ۋاللېتتا

ۋاللېتتا مالتا جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي مەركىزى، ئەڭ چوڭ پورتى. ئۇنىڭ ستراتېگىيە ۋە قاتناشتىكى ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. ئۇ يەر ئوتتۇرا دېڭىز ئەتراپىنىڭ دېڭىز قاتنىشىنى كونترول قىلىشتىكى مۇھىم تۈگۈن ھېسابلىنىدۇ.


نامى ۋاللېتتا
ئورنى ئوتتۇرا دېڭىز
قۇرۇلغان ۋاقتى 1566-يىلى
خەنزۇچە نامى 瓦莱塔
ئىنگىلىسچە نامى Valletta

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 ۋاللېتتا مالتا جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي مەركىزى، ئەڭ چوڭ پورتى. ئۇنىڭ ستراتېگىيە ۋە قاتناشتىكى ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. ئۇ يەر ئوتتۇرا دېڭىز ئەتراپىنىڭ دېڭىز قاتنىشىنى كونترول قىلىشتىكى مۇھىم تۈگۈن ھېسابلىنىدۇ. 


 1964-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى ئەنگلىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىللىككە ئېرىشكەندىن كېيىن دۆلەتنىڭ پايتەختى قىلىپ بەلگىلەنگەن.  بۇ جايدىكى پورتتا ھەرخىل تىپتىكى چوڭ ئوكيان پاراخوتلىرى توختىيالايدۇ. مالتانىڭ ئەڭ مۇھىم كېمىسازلىق، ماشىنىسازلىق، يېمەك-ئىچمەك، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى ۋاللېتتا شەھىرىگە مەركەزلەشكەن. شەھەرنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان.


ياغاچ ماتېرىيالىنىڭ ئىچكى توقۇلمىلىرىنىڭ چېپىپ ، ھەرىلەپ , ئېھتىياجىغا قاراپ شەكلىنى خالىغانچە پىششىقلاپ ئىشلەپ ،ئۆي - ئىمارەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىدۇ.

رەڭلىك تاغ جىنسلىرى پۈتمەس - تۈگىمەس بىناكارلىق ماتېرىيالى شۇڭلاشقا

گىرانت تاشلار بىلەن  ۋاللېتتا ۋە دۆلەت ئىچىدىن باشقا سىرتقا ھەر يىلى كۆپلەپ ئېكسپورت قىلىنىدۇ .  ئاساسلىقى شىمالىي ئافرىقا ۋە ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە . 



ۋاللېتتا تىپىك سۇبتروپىك بەلباغ ئوتتۇرا دېڭىز تىپىدىكى كىلىماتقا تەۋە بولۇپ ، ئاچچىق سوغۇق سۆڭەكتىن ئۆتكۈدەك شامال يوق  ھاۋارايىنىڭ مۆتىدىللىكى , تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە كۆكىرىپ تۇرىدۇ . قىش پەسلىنىڭ ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 14.1 گىرادۇس ،  يازدا ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا 32 سېلسىيە گىرادۇس .ياز پەسلىدە قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن ھەمدە سالقىن ، ئەڭ ئىسسىق ۋاقىت 7-ئاي ۋە 9- ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى . ۋاللېتتا بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە قۇياش ئىللىق ، شامال چىقىپ تۇرىدۇ ،  ياز پەسلىگە ئامراق كىشىلەرنىڭ ساياھەت قىلىشىغا تولىمۇ ماس كېلىدۇ ،  ھەر يىلى 12 - ئايدىن 10 - ئايغىچە بۇ يەرنىڭ ساياھەت قىلىشنىڭ يۇقۇرى ۋاقتى .



ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#