نامەلۇم ئۇچار جىسىم (UFO)

UFO

نامەلۇم ئۇچار جىسىم (UFO)دىگەن كېلىش مەنبەسى، ئالاھىدىلىكى ئېنىق بولمىغان ئۇچالايدىغان جىسىمنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى نامەلۇم ئۇچار جىسىم
قىسقارتىپ ئاتىلىشى UFO
ئىنگىلىزچە نامى Unidentified Flying Object
مۇھىم ۋەقەلەر روسۋېل ۋەقەسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

UFOنامەلۇم ئۇچار جىسىم دىگەن كېلىش مەنبەسى، ئالاھىدىلىكى ئېنىق بولمىغان ئۇچالايدىغان جىسىمنى كۆرسىتىدۇ.ئادەتتە قىسقارتىپ UFO دەپ ئاتىلىدۇ. 

ئۇچار تەخسە:

20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىن باشلاپ ئامېرىكىدىكى ئاسمان بوشلۇقىدا تەخسە شەكىللىك ئۇچار جىسىم بايقىلىشقا باشلىدى. ئەينى چاغدا گېزىتلەردە بۇ نەرسە《ئۇچار تەخسە》دەپ ئېلان قىلىنغان. كىشىلەرنىڭ نامەلۇم ئۇچار جىسىمغا بولغان قىزىقىشى مۇشۇنىڭدىن باشلانغان. كېيىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن نامەلۇم ئۇچار جىسىم كۆرۈلگەن خەۋەرلەر كېلىشكە باشلىدى. لېكىن ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ تاشقى مەدەنىيەتتىن كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ ئىلمىي پاكىتلار تېپىلمىدى. نامەلۇم ئۇچار جىسىملارنىڭ بەزى رەسىملەرنىڭ يالغان ئىكەنلىكى مۇتەخەسىسلەر ئېنىقلاپ چىقتى. يەنە بەزى رەسىملەر چاقماق دىگەندەك تەبىئەت ھادىسىسى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. لېكىن قىسمەن ئەھۋاللارنى ھازىرقى زامان ئىلىم-پېنى ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولمايدىغان بولۇپ، بۇنىڭغا ئۇزۇن مەزگىل ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن.

UFO ھادىسىلىرىگە تۆۋەندىكىدەك قاراشلار بولماقتا : 

1.خاتا ھېس قىلغان ھادىسە

خاتا ھالدا UFOدەپ تونۇلغان ھادىسىلەر ۋە ياكى شەيئىلەر بار. مەسىلەن سەييارىلەر، تۇرغۇن يۇلتۇزلار، قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزلار، ئاقار يۇلتۇزلار، مېتېئورىت قاتارلىق. بۇنىڭدىن باشقا يەنە چاقماق، كۈن نۇرى، پارېلىئون، ئېلمو ئوتى، ئېزىتقۇ، يەرنۇرى، بۇلۇت قاتارلىقلار بار. بۇنىڭدىن باشقا كامېرالاردىكى خاتالىقى تۈپەيلى كېلىپ چىققانلىرىمۇ بار.

2.تاشقى ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ مەھسۇلى

بەزى كىشىلەر UFOنى تاشقى پىلانېتتىكى ئىلغار مەدەنىيەتلىك جانلىقلارنىڭ ئۇچقۇرى دەپ قارايدۇ

UFO

3.كەلگۈسى كىشىلىرىنىڭ ۋاقىت ماشىنىسى 

كەلگۈسىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆتمۈشكە قايتىدىغان ۋاقىت ماشىنىسى دەپمۇ قارىلىدۇ

4.يەر مەركىزى ئادەملىرىنىڭ ئۇچقۇرى

يەرشارىنىڭ مەركىزىدە ياشايدىغان ئادەملەرنىڭ ئۇچقۇرى دەپمۇ قارىلىدۇ

5.پىسخىكىلىق ھادىسە

بەزىلەرنىڭ قارىشىچە UFOنىڭ پەيدا بولىشى بىر خىل پىسخىكىلىق ھادىسە بولۇپ ئۇ بىر ياكى بىر توپ ئادەمنىڭ كاللىسىدا بىرلا ۋاقىتتا تەڭلا پەيدا بولىدىغان خىيالى تۇيغۇ ئىكەن. 

زور كۆپ ساندىكى UFOدوكلاتلىرى ھېچقانداق ئېنىق دەلىل-پاكىتلىرى يوق بولغاچقا ھۆكۈم قىلغىلى بولمىغان. بىراق يەنە بىر قىسىم دوكلاتلار كىشىنى ھەقىقەتەن بۇلارنىڭ تاشقى مەدەنىيەتتىن كەلگەنلىكىگە ئىشەندۈرۈپ قويالايدۇ. يىتەرلىك دەلىل-پاكىتلار بولمىغاچقا كىشىلەر تا ھازىرغىچە بۇنىڭ ئېنىق بىر سەۋەبىنى ئوتتۇرىغا قويالمىدى. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (10 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#