دۇنيا بانكىسى

دۇنيا بانكىسى

دۇنيا بانكىسى (World Bank) تولۇق ئاتىلىشى خەلقئارا گۈللىنىش ئېچىش بانكىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قىسقارتىلما نامى IBRD. دۇنيا بانكىسى دەسلەپتە دۇنيا ئۇرۇشىدا ۋەيران بولغان ئىگىلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانى بىلەن 1945-يىل 12-ئاينىڭ 27-كۈنى قۇرۇلغان. 1946-يىل 6-ئاينىڭ 15-كۈنى تىجارەت باشلىغان.1947-يىل 11-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قول ئاستىدىكى  مەخسۇس ئورگانغا ئايلانغان. باش بانكىسى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە دۇنيا بانكىسى
ئىنگىلىسچە World Bank
باش بانكىسى ۋاشىنگتون
خەنزۇچە 世界银行
تۈرى پۇل-مۇئامىلە ئاپىراتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دۇنيا بانكىسىدۇنيا بانكىسى (World Bank) تولۇق ئاتىلىشى خەلقئارا گۈللىنىش ئېچىش بانكىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قىسقارتىلما نامى IBRD. دۇنيا بانكىسى دەسلەپتە دۇنيا ئۇرۇشىدا ۋەيران بولغان ئىگىلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانى بىلەن 1945-يىل 12-ئاينىڭ 27-كۈنى قۇرۇلغان. 1946-يىل 6-ئاينىڭ 15-كۈنى تىجارەت باشلىغان.1947-يىل 11-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قول ئاستىدىكى  مەخسۇس ئورگانغا ئايلانغان. باش بانكىسى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا، پارىژ، نيۇ يورك، لوندون قاتارلىق جايلاردا ۋاكالىتەن ئىش بېجىرىش ئورنى بار.

تەرەققىياتى«دۇنيا بانكىسى» 1945-يىلى 27-دېكابردا ۋاشىنگتوننىڭ H كوچىسىدىكى 1818-نومۇرلۇق قورودا رەسمىي قۇرۇلدى.

دۇنيا بانكىسى ئۇرۇشتا ۋەيرام بولغان جايلارنى قايتا قۇرۇشقا ياردەم بېرىشتىن تاشقىرى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ئۇزاق مۇددەتلىك قەرز پۇل بىلەنمۇ تەمىنلەيدۇ. بىراق بۇنداق قەرز پۇل ئەزا دۆلەتلەرگە ياكى ئەزا دۆلەتلەر قوللايدىغان خۇسۇسىي كارخانىلارغا بېرىلىدۇ. بۇ بانكا تەكشۈرۈپ بېكىتكەن تەڭ چېچىلغان مەبلەغ 27 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئىدى، 1975-يىلى 31-مارتقا كەلگەندە، ئەزا دۆلەتلەر 125 كە يېتىپ، جەمئىي 25 مىليارد 548 مىليون 900 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلىندى. «خەلقئارا پۇل فوندى جەمئىيىتى» نىڭ 126 ئەزاسى بولۇپ، 1973-يىلى 31 مارتقا كەلگەندە ئومۇمىي مەبلىغى 29 مىليارد 189 مىليون 400 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن، دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ كۆپ مەبلىغى بار بانكا ھازىرغا قەدەر كۆرۈلمىدى.

دۇنيا بانكىسى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنىڭ ۋەيران بولغان سانائىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە زور مىقدارلىق قەرز سوممىسى بىلەن تەمىنلەپ، ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغانلىقتىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان. 2006-يىلى دۇنيا بانكىسى ھەر قايسى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەرنى 30 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەپ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى، دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى. دۇنيا بانكىسى يەنە دۇنيانىڭ مەدەنىيەت-تارىخى ۋە يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىسىنى ساقلاش ئۈچۈن مەخسۇس فوند ئاجرىتىپ دۇنيانىڭ كۆپ خىللىقى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن كۈچ قوشۇپ كەلمەكتە.

 ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرىغا مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ گۈللىنىشى ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرى، جۈملىدىن ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقىغا ئۇچرىغان ئىگىلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەملىشىش، ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ئىقتىسادنىڭ ئادەتتىكى ئىقتىساد ھالىتىگە سىلىق ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىش؛«خۇسۇسىي قەرز ئېلىشقا كېپىل بولۇش» قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، خۇسۇسىيلارنىڭ دۆلەت سىرتىغا مەبلەغ سېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا سودا ئىشلىرىنىڭ تەڭپۇڭ راۋاجلىنىشى ۋە خەلقئارا كىرىم-چىقىمنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەملىشىش؛ پۇل قەرز ئالغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىپ، قەرز مەبلىغىنى ئىشلىتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش قاتارلىقلار. ئۇنىڭ مەبلىغىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئاساسەن: ئەمەلىي يىغىۋالغان مەبلەغ؛ زايوم تارقىتىپ مەبلەغ توپلاش قاتارلىقلار مەبلەغنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى، مۇشۇ قەرز قاتارلىق تۈرلەرنىڭ ھەقدارلىق ھوقۇقى خۇسۇسىي مەبلەغ سالغۇچىلارغا سېتىپ بېرىلىدۇ.

ئومۇمەن، دۇنيا بانكىسىغا ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلغان دۆلەت ۋە رايونلار، ئالدى بىلەن خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئەزا دۆلىتى بولۇشى كېرەك. دۇنيا بانكىسىغا ئەزا بولغان دۆلەت ۋە رايونلار ھازىر 184 كە يەتتى. 1980-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى دۇنيا بانكىسى جۇڭگونىڭ بۇ بانكىدىكى ۋەكىللىك ھوقۇقىنى رەسمىي ئەسلىگە كەلتۈردى، 1981-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ، دۆلىتىمىز بۇ بانكىدىن تەدرىجىي قەرز ئېلىشقا باشلىغاندىن بۇيان، تارىم ۋادىسى ئېكولوگىيىسىنى ساقلاش، 12 مۇقامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگونىڭ قەدىمقى شەكىلسىز مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى قوغداشقا جەمئىي 78مىلىيارت دوللار ئۆسۈمسىز ۋە تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز بەردى.

دۇنيا بانكىسىنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى كېڭەش مەجلىسى بولۇپ، ئۇ ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەر تەيىنلىگەن بىردىن باش ۋە مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقىدىن تەشكىللىنىدۇ، ھەر يىلى 9-ئايدا فوندى تەشكىلاتى بىلەن بىرلەشمە يىغىن چاقىرىدۇ. ئىجرائىيە مۇدىرىيىتى 22 ئادەمدىن تەشكىللىنىدۇ ھەم كۈندىلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ، ئىجرائىيە مۇدىرىيىتى بىر كىشىنى سايلايدۇ ۋە بۇ كىشى بانكا باشلىقلىقىنى قوشۇمچە ئۆتەيدۇ، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل، ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىسىمۇ بولىدۇ.

 دۇنيا بانكىسىنىڭ تور بېتى :http://www.worldbank.org.[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#