پىتتىسبۇرگ شەھىرى

پىتتىسبۇرگ

ئا ق ش نىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان مۇھىم سانائەت شەھىرى پېنسىلۋانىيە شتاتىنىڭ غەربىدىكى ئوگايىۋ دەرياسىنىڭ شىمال-جەنۇبتىن ئېقىپ كەلگەن ئىككى تارمىقىنىڭ بىرلەشكەن جايىغا جايلاشقان مۇھىم دەريا پورتى.

نامى پىتتىسبۇرگ
دۆلىتى ئا ق ش
مەمۇرىي رايون شەكلى شەھەر
نوپۇسى 330مىڭ
پوچتا نومۇرى 15106
خەنزۇچە نامى 匹兹堡
ئۆلكىسى پېنسىلۋانىيە شتاتى
يەر مەيدانى 144كىۋادىرات كىلومىتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇلۇق خاراكتېرىدىكى نەم كىلىمات
رايۇن نومۇرى 412

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئا ق ش نىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان مۇھىم سانائەت شەھىرى پېنسىلۋانىيە شتاتىنىڭ غەربىدىكى ئوگايىۋ دەرياسىنىڭ شىمال-جەنۇبتىن ئېقىپ كەلگەن ئىككى تارمىقىنىڭ بىرلەشكەن جايىغا جايلاشقان مۇھىم دەريا پورتى. پتتسبۇرگ شەھەر ئاھالىسى شەھەر رايونلىرى بىلەن قوشۇلۇپ 2 مىليون 306 مىڭدىن ئاشىدۇ. 

پىتتىسبۇرگبۇ شەھەر 1754-يىلى فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرى سالغان قەلئە ئاساسىدا تەرەققىي قىلغان، ئۇ ۋاقىتتا بۇ جاينى فرانسىيىنىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق باش ۋالىيىسى دىچېسنى نامىغا دىچېسنېبۇرگ دەپ ئاتىغان. 1758-يىلى بۇ جاينى ئەنگلىيىلىكلەر ئىگىلىگەندىن كېيىن، بۇ جاينىڭ نامىنى ئەنگلىيىلىك سىياسىئون(سىياسەتچى) ۋىللىيام. پىتت نامىغا(1708-1778-يىللىرى ياشىغان) پىتسبورگ دەپ ئۆزگەرتكەن. بۇ «پىتتنىڭ شەھىرى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ۋىللىيام. پىتت 1768-يىلى ئەنگلىيە باش مىنىسترى ۋاقتىدا فرانىسيىنىڭ شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكىلىرىنى(بۈگۈنكى كانادانى) قولغا كىرگۈزۈۋالغان.

 پىتتسبۇرگ شەھىرى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۆز ئەتراپىدىكى كۆمۈر، ھاك تېشى، تۆمۈر رۇدىسى، نېفىت قاتارلىق پايدىلىق شارائىتلاردىن پايدىلىنىپ، ئالدى بىلەن پولات-تۆمۈر سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇردى. ئۇ 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىغىچە پولات-تۆمۈر ساھەسىدە ئا ق ش دا مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ «ئا ق ش نىڭ پولات پايتەختى» دەپ نام ئالدى. ئۇ ۋاقىتلاردا ئا ق ش بويىچە ئىشلەپچىقىرىلغان پولاتنىڭ كۆپ قىسمى پتىتسبورگدىكى پولات-تۆمۈر شىركەتلىرىدە ئىشلەپچىقىرىلدى. 

پىتتىسبۇرگپىتتسبۇرگنىڭ   مەدەنىيەت - سەنئىتى ئىنتايىن مول ، كارنېگ ناھىيەسىگە كارنېگ تەبىئەت تارىخى مۇزېيى ( Museum ) History of  ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ تەبىئەت تارىخى مۇزېيلىرىنىڭ بىرى، ئامېرىكىدىكى داڭلىق مودېرنىزم رەسساملىرى ئاندى ۋوخول ( ) ئاندى ۋوخول گۈزەل سەنئەت سارىيى ئامېرىكا بويىچە ئەڭ چوڭ شەخسىي ئەسەر گۈزەل سەنئەت سارىيى . بۇ شەھەر يەنە كارنېگ گۈزەل سەنئەت سارىيى ( Museum of Art ) ۋە فرىك گۈزەل سەنئەت ۋە تارىخ مەركىزى.

بۇ بىر ئالىي مائارىپ ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك بولغان شەھەر . پىتتسبۇرگتىكى ئىككى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەر : پىتتسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى ( University of ، قىسقىچە يېزىلىشى US ئەڭ يېڭى 58 - ئورۇندا ) ۋە كارنىگ مېللون ئۇنىۋېرسىتېتى ( University ، قىسقىچە يېزىلىشى US ئەڭ يېڭى رەت تەرتىپى 23 

پىتتىسبۇرگجۇڭگونىڭ ۋۇخەن ، شۈچاڭ شەھىرى بىلەن دوستلۇق ئورناتتى. شەھەر . 1999 - يىلى , پىتتسبۇرگ  جۇڭگو سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ماسلاشتۇرۇش مەركىزى قۇردى . باشقا دوستانە شەھەر يەنە مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ : ئەنگلىيە شېفىرد ، ياپونىيە سايتاما ، بۇلغارىيە پايتەختى سوفىيە ، كرودىيە پايتەختى زاگرېب ، ئىسپانىيە بېل بالى قاتارلىقلار بار . 

پىتتىسبۇرگكېيىن بۇ جاي پولات-تۆمۈر سانائەت ئاساسىدا ئېغىر تىپتىكى ماشىنىسازلىق سانائىتىنى تەرەققىي قىلدى. بۇ جايدا يەنە نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، ئاليۇمىن، ئەينەك، ئېلېكتر ئەسۋابلىرى، كان ماشىنىلىرى، خىمىيە، ھەربىي قورال-ياراغ قاتارلىق سانائەتلەر يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. پتىتسبورگنىڭ قۇرۇقلۇق، سۇ، ھاۋا قاتنىشى تەرەققىي قىلغان. ئۇ ئا ق ش نىڭ شەرقىي شىمالدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، تۆمۈريول ئارقىلىق شەرققە قاراپ يۈرسە، ئا ق ش نىڭ ئاتلانتىك ئوكيان قىرغىقىدىكى پىلادېلفىيە پورتىغا، شىمالىغا قاراپ يۈرسە ئېرى كۆلى ئارقىلىق بەش چوڭ كۆل رايونىغا، غەربگە قاراپ يۈرسە ئوگايىئو ۋە مىسسىسىپى سۇ سىستېمىسى بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭغا زۆرۈر بولغان سانائەت خام ئەشىياسى يۇقىرىقى لىنىيىلەر ئارقىلىق توشۇلىدۇ. شەھەر ئىچىدە دەريا سۇ يوللىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بۇ دەريالارغا سېلىنغان كۆۋرۈكلەر 200 دىن ئاشىدۇ. پىتتسبورگ شەھىرى ئا ق ش ئۈچۈن ئېيتقاندا پولات-تۆمۈر، ئېغىر تىپتىكى ماشىنىسازلىق سانائەتلىرى جەھەتتە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#