تاڭ ئاۋچىڭ

تاڭ ئاۋچىڭ جياڭسۇنىڭ يىشىڭ ناھىيەسىدىن. مۇرەككەپ ئانئورگانىك ماددا ۋە مېتال ئورگانىك بىرىكمىلەرنىڭ قۇرۇلمىسى، فۇنكسىيەسىنى تەتقىق قىلىش بۈگۈنكى خىمىيەنىڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان تېمىلىرىدىن بىرى، بۇ پەن «كوئوردىناتسىئون (جىپسىلانما) مەيدان نەزەرىيەسى» دەپ ئاتىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى تاڭ ئاۋچىڭ
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى جياڭسۇنىڭ يىشىڭ ناھىيەسى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 2008-يىل
خەنزۇچە ئىسمى 唐敖庆
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1915-يىل
كەسپى ئاكادېمىك، مەكتەپ مۇدىرى، نەزەرىيىۋى خىمىيە ئالىمى، مائارىپچى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تاڭ ئاۋچىڭ جياڭسۇنىڭ يىشىڭ ناھىيەسىدىن. مۇرەككەپ ئانئورگانىك ماددا ۋە مېتال ئورگانىك بىرىكمىلەرنىڭ قۇرۇلمىسى، فۇنكسىيەسىنى تەتقىق قىلىش بۈگۈنكى خىمىيەنىڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان تېمىلىرىدىن بىرى، بۇ پەن «كوئوردىناتسىئون (جىپسىلانما) مەيدان نەزەرىيەسى» دەپ ئاتىلىدۇ. جۇڭگولۇق خىمىك تاڭ ئاۋچىڭ  (1915 −) باشچىلىقىدىكى كوللېكتىپ  60-يىللاردا بۇ تۈر تەتقىقاتىنى باشلىغاندىن بۇيان، جۇڭگونىڭ «كوئوردىناتسىئون مەيدان نەزەرىيەسى» تەتقىقاتى ۋە قوللىنىش سەۋىيەسى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى، بۇ لازېرلىق توپلاشتۇرۇلغان توك يولى، نادىر ئېلېمېنتلار قاتارلىق يېڭىچە ماتېرىياللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئاساس سالدى، شۇڭا، خەلقئارا خىمىيە ساھەسىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

 1936-يىلى، ئۇ ئەلا نەتىجە بىلەن بىرلا ۋاقىتتا تۆت ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىمتىھانىدىن ئۆتىدۇ، ئاخىرىدا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىمىيە فاكۇلتېتىنى تاللىۋالىدۇ. 1946-يىلى ئامېرىكىغا ئوقۇشقا بېرىپ، كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى خىمىيە تەتقىقاتى يۇرتىدا ئاسپىرانت بولىدۇ، 1949-يىلى دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ. 1950-يىلى، تاڭ ئاۋچىڭ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ ھەم جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرلىقى ۋە خىمىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

 تاڭ ئاۋچىڭ كۋانت خىمىيەسى، يۇقىرى مولېكۇلا فىزىك خىمىيىسى، خىمىيىۋى ئۇسۇلدا ئازوتنى تۇراقلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىنتايىن مول نەتىجىگە ئېرىشىدۇ. 1952-يىلى، تاڭ ئاۋچىڭ ئۆز ئالدىغا «مولېكۇلىلارنىڭ ئىچكى ئايلىنىشىدىكى قارشىلىق كۈچ فۇنكسىيەسى مەسىلىسى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلەتلىك3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي، تاڭ ئاۋچىڭ يەنە يۇقىرى مولېكۇلا قۇرۇلمىسى ۋە خۇسۇسىيىتى نەزەرىيىسى تەتقىقاتىدا زور ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىدۇ. 1963-يىلدىن كېيىن، تاڭ ئاۋچىڭ رەھبەرلىك قىلغان خىمىكلار كوئوردىناتسىئون مەيدان نەزەرىيەسىنى ئالتە جەھەتتىن بېيىتىدۇ ۋە «كوئوردىناتسىئون مەيدان نەزەرىيىسى ۋە ئۇسۇلى» دېگەن مۇھىم ئەسەرنى تاماملايدۇ. 1982-يىلى دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت1-دەرىجىلىك تەبىئىي پەن مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ.

تاڭ ئاۋچىڭ غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەچكە، دۇنيادىكى مەشھۇر كۋانت خىمىكلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلىدۇ. 1981-يىلى، ئۇ خەلقئارا كۋانت-مولېكۇلا ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلىنىدۇ، ئۇ مۇشۇ خەلقئارا تەشكىلاتتىكى بىردىنبىر جۇڭگولۇق. خەلقئارا خىمىيە ساھەسىدىكىلەر ئۇنى «جۇڭگو كۋانت خىمىيەسىنىڭ ئاتىسى» دەپ ئاتىشىدۇ.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/90112.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#