روھى كەيپىيات

روھى كەيپىيات

تۇرمۇش رىتىمى تىز، رىقابەت كۈچلۈك، بولىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە روھى كەيپىياتنى تەڭشەش ئىنتايىن مۇھىم.

ئۇيغۇرچە نامى روھى كەيپىيات
خەنزۇچە نامى 精神状态

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تۇرمۇش رىتىمى تىز، رىقابەت كۈچلۈك، بولىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە روھى كەيپىياتنى تەڭشەش ئىنتايىن مۇھىم. تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۈش، كىشلەر ئارا مۇناسىۋەتنى تەڭشەش، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە كەڭ قورساق، ئەپۇچان بۇلۇش، تۇرمۇش ئېھتىياجىدىكى تەلەپنى زىيادە يۇقىرى قىلىۋالماسلىق كېرەك. يىمەك -ئىچمەك، مۇھىت ۋە رەڭلەر بىلەنمۇ روھى كەيپىياتنى تەڭشىگىلى بولىدۇ. مەسلەن: كەيپىياتى تۆۋەن غەمكىن ۋاقىتتا ھەرگىز چۈچۈمەل يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك، تاتلىق يىمەكلىك بىلەن كەيپىياتنى تەڭشىگىلى بولىدۇ. روھى كەيپىياتى ناچار ئەھۋالدا مۇھىت ئالماشتۇرۇش، سەيلە قىلىش. رەڭ ئارقىلىق كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇش. قىزىل رەڭ كىشلەرنىڭ روھىنى كۆتۈرىدۇ. كۆك رەڭ كەيپىياتنى تىنچلاندۇرىدۇ. يېشىل رەڭ جىددىيلىكنى پەسەيتىدۇ. 

نورمال روھى كەيپىيات مېڭىنىڭ سەزگۈ-ھەركەت پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرىدۇ ۋە ئىلگىرى سۈرىدۇ. 

ساغلام بولغان روھى كەيپىيات يۈرەكنىڭ ھاياتلىق كۈچىنى ئاشۇرۇپ ئۇنىڭ خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ساغلام بولغان روھى كەيپىيات ئادەم بەدىنىنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ ھەر خىل كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 

نورمالسىز روھى كەيپىيات، نېرۋا ئاجىزلىقنى پەيدا قىلىپ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىش، دىققىتىنى يىغالماسلىقتەك كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ.

ئۇزۇن مەزگىللىك نورمالسىز روھى كەيپىيات ئادەملەردە ئاسانلا يۈرەك قان تۇمۇر كېسەللىكلىرنى پەيدا قىلىدۇ ھەم بۇ خىل كېسەللەرنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. 

نورمالسىز روھى كەيپىيات راك كېسىلىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. ئالىملارنىڭ بايقىشىچە %99 راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. دىمەك روھى ئامىل راك پەيدا قىلىشتا ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. 

نورمالسىز روھى كەيپىيات ھەزىم يولى يارا كېسەللىكلىرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ھەم بۇ خىل كېسەللەرنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەپ بولىدۇ.

ئۇزۇن مەزگىل روھى كەيپىيات جەھەتتە جىددىلىك بولسا ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىدا تەڭپۇڭسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، شېكەر سىيىش ( دىئابىت ) كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ.

نورمالسىز روھى كەيپىيات ئاياللاردا ئادەت قالايمىقان بۇلۇش ھامىلدار ئاياللاردا بالدۇر تۇغۇپ قۇيۇش ۋە ھامىلىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدەك خەتەرلىك ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#