يول دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. يول (ئاممىۋى قاتناش)
  2. يول ()
ئاممىۋى قاتناش
يول

يول-جايلارنى يەنى تاغ-داۋانلار، دېڭىز-ئوكيان، دەريا-ئېقىن، چۆل-باياۋانلار ئايرىپ تۇرغان بوستانلىقلارنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ، يىراقنى يېقىن قىلىدىغان ۋاسىتە.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يوليۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ يۈزى بەك سىلىق بولۇپ كەتمەسلىكى لازىم. چۈنكى ئاپتوموبىل تېز سۈرئەتتە كېتىۋاتقاندا، يول يۈزى سەل يىرىكرەك بولسا، تېيىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. شۇڭا يول ياساش تېخنىك خادىملىرى يول يۈزىگە ھەر خىل رەسىملەرنى ۋە گۈللۈك سىزىقلارنى لايىھىلەيدۇ، يەنە كاۋچۇك دانىچىلىرى بىلەن سېمونتنى ئارىلاشتۇرۇپ مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان خىمىيىلىك يېلىمغا قوشۇپ، يول يۈزىگە چاپلىۋېتىدۇ. بۇ خىل يولدا تېيلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولۇپلا قالماي يەنە بۇ خىل يول ناھايىتى چىداملىق بولىدۇ، مۇستەھكەملىكى ئاسفالىت يولدىن خېلىلا يۇقىرى بولىدۇ.

يولكەلگۈسىدە يەنە «رەڭلىك تاشيول» ياسىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاپتوموبىللارنىڭ يول يۈرۈشى تېخىمۇ بىخەتەر بولىدۇ. ئۇخشاشمىغان يوللارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، يول ياساش تېخنىك خادىملىرى تاشيولنى ھەر خىل رەڭلەر بىلەن ئايرىم-ئايرىم بويىسا، شوپۇرلاردا رەڭنىڭ بىر خىللىقىدىن كېلىپ چىقىدىغان بىزار بولۇش، جىددىيلىشىش، ئالدىراپ كېتىشتەك تەسىرلەرنى تۈگەتكىلى بولىدۇ. مەسىلەن، شەھەرگە يېقىن يول بۆلىكىنى ئىللىق رەڭ(مەسىلەن، قىزىل رەڭ) بىلەن بوياپ قويغاندا، شوپۇرنىڭ ھوشيارلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاپتوموبىلنى ئېھتىيات بىلەن ھەيدىگىلى بولىدۇ. تەكشى يول بۆلىكىنى سوغۇق رەڭ(مەسىلەن، كۆك رەڭ) بىلەن بوياپ قويغاندا، شوپۇردا ئازادىلىك تۇيغۇسى پەيدا قىلغىلى بولىدۇ؛ يەنە ئوخشاشمىغان رەڭلەر بىلەن يولنىڭ كۆتۈرۈلۈش، پەسىيىش، بۇۇرلۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگىلى بولىدۇ. كەلگۈسىدە يەنە كېچىسى يۈرىدىغان يوللار بىلەن ئاپتوموبىللارنىڭ كېچىسى يول يۈرگەندىكى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

بۇلاردىن باشقا يەنە شاۋقۇننى يوقىتالايدىغان- «ئاۋاز يوقىتىدىغان يول» ، ئاپتوموبىلنىڭ تاشيولغا بولغان بېسىمىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىدىغان، چىقارغان توك بىلەن يولنى يورۇتقىلى بولىدىغان «ئېلېكتر ئېنىرگىيىلىك يول» ؛ ئېلېكترونلۇق كونترول قىلىنىدىغان يول؛ سۇدىن مۇداپىئەلىنىدىغان يول قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز ئىشلىتىلىشىگە ئەگىشىپ، كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ يېڭى يوللار بارلىققا كېلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#