سۈي سۇلالىسى

سۈي سۇلالىسى

سۈي سۇلالىسىنىڭقۇرغۇچىسى سۈي ۋېندى − ياڭ جيەن ئەسلىدە شىمالىي جۇ سۇلالىسىنىڭ باش ۋەزىرى ئىدى. ئۇنىڭ قىزى جۇشۈەندىنىڭ خانىشى ئىدى. ئۇ مۇشۇ مۇناسىۋەتلەرگە تايىنىپ، جۇشۈەندى قازا قىلغاندىن كېيىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزۈپ، ئەمدىلا سەككىز ياشقا كىرگەن جۇجىڭدىغا نائىبلىق قىلدى. مىلادىيە 581-يىلى، ياڭ جيەن جۇجىڭدىنى تەختنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇرلاپ، سۈي سۇلالىسىنى قۇرۇپ، چاڭئەننى پايتەخت قىلدى. مىلادىيە 589-يىلى سۈي سۇلالىسى قوشۇنى چېن سۇلالىسىنىڭ پايتەختى جيەنيېنى ئىگىلەپ، پۈتۈن مەملىكەتنى قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈردى.

ئۇيغۇرچە نامى سۈي سۇلالىسى
خەنزۇچە نامى 隋朝
قىتئە تەۋەلىكى ئاسىيا
پايتەختى چاڭئەن
سىياسىي تۈزۈلمىسى پادىشاھىلىق مۇستەبىتلىك ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى
ئەلباشى ياڭ جيەن
ئاساسلىق مىللىتى خەنزۇ
ئاساسلىق دىنى داۋجياۋ دىنى، بۇددا دىنى
مەمۇرىي ئاپپاراتلىرى ئۈچ ۋازارەت ئالتە پىرقەت
باشقا نامى Sui Dynasty

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سۈي سۇلالىسىنىڭ قۇرغۇچىسى سۈي ۋېندى − ياڭ جيەن ئەسلىدە شىمالىي جۇ سۇلالىسىنىڭ باش ۋەزىرى ئىدى. ئۇنىڭ قىزى جۇشۈەندىنىڭ خانىشى ئىدى. ئۇ مۇشۇ مۇناسىۋەتلەرگە تايىنىپ، جۇشۈەندى قازا قىلغاندىن كېيىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزۈپ، ئەمدىلا سەككىز ياشقا كىرگەن جۇجىڭدىغا نائىبلىق قىلدى. مىلادىيە 581-يىلى، ياڭ جيەن جۇجىڭدىنى تەختنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇرلاپ، سۈي سۇلالىسىنى قۇرۇپ، چاڭئەننى پايتەخت قىلدى. مىلادىيە 589-يىلى سۈي سۇلالىسى قوشۇنى چېن سۇلالىسىنىڭ پايتەختى جيەنيېنى ئىگىلەپ، پۈتۈن مەملىكەتنى قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈردى.

سۈي سۇلالىسى ئۆمرى قىسقا سۇلالە بولۇپ، 618-يىلىغا كېلىپلا ھالاك بولدى، ئاران 38 يىل مەۋجۇت بولۇپ، ئىككى پادىشاھ دەۋرىنى باشتىن كەچۈردى. لېكىن، سۈي سۇلالىسىنىڭ جۇڭگو تارىخىدىكى ئورنى ئىنتايىن مۇھىم، سۈي سۇلالىسى دەۋرىدىكى بىر نەچچە زور ۋەقە كېيىنكى تارىخقا ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسەتتى.

سۈي سۇلالىسىچېگرىسى شەرق ۋە جەنۇبتا دېڭىزغا، غەربتە ھازىرقى شىنجاڭنىڭ شەرقىي قىسمىغا، غەربىي جەنۇبتا يۈننەن، گۇاڭشى ۋە ۋيېتنامنىڭ شىمالىي قىسمىغا تۇتاشتى، شىمالدا چوڭ قۇملۇققىچە كېڭەيدى.

سۈي سۇلالىسىسۈي سۇلالىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن مەركەزدە ئۈچ ۋازارەت، ئالتە پىرقە تەسىس قىلىپ، ئۇنى چىن سۇلالىسى دەۋرىدە تەسىس قىلىنغان ئۈچ ئەمىر، توققۇز تۆرىلىك مەركىزىي ھۆكۈمەت ئورگىنىنىڭ ئورنىغا دەسسەتتى. «ئۈچ ۋازارەت» ھۆدەيچى ۋازارىتى (كېيىن قارا دىۋان ۋازارىتى دەپ ئاتالغان) ، ئىشىكئاغا ۋازارىتى، دىۋان ۋازارىتىدىن ئىبارەت ئۈچ ۋازارەتنىڭ بەگلىرى كىشىلەر دائىم تىلغا ئالىدىغان ۋەزىردىن ئىبارەت. دىۋان ۋازارىتىنىڭ قارىمىقىدا يەنە ئالتە پىرقە، يەنى مەنسەپ تۇتۇق پىرقىسى، نوپۇس پىرقىسى (سۈي سۇلالىسى دەۋرىدە پۇقرا پىرقىسى دەپ ئاتالغان) ، شىغاۋۇل پىرقىسى، لەشكىرىي پىرقە، زىندان پىرقىسى (سۈي سۇلالىسى دەۋرىدە مۇپەتتىش مەھكىمىسى دەپ ئاتالغان) ، تەمىرات پىرقىسى تەسىس قىلىنىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۈرلۈك مەمۇرىي ئىشلارنى باشقۇردى. ئادەم ئىشلىتىش تۈزۈمىدە، سۈي سۇلالىسى» توققۇز دەرىجىلىك لىللا تۈزۈم «نى بىكار قىلىپ، ئەمەلدارلىق ئىمتىھان تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئىمتىھان ئارقىلىق ئەمەلدار تاللاپ، ۋېي، جىن سۇلالىلىرى دەۋرىدىن بۇيانقى مەرتىۋىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىگە قاراپ ئەمەلدار تاللاش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، ئېسىلزادە، چوڭ پومېشچىكلارنىڭ ئەۋلادرمۇئەۋلاد مۇھىم ئەمەللەرگە ۋارىسلىق قىلىدىغان ئىمتىيازىنى مەلۇم دەرىجىدە بىكار قىلدى. سۈي سۇلالىسىدە تەسىس قىلىنغان بۇ سىياسىي تۈزۈملەر كېيىنكى سۇلالىلەردە قوللىنىلدى.

سۈي سۇلالىسى يەرلەرنى تەڭ تەقسىملەش تۈزۈمىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، بىر قىسىم ئىگىسىز قاقاس يەرلەرنى ۋە دۆلەت كونتروللۇقىدىكى يەرلەرنى دېھقانلارنىڭ تېرىشىغا بېرىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق شارائىت ياراتتى. سۈي سۇلالىسى دەۋرىدە قول-ھۈنەرۋەنچىلىك ئىشلەپچىقىرىشى خېلى تەرەققىي قىلدى، ئەينى ۋاقىتتا بەش قەۋەتلىك چوڭ كېمە ياسىغىلى بولىدىغان بولغانىدى. مەشھۇر جاۋجۇ كۆۋرۈكى (ھازىرقى خېبېي ئۆلكىسى جاۋشيەن ناھىيىسىدىكى جياۋخې دەرياسىدا) مۇ ئەينى ۋاقىتتىكى مەشھۇر ئۇستا لى چۈن تەرىپىدىن ياسالغانىدى.

سۈي سۇلالىسىنىڭ قۇرغۇچىسى سۈي ۋېندى −ياڭ جيەن ئىنتايىن ئىستېداتلىق پادىشاھ ئىدى، بىراق ئۇنىڭ ۋارىسى سۈي ياڭدى −ياڭ گۇاڭ زوراۋان پادىشاھ ئىدى. سۈي ياڭدى تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلىدە جاي-جايلارغا شىكارغا چىقىپ، كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىپ، ئوردا-سارايلارنى سالدۇرۇپ، سىرتقا قارىتا ئۈزۈلدۈرمەي ئۇرۇش قوزغىدى، بۇنى ئاز دەپ چوڭ قانال قازدۇردى، ئاۋام-پۇقرا ھالسىراپ، مالىيە كۈچى ئېغىر خورىدى، سەپەرۋەر قىلىنغان پۇقرالار بىرنەچچە مىليوندىن ئاشتى. سۈي ياڭدىنىڭ دەھشەتلىك ھۆكۈمرانلىقى كەڭ ئاۋام-پۇقرالارنى ئۆي-ماكانىدىن ئايرىپ سەرگەردانلارغا ئايلاندۇردى، يېزىلاردا نۇرغۇن ئېتىزلار قاغجىراپ كەتتى. مىلادىيە 611-يىلى ۋاڭ بو چاڭبەيشەن (ھازىرقى شەندۇڭدىكى زۇپىڭنىڭ شەرقىي جەنۇبى) تېغىدا دېھقانلارغا رەھبەرلىك قىلىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، سۈي سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى. 617-يىلىغا كەلگەندە، دېھقانلار قوشۇنى تەدرىجىي لى مى، جەي راڭلار رەھبەرلىكىدىكى ۋاگاڭ قوشۇنى، دۇ جيەندې رەھبەرلىكىدىكى خېبېي قوزغىلاڭچى قوشۇنى، دۇ فۇۋېي، فۇ گۇڭشىلار رەھبەرلىكىدىكى جياڭخۇەي قوزغىلاڭچى قوشۇنىدىن ئىبارەت ئۈچ ئاساسىي كۈچنى شەكىللەندۈردى. ئۇلار سۈي سۇلالىسىگە شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغىدى. سۈي سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى تۈپتىن يىمىرىلدى. تەييۈەننىڭ ھېراۋۇلى لى يۈەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ 617-يىلى تەييۈەندىن لەشكەر تارتىپ چىقىپ، چاڭئەننى ئىگىلىدى. بۇ چاغدا، سۈي ياڭدى جياڭدۇ(ھازىرقى جياڭسۇدىكى ياڭجۇ) دا سەيلە-تاماشا قىلىۋېتىپ دېھقانلار قوزغىلاڭچى قوشۇنىنىڭ قورشاۋىغا چۈشۈپ قالغان بولۇپ، دەككە-دۈككىدە ئۆز تەقدىرىدىن ئەنسىرەپ، چۈشلىرىدە دائىم ئوغرىلار كەلدى دەپ جۈيلۈيتتى. ئۇ ئۆز كۈنىنىڭ ئۇزاققا بارمايدىغانلىقىنى بىلىپ، ئەينەككە قاراپ:» ھەي يوغان كاللا، كىممۇ سېنى چېپىپ تاشلا «دېگەنىدى. مىلادىيە 618-يىلىنىڭ بېشىدا سۈي ياڭدى باش ۋەزىرى يۈي ۋېنخۇا تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى، سۈي ئىمپېرىيىسى ھالاك بولدى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#