پېستالوززى

پېستالوززى

يوھان ھېنرىخ پېستالوززى (1746-1827) شىۋېتسارىيەلىك داڭلىق پېداگوگ. ئۇ مائارىپ ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىماقچى بولۇپ، پۈتۈن ئۆمرىنى نامرات، يوقسۇل بالىلارنى باشلانغۇچ مائارىپىغا ئىگە قىلىش ئىشلىرىغا ئاتىغان. پېستالوززى بەش يېشىدا ئاتىسى تۈگەپ كېتىپ، ئائىلىسى ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. مېھرىبان ئاپىسى ئۇنىڭ يۇمران قەلبىگە مېھىر-مۇھەببەت ئۇرۇقىنى چاچقان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى پېستالوززى
باشقا نامى Johann Heinrich Pestalozzi
تۇغۇلغان ۋاقتى 1746-يىلى
كەسپى مائارىپچى، پېداگوگ
خەنزۇچە ئىسمى 裴斯泰洛齐
دۆلەت تەۋەلىكى شىۋېتسارىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1827-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پېستالوززىيوھان ھېنرىخ پېستالوززى (1746-1827) شىۋېتسارىيە لىك داڭلىق پېداگوگ. ئۇ مائارىپ ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىماقچى بولۇپ، پۈتۈن ئۆمرىنى نامرات، يوقسۇل بالىلارنى باشلانغۇچ مائارىپىغا ئىگە قىلىش ئىشلىرىغا ئاتىغان. 

پېستالوززى بەش يېشىدا ئاتىسى تۈگەپ كېتىپ، ئائىلىسى ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. مېھرىبان ئاپىسى ئۇنىڭ يۇمران قەلبىگە مېھىر-مۇھەببەت ئۇرۇقىنى چاچقان. ئۇ كىچىكىدە دائىم بوۋىسى ۋە تاغىسىغا ئەگىشىپ سەھرالارغا بارغان، سەھرا تۇرمۇشى ئۇنىڭدا جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان دېھقانلارغا نىسبەتەن ھېسداشلىق پەيدا قىلغان. ئۇ يەتتە يېشىدا ئالىي مەكتەپكە كىرىپ، پروفېسسورنىڭ تەسىرىدە بارا-بارا فرانسىيە لىك كاتتا پەيلاسوپ رۇسسو نىڭ چوقۇنغۇچىسى بولۇپ قالغان. ئۇ رۇسسو نىڭ «تەبىئەتكە قايت» دېگەن شوئارىغا چوقۇنۇپ، سودىيە بولۇش غايىسىدىن ۋاز كەچكەن ھەمدە كەلگۈسىدە مائارىپچى بولۇشنى ئارزۇ قىلغان. 

پېستالوززىپېستالوززى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە جۈرئەت قىلىدىغان، ئوڭۇشسىزلىقتىن قورقمايدىغان قەيسەر ئادەم ئىدى. ئەڭ دەسلەپتە، ئۇ نىيىخوفتا «يېڭى مەھەللە» قۇرۇپ، دېھقانلارغا يېڭىچە تېرىقچىلىقنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەرمەكچى بولغان. لېكىن، يەر ئۈنۈمسىز، كىلىمات ناچار بولغاچقا، تىرىشچانلىقى بىكارغا كەتكەن. ئۈچ يىلدىن كېيىن ئۇ يەنە شۇ يەردە «نامرات بالىلار ئائىلىسى» قۇرغان ھەمدە ئۆزىنىڭ غايىسىگە ئاساسەن «ليېنخارد بىلەن گېمارد» ناملىق پېداگوگىكىلىق رومانىنى يېزىپ چىققان، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ نام-شۆھرىتى شۋېتسارىيىدىن ھالقىپ دۇنياغا تارقالغان. ئەپسۇسكى، ئۇنىڭ ھېسداشلىقى دېھقانلارنىڭ سانائەت ئىنقىلابى دەۋرىدىكى تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلمىگەن، ئۇنىڭ مەكتىپىمۇ تاقىلىپ قېلىشقا مەجبۇر بولغان. ئارىدىن20 يىل ئۆتكەندە، پېستالوززى يەنە ستانس بىلەن بوگدۇغا بېرىپ باشلانغۇچ مەكتەپ ئاچقان ھەمدە بىرقەدەر ئىلمىي بولغان مائارىپ پرىنسىپىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى قۇرغان ئىۋېردون مەكتىپى پۈتكۈل ياۋروپادىكى يېڭىچە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ قالغان.

 ئۇنىڭ «مائارىپ دېگەنلىك، ھېسسىي تەسىرات، تىل ئارقىلىق ئىپادىلەش ۋە مېھىر-مۇھەببەتنىڭ يىغىندىسىدۇر» دېگەن مائارىپ فورمۇلىسى يېڭىچە مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ قىبلىنەماسىغا ئايلانغان. ئەپسۇسكى، ئۇ ئىزچىل تۈردە فېئودال كۈچلەر بىلەن مۇتەئەسسىپلەرنىڭ زەربىسىگە ۋە پىتنە-ئىغۋاسىغا ئۇچرىغان. ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە زور غەيرەت بىلەن «ئاق قۇ ناخشىسى» ناملىق ئەسىرىنى يېزىپ، ئۆزىنىڭ باشتىن-ئاخىر ئىرادىسىدىن يانماي، قەتئىي تىز پۈكمەي كۈرەش قىلغان ھاياتىنى ئەسلەپ ئۆتكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن خېلى يىللارغىچە پۈتۈنلەي ئۈمىدسىزلىك، ئىپادىلەپ بەرگۈسىز بەختسىزلىك ئىچىدە ياشىدىم، لېكىن ئاشۇ ۋاقىتلاردىمۇ كوچا-كويلاردا بالىلارنى ئۇچرىتىپ قېلىپ، ئۇلارنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ كۆزلىرىگە تىكىلىپ قارىغىنىمدا كۆڭلۈم چەكسىز تەسەللى تېپىپ قالاتتى.» 

پېستالوززى مائارىپقا مۇنداق جانلىق تەبىر بەرگەن: «بىز ئىلگىرى مائارىپنى نوقۇل ھالدا ئۇرۇق تېرىشقا ئوخشىتىپ كەلدۇق. ئەمەلىيەتتە بولسا ئاسمان-پەلەك چوڭ دەرەختىن بىرنى يېتىشتۈردۇق، ئۇنىڭ شاخ-شۇمبىلىرى پۈتكۈل يەر شارىنى قاپلىدى. بىز دۇنيادىكى جىمى ئادەمنىڭ ئۇنىڭ بىپايان سايىسىگە چاقىرىپ كېلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.» 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#