ئامۇ دەرياسى

ئامۇ دەرياسى

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چوڭ دەريا. ئۇ تاجىكىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىكى قارا قالپاق ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ زېمىنلىرىدىن ئۆتۈپ، (بىر قىسمى رۇسىيە فېدېراتسىيىسى بىلەن ئافغانىستان چېگرىسىنى بويلاپ ئاقىدۇ) ئارال دېڭىزىغا قۇيۇلىدۇ. 

نامى ئامۇ دەرياسى
خەنزۇچە نامى 阿姆河

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئامۇ دەرياسىئوتتۇرا ئاسىيادىكى چوڭ دەريا. ئۇ تاجىكىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىكى قارا قالپاق ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ زېمىنلىرىدىن ئۆتۈپ، (بىر قىسمى رۇسىيە فېدېراتسىيىسى بىلەن ئافغانىستان چېگرىسىنى بويلاپ ئاقىدۇ) ئارال دېڭىزىغا قۇيۇلىدۇ. ئۇ ئافغانسىتاندىكى ھىندىقۇش تاغلىرىدىن باشلىنىدۇ. باش ئېقىمى ۋاغجىر، ئۇنىڭ داۋامى ۋاھان دەرياسى دەپ ئاتىلىدۇ. پامىر—پەنجە دەريالىرى ۋاخىش دەرياسى بىلەن قوشۇلغاندىن كېيىن ئامۇ دەرياسى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ ۋانجىردىن ھېسابلانغان ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2620 كىلومېتر كېلىدۇ. 

ئامۇ دەرياسىئامۇ دەرياسىنىڭ باش ئېقىملىرى ىڭ ئېقىمى تېز بولۇپ، تېز ئېقىملىق دەريا دەپ ئاتىلىدۇ. دەريا ئېقىمى تۈزلەڭلىككە كەلگەندىن كېيىن ئاستىلىشىدۇ. دەريا تاغلىق رايونلىرىدا كۆپلىگەن تارماق دەريالارنى ئۆزىگە قوشىدۇ. تۇران تۈزلەڭلىكىگە كىرگەندىن كېيىن قۇيۇلۇش ئاغزىغىچە بولغان 1200 كىلومېتر ئارىلىقتا تارماق دەريالىرى يوق، تۈزلەڭلىككە كىرگەندىن كېيىن، ئۇ قاراقۇم، قىزىل قۇم قۇملۇقلىرىدىن ئۆتىدۇ. بۇ قىسىملاردا ئارال ۋە تارماقلارنى پەيدا قىلىدۇ. قۇيۇلۇش ئاغزىدا 10 مىڭ كۋادرات كىلومېترلىق دېلتا ھاسىل قىلىدۇ. دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىمىدا جىگدە، تېرەك قاتارلىق ئورمانزارلىقلار بار.

 دەريا ئەتراپىدا قۇرۇلغان قەدىمىي دۆلەتلەردىن خۇارەزىم، سوغدىيانا ۋە باكتېرىيىلەر ئانتىك دەۋرلىرىدىن باشلاپلا كىشىلەرگە مەلۇم بولغانىدى. ئوتتۇرا ئەسىرگە كەلگەندە روسىيىدىن خۇارەزىمغا، بۇخاراغا ۋە بۇ يەردىن ئارال دېڭىزىلىرى ئېچىلدى. بۇ يول روسىيە بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى سودا يولىغىمۇ ئايلاندى. ئامو دەرياسىنىڭ قۇيۇلۇش ئاغزىدىن يۇقىرى ئېقىمىغا قاراپ تۈركمەنىستاننىڭ چارجاۋ شەھىرىگىچە كېمە قاتنايدۇ، چارجاۋدىن يۇقىرى ئېقىمىغا قاراپ ئۆزبېكىستاننىڭ تېرمېز دېگەن يېرىگىچە ئارىلاپ كېمە قاتنايدۇ، دەريا بويىدىكى مۇھىم پورتلاردىن كېركى، چارجاۋ، نۇكۇس قاتارلىقلار بار. دەريانىڭ نامى بۇرۇنقى دەۋردە دەريا بويىدا بىنا بولغان ئامو دېگەن شەھەرنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان، كېيىن بۇ شەھەرنىڭ ئىزى قالمىغان. دەريا يەنىلا شۇ شەھەرنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. ئامونى قەدىمىي زامان جۇغراپىيە ئالىملىرى ئاقسۇس دەپمۇ ئاتىغان. بۇ تۈرۈكى تىلىدىكى ئاقسۇ سۆزىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى كېرەك.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#