جياڭ جيېشى ئۇرۇشى

جياڭ جيېشى ئۇرۇشى

شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىدا كۆپلىگەن كونا مىلىتارىستلار يوقىتىلدى، بىراق مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيە بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈۋالغان يېڭى مىلىتارىستلار كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىشكە باشلىدى. يېڭى مىلىتارىستلار ئىچىدە، تەسىر دائىرىسى بىرقەدەر كۈچلۈك بولغانلىرىدىن جياڭ جيېشى، يەن شىسەن، فېڭ يۈيشياڭ ۋە گۇاڭشى گۇرۇھى ئىدى. لى زۇڭرېن بىلەن بەي چۇڭشى گۇاڭشى گۇرۇھىنىڭ كاتتىۋاشلىرى ئىدى.

نامى جياڭ جيېشى ئۇرۇشى
ۋاقتى 1929-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى
خەنزۇچە نامى 蒋桂战争
ئورنى نەنجىڭ
نەتىجىسى لى زۇڭرېن، بەي چۇڭشىلار مەغلۇب بۇلۇپ قېچىپ كەتتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جياڭ جيېشى ئۇرۇشىشىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىدا كۆپلىگەن كونا مىلىتارىستلار يوقىتىلدى، بىراق مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيە بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈۋالغان يېڭى مىلىتارىستلار كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىشكە باشلىدى. يېڭى مىلىتارىستلار ئىچىدە، تەسىر دائىرىسى بىرقەدەر كۈچلۈك بولغانلىرىدىن جياڭ جيېشى، يەن شىسەن، فېڭ يۈيشياڭ ۋە گۇاڭشى گۇرۇھى ئىدى. لى زۇڭرېن بىلەن بەي چۇڭشى گۇاڭشى گۇرۇھىنىڭ كاتتىۋاشلىرى ئىدى.

شىمالغا يۈرۈش قىلىش جەريانىدا گۇاڭشى مىلىتارىستلىرى گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، خۇنەن، خۇبېينى كونترول قىلىپلا قالماي، بەلكى تەسىر كۈچىنى تەدرىجىي ھالدا خېبېيغا كېڭەيتتى. جياڭ جيېشى گۇاڭشى گۇرۇھىنى چەكلەش ئۈچۈن، ئۆزىگە تارتىش ۋە پارچىلاش ۋاسىتىلىرىنى قوللاندى. ئۇ، گۇاڭشى گۇرۇھى بىلەن بىرلەشكەن گۇاڭدۇڭ مىلىتارىستى لى جىشىننى نەنجىڭغا ئالداپ ئەكىلىپ نەزەربەند قىلدى ھەمدە ئاستىرتىن قوشۇن ۋە ئوق-دورا ئەۋەتىپ، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ رەئىسى لۇ دىپىڭنى گۇاڭشى گۇرۇھىغا قارشى تۇرۇشقا قۇتراتتى. 1929-يىلى1-ئايدا گۇاڭشى مىلىتارىستلىرى ۋۇخەن ھۆكۈمىتىنىڭ نامىدا لۇ دىپىڭنى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ، گۇاڭشى گۇرۇھىدىكى قوماندان خې جيەننى رەئىس قىلدى. جياڭ جيېشى قاتتىق غەزەپكە كېلىپ، 3-ئاينىڭ 25-كۈنى نەنجىڭ مىللىي ھۆكۈمىتىنىڭ نامىدا جازا يۈرۈشى قىلىش بۇيرۇقىنى ئېلان قىلدى. ئۇ ئۆزى باش قوماندان بولۇپ، ئۈچ جۈن ئەسكىرىي كۈچىنى يىغىپ ۋۇخەنگە ھۇجۇم قىلىپ، جياڭ جيېشى بىلەن گۇاڭشى گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنىڭ پەردىسىنى ئاچتى.

ئۇرۇش باشلىنىشتىن بۇرۇنلا جياڭ جيېشى خې جيەن بىلەن گۇاڭشى گۇرۇھىدىكى گېنېرال لى مىڭرۈينى سېتىۋالغانىدى. ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن خې جيەن دەرھال نەنجىڭ ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن خۇنەن ئۇرۇش قىلمايلا جياڭ جيېشىنىڭ قولىغا ئۆتتى. گۇاڭشى گۇرۇھى3-يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ مۇۋەققەت قوماندانى لى مىڭرۈيمۇ خۇبېي ئالدىنقى سېپىدە يۈز ئۆرۈپ گۇاڭشى گۇرۇھىغا قارشى چىققاچقا، جياڭ جيېشى ۋۇخەننى ئاسانلا ئىگىلىدى. گۇاڭشى قوشۇنى ئالدىراپ-تېنەپ چېكىنىپ، خۇبېينىڭ ئوتتۇرا، جەنۇبىدىكى جايلاردا قورشاپ ھۇجۇم قىلىشقا ئۇچرىدى.

جياڭ جيېشى ئۇرۇشى 4-ئايدا گۇاڭشى قوشۇنى مەغلۇپ بولدى. 5-ئايدا جياڭ جيېشى قوشۇنى خۇنەن، گۇاڭدۇڭدىن گۇاڭشى قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلدى. 6-ئايدا لى زۇڭرېن، بەي چۇڭشىلار قېچىپ كەتتى، جياڭ جيېشى بىلەن گۇاڭشى گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش ئاياغلاشتى.

جياڭ جيېشى ئۇرۇشىشىنگاڭ، داچيۇجۇاڭ، جياڭ جيېشى، يەن شىسەن ئۇرۇشى : 1930- يىلى 5- ئايدىن 11- ئايغىچە جياڭ جيېشى بىلەن يەن شىشەن، فېڭ يۈيشياڭ ۋە گۇاڭشى گۇرۇھى لى زوڭرىن ئوتتۇرىسىدا مىللىتارىستلىق ئۇرۇشى بولغان. ئۇرۇشنىڭ ئاساسلىق ئورنى جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىدىكى خېنەن ئۆلكىسى ۋە ئۇنىڭغا قوشنا جايلار بۇلۇپ بۇ ئۇرۇش ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 

1929- يىلى جياڭ جىيشى ۋەزىيەتنى تەرتىپكە سېلىش يىغىنى ئەسكەر قىسقارتىش، پىكىردىكىلەرنى سىقىپ چىقىرىپ  ياتلارنى چىقىرىۋەتمەسلىك گومىنداڭ ئىچىدىكى ھەرقايسى جايلاردىكى مىللىتارىستلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. يەن شىشەن 1930-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى جىياڭ جىيېشى تەختتىن چۈشكەندىن ئۇنىڭدىن كېيىن جياڭ جىيشىغا قارشى تۇرۇپ مەغلۇپ بولغان فىڭ يۈشياڭ، گۈيلىن مىللىتارىستى لى زۇڭرىن قاتارلىق جياڭ جىيشىغا قارشى ئىتتىپاق تۈزىگەن. يەن شىشەننىڭ جياڭ جىيشىغا قارشى تۇرۇش چاقىرىقى ۋاڭ جىڭۋېينىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. جىڭۋى، چىن گوڭبو باشچىلىقىدىكى گومىنداڭ ئۆزگەرتىپ قۇرغۇچىلار؛ زو لۇ، شې چى باشچىلىقىدىكى شىسەن يىغىنى تەرەپدارلىرى ۋە فىڭ يۈشياڭ ، لى زۇڭرىن قاتارلىق جياڭ جىيشىغا قارشى سىياسىي مەزھەپ ۋە ھەربىي گۇرۇھلارنىڭ ئاۋاز قوشۇشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى. 3-ئاينىڭ 15-كۈنى يەن يىشەننىڭ جۇڭخۇا مىنگونىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى فېڭ يۈشياڭ، لى زۇڭرېن مۇئاۋىن باش قوماندانى بولغان. يەن شىشەن شىجىياجۇاڭدا باش قۇماندانلىق شىتاپ تەسسىس قىلغان. ئۇرۇشقا قاتناشقان جياڭ جىيشىغا قارشى ئارمىيە 600 مىڭغا يەتكەن . جياڭ جىيشى 700 مىڭ كىشىلىك قوشۇن يۆتكەپ  4 گۇرۇپپىۋى ئارمىيە تەشكىللەپ ئۆزى باش قۇماندان بولغان. 5-ئاينىڭ 1-كۈنى نەنجىڭدە دىۋىزىيە بويىچە قەسەمياد يىغىنى ئېچىلىپ 11-چىسلا چۈشتىن كېيىن ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەن شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش رەسمىي پارتىلىغان. ئۇرۇشنىڭ دەسلىپىدە جياڭ جىيشى قوشۇنى خىنەن گۈيدې (بۈگۈنكى شاڭچۇ) قاتارلىق جايلارنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ ئومۇمى ۋەزىيەت پايدىسىز بۇلۇپ گۈيدىنى قايتۇرۇۋالغان. چاڭشا، جىنەن ئىلگىرى-كېيىن گۇاڭشى قوشۇنى بىلەن چىكىنىپ شەندوڭنىڭ ئىشغال قىلىپ جياڭ جيېشى ئارمىيەسى غەربىي ۋە جەنۇبىي خېنەندىكى لۇخېدا قوغدانغان. 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا جياڭ جيېشىغا قارشى ھەرقايسى گۇرۇھلار بېيپىڭ (ھازىرقى بېيجىڭ) جۇڭگو گومىنداڭ مەركىزىي پىرقىسىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى ئېچىلغان.

جياڭ جيېشى ئۇرۇشىجىياڭ جىيشى قوشۇنى خۇنەن-خۇبېي، جۈنفۇ، لوڭخەي، پىڭخەن قاتارلىق جايلاردىكى ئۇرۇشتا ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قازانغان. كۆزىتىش پوزىتسىيەسىدە تۇرغان جاڭ شۆلىياڭ ۋە جياڭ جىيشىن شەرقىي شىمال قوشۇنىنى باشلاپ قورۇلدىن كىرىپ لىڭپىڭ، خېبېي، جياڭ جىيشىغا قارشى بىرلەشمە قوشۇن تېز سۈرئەتتە پارچىلانغان. 4-نويابىر يەن شىشەن تىلىگرامما يوللاپ ئورنىنى بوشاتقان. قاراشلىق ئارمىيە جاڭ شۆلياڭ، جياڭ جىيشى قايتىدىن ئۆزگەرتىپ تەشكىللىگەن. جياڭ جيېشى، يەن شىسەن، فېڭ يۈشىياڭ ئۇرۇشى ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇشقا سالغان ئەسكىرى كۈچى بىر مىليۇندىن ئېشىپ ئۇرۇش لىنىيەسى نەچچە مىڭ چاقىرىمغا يەتكەن بۇلۇپ جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى بىر قېتىملىق كۆلىمى ئەڭ زور مىللىتارىستلار ئۇرۇشى بولۇپ قالغان.[0] 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#