مەجۈنى لۆلىۋى

مەجۇنى لۆلىۋى رەئىس ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، پۈتۈن بەدەننى قۇۋۋەتلەش، پەيلەرنى چىڭىتىش، ئىشتىھانى ئېچىش تەسىرىگە ئىگە.

دورا نامى مەجۈنى لۆلىۋى
تونۇش نامى Luolewei Migao
ئاساسلىق دورىسى ئامىلە
خەنزۇچە نامى 罗乐胃蜜膏
ياسالما شەكلى مەجۇن

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ جىگەررەڭلىك مەجۇن بولۇپ، تەمى ئازراق تاتلىق.

مەجۈنى لۆلىۋىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى  
 نامى  مىقدارى   نامى  مىقدارى   نامى  مىقدارى 
 ئامىلە   180گرام     قىزىلگۈل          9 گرام    مەرۋايىت        4 گرام 
    قاقىلە    3 گرام  قەلەمپۇر   4.5  گرام     لاچىندانە     3 گرام 
 سۆئىدى كوفى     4.5 گرام  جويۇز 3 گرام  مەستىكى        4.5 گرام 
   زەپەر      3 گرام ئاسارۇن        4.5 گرام          ئىپار      1 گرام 
 زەرنەپ       4.5 گرام    پەرەنجىمىشكى   4 گرام  دارچىن   3 گرام     
 سۇمبۇل    4.5 گرام       سازەچ     4 گرام ئالتۇن ۋەرەق     20 دانە
 بەسباسە      3 گرام       كۆمۈش ۋەرەق  40 دانە  

يۇقۇرىدىكى 20 خىل دورىدىن، ئامىلىنى سۈتكە چىلاپ 24~12 سائەتكىچە تۇرغۇزۇپ، پاكىز يۇيۇپ تازىلاپ، 3 ھەسسە سۇ قوشۇپ،4 سائەت قاينىتىپ، 10 كۆزلۈك ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇرۇقىنى چىقىرىۋېتىپ،  400 گرام شېكەر ۋە 200 گرام ھەسەل قوشۇپ داۋاملىق قاينىتىپ قىيام قىلىۋالىمىز؛ باشقا دورىلارنى سوقۇپ يۇمشاق تالقانلاپ، يۇقۇرىدىكى قىيام، چەككىلەنگەن ھەسەل بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ،1000 گرام مەجۇن تەييارلىنىدۇ.

ئۆلچەم 

 ھەر بىر قۇتىغا 100گرام دىن قاچىلىنىدۇ. 

ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارى 

كۈنىگە 2 قېتىم،ھەر قېتىمداگ15~10گرامغىچە ئىستىمال قىلىنىدۇ.

ساقلاش 

 ئېغىزى ھىم ئېتىلىپ، سالقىن سايە ئورۇندا ساقلىنىدۇ.

نېرۋا ئاجىزلىقى، خاپىغان،جىنسىي ئاجىزلىق،ئاشقازان ئاجىزلىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.  

بۇ دورا مەجۇن ياسالمىسىغا ئالاقىدار ھەر خىل بەلگىلىمىلەر (سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دورا ئۆلچىمى ئۇيغۇر تىبابەت دورا قىسمى،قوشۇمچە I) گە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم.

دورىدىن 20 گرام ئېلىپ،10گرام دىئاتومىد قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ،ئاتسېتوندىن 20ml قوشۇپ،30 مىنۇت ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىدا تۇرغۇزۇپ،سۈزۈپ،سۈزۈلگەن سۇيۇقلۇقنى سىناق ئېرىتمىسى قىلىپ تەييارلايمىز. موزا كىسلاتا سېلىشتۇرما دورىسىدىن ئېلىپ،مېنتانول قوشۇپ،ھەر 1ml سۇيۇقلۇق 1مىللىگرام دورا تۇتقان سېلىشتۇرۇلىدىغان دورا ئېرىتمىسى قىلىپ تەييارلىنىدۇ. نېپىز قەۋەتلىك رەڭ سىپېكتىر ئۇسۇلى (قوشۇمچە Ⅵ B) سىنىقى تەجرىبىسىگە ئاساسەن،يۇقۇرىدىكى 2 خىل دورا ئېرىتمىسىدىنµl5 دىن شۈمۈرۈپ ئېلىپ،نېپىز قەۋەتلىك سىلىكاگىل گرام لىق تاختا ئۈستىدىكى ئايرىم-ئايرىم نوقتىغا تېمىتىپ، (17∶3)سېكلو ھېكسان-ئېتىل ئاتسىتاتنى يېيىلدۇرغۇچى قىلىپ يېيىلدۇرۇپ، شامالدىتىپ قۇرۇتۇپ، تاختا ئۈستىگە %5 لىك ۋانىللىن سۇلفات كىسلاتا ئېرىتمىسىنى پۈركۈيمىز.سىناق قىلىنغۇچى دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىرىدا، سېلىشتۇرۇلىدىغان دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىرىدىكى مۇناسىپ ئورۇندا ئوخشاش رەڭلىك داغ توچكىلىرى كۆرۈنىدۇ.

تەنھەركەتچىلەر ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىش كېرەك. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائى ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=3&contentNameId=655

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#