ئاتقۇلاق ئۇرۇقى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۇ قامچىئوت ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ئاتقۇلاق ئۆسۈملۈكى بولۇپ، بۇنىڭ ئۇرۇقى «ئاتقۇلاق ئۇرۇقى» ۋە «ھومماز ئۇرۇقى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. قۇرۇتۇلغان ئۇرۇقى يۇمىلاق ئۈچ قىرلىق، پارقىراق، رەڭگى قارا قىزىل كېلىدۇ. تەمى ئاچچىق - چۈچۈك بولىدۇ.
ئۇرۇقىنىڭ تەركىبىدە ھپېرىن بار. يىلتىزى تەركىبىدە %27.5 تاننىن، 19.8 مىللىگىرام رەۋەن فىنولى، كىراخمال، يېپىشقاق ماددا، شېكەر، پىگمېنت قاتارلىقلار بار.
ھومماز يىلتىزى بىلەن ياسالغان %70 لىك مەلھەم %70 لىك ئىسپىرىت بىلەن تەييارلانغان، تىنكتورىسى تەمرەتكە زەمبۇرۇغىنى تورمۇزلايدۇ، ئۆتكۈر خاراكتىرلىك يەككە يادىرو ھۆجەيرىلىك ۋە تېز خاراكتىرلىك لىمفا ھۆجەيرە تىپىدىكى ئاق قان كېسىلى ھۆجەيرىلىرىنى تورمۇزلاش رولىغا ئىگە. يەنە بۇنىڭدا كىسلاتالىق كالىي ئوكسىلات ۋە ئازىراق تارتىرات كىسلاتاسى، چۆپ كىسلاتاسى بولغانلىقتىن، كىسلاتا تەمى بار، بەزىدە چۆپ كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى ئېشىپ كەتسە، زەھەرلەپ قۇيىدۇ، كىچىك باللار ھومماز يوپۇرمىقىنى يەپ قۇيۇپ، ئۆلۈپ كەتكەنلىك توغرىسىدا خەۋەرلەرمۇ بار، سۇدا ئايرىپ ئېلىنغان مەھسۇلاتنىڭ زەمبۇرۇغقا قارشى تۇرۇش تەسىرىمۇ بار.
ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغوق.
تۇتۇش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش، قان توختىتىش، جاراھەت پۈتتۈرۈش، غەيرىي تەبىئىي سەپىرا خىلتىنىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىش، ئاغرىق توختىتىش.
ئىچى سۈرۈش، تولغاق، ئۈچەي يارىسى، قۇسۇش، كۆڭۈل ئېلىشىش، ئۆتكۈر ئۇسسۇزلۇق ۋە سۈيدۈك تۇتالماسلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
1. نىشاستە، تاباشىر يەتتە گىرامدىن، قېتىق سۈزمىسى بەش گىرام، ئاتقۇلاق ئۇرۇقى ئۈچ گىرام، دورىلارنى قائىسە بويىچە ئارلاشتۇرۇپ قاينىتىپ ئىچسە ئىچى سۈرۈشنى توختىتىدۇ.
2. ئەنجىباھار 10 گىرام، كەھرىۋا 5 گىرام، خۇنسىياۋشەن، ئاتقۇلاق ئۇرۇقى 10 گىرامدىن، ئىچى ۋە سىرتىدىن ئىشلەتسە قاناشلىق جاراھەتلىك كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
3. ئاتقۇلاق ئۇرۇقىنى چاينىسا چىش مىلىكىنى چىڭىتىدۇ، قاينىتىپ سۈيىنى ئىچسە ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ، قاينىتىپ سۈيىدە ئولتۇرغۇزسا مەقئەت كېسەللىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
10~3 گىرام.
باھ، بۆرەككە زىيان قىلىدۇ.
شېكەر ۋە بەدىيان.
ھومماز بوستانى.
ئېلىمىزنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدىن ھەم ھىندىستاندىن چىقىدۇ.
سۇپۇپى تىيىن، قۇرسى كەھرىۋا.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.