ئەنجىباھار
ئەنجىباھار ئىچى سۈرۈش ۋە قۇسۇشنى توختىتىش، جاراھەت پۈتتۈرۈش، زىيادە ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش خۇسۇسىيىتى بار.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئۆسۈملۈك ئەنجىبارنىڭ ئېلىنىپ قۇرۇتۇلغان يىلتىز غولى بولۇپ، بۇ يىلتىز«ئەنجىبار» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
%25~%8.7 گىچە تاننىن، %45.81~12 گىچە كرافىل%~7 غىچە قەنت تۈرلىرى ۋە دەرەخ يېلىمى، مېۋە يېلىمى، شىلىمىشىق ماددا، قاتارلىقلار بار.
1. قان توختۇتۇش ئۈنۈمى، ئەنجىباردىن سىرغىتىش ئۇسۇلى بىلەن ئېلىنغان قىسمىنى گلاتىن بىلەن بىرتەرەپ قىلىپ ياسالغان قان توختىتىش جەۋھىرىنى ئىت ۋە قويغا ئىشلىتىپ ھەر خىل قان توختىتىش تەجرىبىسىنى ئىشلىگەن، مەلۇم دەرىجىدە قان توختىتىش ئۈنۈمى كۆرۈلگەن.
2. باكتېرىيىگە قارشى ئۈنۈمى، ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيسى، يېشىل يېرىڭ باكتېرىيىسى، سۇبىتلىس تاياقچە باكتېرىيىسى، چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيسى قاتارلىقلارغا قارشى تۇرۇش رولى بار.
1. ئەنجىبار، رۈسۇت، ئاقاقىيا، ئەرەب يېلىمى، كەتىرا قاتارلىقلاردىن 7 گرامدىن سۇپۇپ قىلىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆپكە جاراھىتى ۋە قاناشلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
2. 5 گرام ئەنجىباھار تالقىنىنى ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ ئىچسە، ئۆپكە سىلىدىكى جاراھەتكە شىپا قىلىدۇ.
3. ئەنجىباھار 3 گرام، يۇمغاقسۇت ئۈرۇقى 5 گرام، قىزىلگۈل 10گرام، قىزىل سەندەل 10g ئېلىپ سۈپۈپ قىلىپ ئىچىپ بەرسە، بوۋاسىر قاناشقا شىپالىق بولىدۇ.
قىزىل ئۆڭگەچ قاناش، ئۈچەي قاناش، بۇۋاسىرقاناش، بۇرۇن قاناش، قان تۈكۈرۈش، ھېيىز كۆپ كېلىش. كونا يېڭىى سىل كېسىلى ، جىگەر مەنبەلىك ئىچ سۈرۈش، تولغاق قاتارلىقلار.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.