كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى (University of Cambridge) بولسا 1209-يىلى قۇرۇلغان. ئەنگىليەنىڭ كامبرىج بازىرىغا جايلاشقان بولۇپ، ئەنگلىيەدىكى شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغان ئۇنىۋېرسىتېتىلارنىڭ بىرى.
ئەنگىلىيەدىكى نۇرغۇن داڭلىق ئالىملار، يازغۇچىلار، سىياسىئونلار مۇشۇ مەكتەپتىن تەربىيە ئالغان.
كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى يەنە نوبىل مۇكاپاتى ساھىبى ئەڭ كۆپ چىققان ئالىي بىلىم يۇرتى بولۇش بىلەن داڭلىقتۇر. 88 نوبىل مۇكاپاتى ساھىبى ئىلگىرى بۇ مەكتەپتە ئوقۇغان ۋە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ 70 دىن ئارتۇقراقى كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى. كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى يەنە ئەنگلىيە داڭدار مەكتەپ ئىتتىپاقى «Russell Group of Universities» ۋە ياۋروپا ئالىي مەكتەپلەر ئىتتىپاقى «Coimbra Group» نىڭ ئەزاسى.
بۇ مەكتەپتە ھازىر 31 ئىنستىتۇت، 3 قىزلار ئىنستىتۇتى، ئىككى ئاسپرانىتلار ئىنستىتۇتى بار. ئوخشىمىغان ئۇسلۇپتىكى بۇ 31 ئىنستىتۇت ئىقتىسادىي جەھەتتە پۈتۈنلەي پايدا-زىيانغا ئۆزى ئىگە بولىدۇ. ھەربىر ئىنستىتۇت مەلۇم دەرىجىدە بىر كىچىك ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ، ھەربىرسىنىڭ ئۆز ئالدىغا مەكتەپ قائىدە-تۈزۈملىرى بار.
كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى ھازىر 18071 نەپەر ئوقۇغۇچى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 5969 نەپەر ئوقۇغۇچى ئاسپرانىت.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
ياردەم تورى
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.