۇزسا ۋە ياكى بالىغا مەلۇم بىر شەكىلنى ياساتقۇزسىمۇ بولىدۇ.

رەڭ پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى

رەڭ پەرىقلەندۈرۈش ئىقتىدارىبىر يېرىم ياشقا كىرگەندىن كېيىن بالىلار خىلمۇخىل رەڭلەرنى ئېيتىپ بېرەلەيدۇ. ئۈچ ياشقا كىرەي دېگەندە، خىلمۇخىل رەڭلەرنى پەرق ئېتىشكە باشلايدۇ. مەسىلەن: قىزىل، سېرىق، يېشىل، كۆك قاتارلىق رەڭلەردىن قىزىل رەڭنى ئەڭ ئوڭاي ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا سېرىق، يېشىل رەڭلەرنى ئىگىلەيدۇ. بىراق باشقا ئارىلاشما رەڭلەرنى مەسىلەن: بېغىررەڭ قاتارلىق رەڭلەرنى ۋە ئوخشىمىغان رەڭ دەرىجىدىكى رەڭلەرنى مەسىلەن: قارامتۇل يېشىل ۋە سۇس يېشىل رەڭلەرنى يەنىلا توغرا پەرق ئېتەلەيدۇ. رەڭلەرنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارىنى مەشىق قىلدۇرۇش تۆۋەندىكى باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ: بىرىنچى باسقۇچ: بالىغا قىزىل رەڭ، يېشىل رەڭ، سېرىق رەڭ قاتارلىق ئاساسلىق رەڭلەرنى چۈشەندۈرۈش ۋە كونكرېت ئەمەلىي نەرسىلەر بىلەن رەسىملەرگە بىرلەشتۈرسە بولىدۇ. مەسىلەن: ئالما قىزىل رەڭدە، بانان سېرىق رەڭدە، ئوت-چۆپ يېشىل رەڭدە بولىدۇ دەپ چۈشەندۈرسە بولىدۇ. ئىككىنچى باسقۇچ: بالىلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان رەڭلەرنى پەرقلەندۈرۈشىگە ئاساسەن، خىلمۇخىل رەڭدىكى كونكرېت يېشىك رەڭلىك كۇبىكنى بالىغا تاپقۇزۇش ياكى سېرىق رەڭلىك كۇبكىنى تاللاتقۇزۇش كېرەك. ئۈچىنچى باسقۇچ: بالىلار ئۈچۈن ياخشى بولغان رەڭلەرنى تەييارلاش، رەڭسىز رەسىملەرنىڭ ئۈستىگە ۋە ئوخشاش بولمىغان شەيئىلەرگە رەڭ بېرىشنى ئۆگىتىش كېرەك.

شەيئىلەرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى 

شەيئىلەرنىڭ چوڭكىچىكلىكىنى پەرقلەندۈرۈشتەجرىبىلەردە ئىسپاتلىنىشچە، ئەگەر بىر ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىلارغا چوڭ توپ بىلەن كىچىك توپنى ئايرىغۇزغاندا، بىر يېرىم ياشتىكى بالىلارنىڭ %20 ى توغرا ئايرىپ بېرەلگەن، ئىككى ياشتىكى بالىلارنىڭ %60 ى، ئىككى ياش تۆت ئايلىق بولغان بالىلارنىڭ %80 ى توغرا ئايرىپ بېرىلگەن. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىر ئاز بالدۇر بولغان بالىلار بىر يېرىم ياش ۋاقتىدىلا شەيئىلەرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ئايرىيالالايدۇ. بالىلارنىڭ چوڭ-كىچىكلىكنى ئىپادىلەش ئىقتىدارى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىدىن كېيىنرەك يېتىلىدىغان بولغاچقا، بەزى بالىلار گەرچە چوڭ-كىچىكلىكىنى ئايرىشنى بىلسىمۇ، بىراق تىل ئارقىلىق ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. بىر ياش ئون ئايلىق بولغان بالىلاردىكى چوڭ-كىچىكلىكنى ئىپادىلەش ئىقتىدارى بارلىرى %20 نى ئىگىلەيدۇ.

 ئىككى ياشتا %40 نى، ئىككى ياش تۆت ئايلىق بولغاندا %80 نى ئىگىلەيدۇ. ئۈچ ياشقا كىرگەندە تولۇق ئايرىپ ۋە تىل ئارقىلىق ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ. بىر يېرىم ياشقا كىرگەندىن باشلاپ شەكىل، رەڭ قاتارلىقلار پۈتۈنلەي ئوخشايدىغان نەرسىلەرنى چوڭلار تېپىپ چىقسا بولىدۇ. چوڭ-كىچىك ئويۇنچۇقلارغا بولسا بالىلار ئۆزى بىر نەرسە دېسە بولىدۇ. مەسىلەن: بىر قاتار سۇلياۋ ئىستاكانلاردىن پايدىلانسا بولىدۇ. بۇ ئسىتاكاننىڭ سىرتقى شەكلى، رەڭگى قاتارلىقلار پۈتۈنلەي ئوخشاش بولۇشى، پەقەت چوڭ-كىچىكلىكىدە ئازراق پەرق بولسا بولىدۇ. كىچىك ئىستاكاننى چوڭ ئىستاكاننىڭ ئۈستىگە قويۇپ، بالىغا ئوخشاش بولمىغان ئىستاكاننى پەرقلەندۈرگۈزۈش كېرەك، يەنە ئىستاكانغا ئازراق سۇ قۇيۇپ، بالىدىن «چوڭ ئىستاكاندا سۇ بارمۇ؟ ياكى كىچىك ئىستاكاندا سۇ بارمۇ؟ » دەپ سورىسىمۇ بولىدۇ. يەنە ئائىلىدىكى ئاياغلاردىن پايدىلىنىپ، چوڭ-كىچىكىنى پەرقلەندۈرۈش ئۇقۇمىنىڭ شەكىللىنىشىگە ياردەم بەرسىمۇ بولىدۇ ياكى تامغا چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان جىسىملارنى ئېسىپ، بالىغا چوڭ-كىچىكلىكىنى ئايرىغۇزسا بولىدۇ. بالىغا چوڭ-كىچىك ئۇقۇمنى سىڭدۈرۈش بىلەن بىرگە «چوڭ» ، «كىچىك» دېگەن سۆزنى ئۆگىتىش كېرەك.

جىسىمنىڭ ئاز-كۆپلۈكىنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى

 بىر يېرىم ياشتىن ئىككى ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ بەزىلىرى راۋان سۆزلىيەلمەيدۇ. بىراق جىسىمنىڭ ئاز-كۆپلۈكىنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئىككى دۆۋە يەنى بىرسى كۆپرەك، يەنە بىرسى ئازراق بولغان، ئۇلار ياقتۇرۇپ يەيدىغان يېمەكلىكنى قويغاندا ئۇلارنىڭ قولىنى قايسى ياققا سوزغىنىغا قاراپ، ئۇلاردا «كۆپ» ياكى «ئاز» نى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ بار-يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ. بۇمۇ بالىلاردا دەسلەپتىكى سان ئۇقۇمى پەيدا بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. ئۈچ ياشقا كىرىشتىن ئىلگىرى، بالىلارنىڭ سانغا بولغان تونۇشى ئاساسلىقى سەزگۈ باسقۇچىدا بولىدۇ. پەقەت سان ئۇقۇمى توغرىسىدا بىخلىنىش پەيدا بولىدۇ. سان ئۇقۇمى ئۈچ ياشقا كىرگەندىن كېيىن ئاندىن شەكىللىنىشكە باشلايدۇ. ئۈچ ياشقا كىرىشتىن ئىلگىرى بالىلار گەرچە ئون ئىچىدىكى ساننى ساناپ بېرەلىسىمۇ، بىراق پەقەت مېخانىكىلىق ھالدا ساننىڭ تەرتىپىنى سۆزلەپ بېرىدۇ. يەككە ھالدا مەلۇم بىر ساننى دەپ بېرەلمەيدۇ. ئاتا-ئانىلار ئويۇن جەريانىدا بالىغا بىۋاسىتە «كۆپ» ياكى «ئاز» بولغان سان مۇناسىۋىتىنى ھېس قىلدۇرسا بولىدۇ. مەسىلەن: بالىلار ئۈچۈن چوڭ ۋە كىچىك شاھمات ياكى دامكا ئۇرۇقلىرىنى تەييارلاپ، ئىككى دانە چوڭ ئۇرۇق ۋە سەككىز دانە كىچىك ئۇرۇقنى ئېلىپ، ئىككى دۆۋە قىلىپ تىزىپ، ئاۋۋال بالىغا چوڭ ئۇرۇقنىڭ سانىنى ئېيىتقۇزۇش كېرەك، بىر تەرەپتىن ئۇرۇقنى ئېلىپ، بىر تەرەپنىڭ «بىر، ئىككى، چوڭ ئۇرۇق جەمئىي ئىككى ئىكەن» دەپ سانىسا بولىدۇ. يەنە كىچىك ئۇرۇقنى ئېلىپ «1، 2، 3، جەمئىي سەككىز ئىكەن» دەپ ساناپ، ئەڭ ئاخىرىدا بالىغا چوڭ ئۇرۇقنىڭ ئاز، كىچىك ئۇرۇقنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرسە، بالا ئۆزى «كۆپ» ۋە «ئاز» نىڭ پەرقىنى بىلىۋالالايدۇ. ئاتا-ئانىلار يەنە چوڭ ئۇرۇق بىلەن كىچىك ئۇرۇقنىڭ سانىنى ئالماشتۇرسىمۇ بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا بالا تېخىمۇ ئوڭاي پەرقلەندۈرەلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاتا-ئانىلار بۇ خىل ئويۇن جەريانىدا بالىغا ساناق ساناشنى ئۆگىتەلەيدۇ. بىر يېرىم ياشقا كىرگەن بالىلار «ئىككى» دېگەن ساننى ئۆگىنەلەيدۇ. نۇرغۇنلىغان بالىلار تەرتىپ بويىچە بىر، ئىككى دەپ ساناپ بېرەلەيدۇ. بىراق ئۈچنىڭ ئىككىدىن چوڭ ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش ناتايىن بولۇپ، بالىنىڭ سانغا بولغان تونۇشى يەنىلا تۇتۇق بولۇشى مۇمكىن

بالىلىق مەزگىل ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ ئىنتايىن تېز تەرەققىي قىلىدىغان مەزگىلى بولۇپ، كۆزىتىش بولسا بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان يول، كۆزىتىش بولمىسا ئاكتىپ تەپەككۇر بولمايدۇ. مول تەسەۋۋۇرنىڭ شەكىللىنىشى ناتايىن. كۆزىتىش ئارقىلىق بالىلاردا ئاندىن شەيئىلەرگە قارىتا ئېنىق تونۇش بولىدۇ. بالىلار شەيئىلەرنى كۆزەتكەندە ئاساسلىقى ھەرخىل سەزگۈ ئەزالىرىغا تايىنىدۇ. يەنى كۆز بىلەن كۆرىدۇ، قۇلاق بىلەن ئاڭلايدۇ، بۇرۇن بىلەن پۇرايدۇ، ئېغىز بىلەن تېتىيدۇ، قول بىلەن تۇتىدۇ. ئۇ بىر تال گۈلنى كۆزەتكەندە بۇ گۈلنىڭ قىزىل ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. پۇراپ بېقىپ ناھايىتى مەززىلىك پۇرايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. تۇتۇپ بېقىش ئارقىلىق گۈل بەرگىنىڭ يۇمشاق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، بالىلار كۆزىتىش جەريانىدا سەزگۈ ئەزالىرى ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان شەيئىلەرنى تونۇيدۇ. ئائىلە باشلىقلىرى بالىلارغا كۆپرەك كۆزىتىشكە يېتەكچىلىك قىلىپلا قالماي يەنە كۆزىتىش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىش كېرەك. مەسىلەن: بىز ئۈزۈۋاتقان تاپانبېلىقنى كۆزەتكەندە بىر پۈتۈنلۈكتىن قىسمەنلىككىچە، بېشىدىن-قۇيرۇقىغىچە ياكى ئاستىدىن-ئۈستىگىچە كۆزىتىشنى تەرتىپ بىلەن ئۆگىتىش كېرەك. بىر پۈتۈنلۈكتىن قارىغاندا تاپانبېلىقنىڭ بەدىنى يانتۇ، بېشى كىچىك، ئوتتۇرىسى چوڭ، پۈتۈن بەدىنىدىكى قاسىراق پارقىراق كۆرۈنىدۇ. بېشىدىن باشلاپ كۆزەتكەندە باش قىسمىنىڭ ئىككى يېنىدا بىردىن كۆز بارلىقىنى، ئېغىزىنىڭ بېشىنىڭ ئالدىغىراق جايلاشقانلىقىنى، توختىماستىن ماكىلدىتىپ كۆپۈكچىلەرنى چىقىرىۋاتقانلىقىنى، قۇيرۇقىدا پالاقچىنىڭ بارلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. تۆت-بەش ياشلىق بالىلاردىن كۆزەتكەن ئاددىي مەزمۇنلارنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. بەش-ئالتە ياشلىق بالىلارنىڭ كۆزەتكەن مەزمۇنلىرى بىر ئاز چوڭقۇر بولىدۇ. مەسىلەن: تاپانبېلىقنىڭ بېشىنىڭ ئۈستىدە ساقاق (سۇ ھايۋانلىرىنىڭ نەپەسلىنىش ئورنى) ياپقۇچى بارلىقىنى، تاپانبېلىقنىڭ ساقاقتىن پايدىلىنىپ نەپەسلىنىدىغانلىقىنى، قۇيرۇقىدىكى پالاقچا ئارقىلىق ھەرىكەتلىنىدىغانلىقىنى، سۇدا ئۇياقتىن-بۇياققا ئۈزۈپ ئېنىق قىلىش ئۈچۈن سېلىشتۇرما ھالەتتىكى كۆزىتىش ئۇسۇلىنى قوللانسا بولىدۇ. مەسىلەن: ئوخشاش بولمىغان بېلىقلارنى بىر يەرگە قويۇپ تۇرۇپ، ئۇلاردىكى ئوخشاشلىق ۋە ئوخشىماسلىقىنى تاپقۇزغاندا بالىلاردا ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر قىلدۇرىدۇ. بالىلارنىڭ كۆزىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتە ئاساسلىقى ئۇلارنىڭ كۆزىتىش قىزىقىشىنى قوزغاش كېرەك. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#