شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى نىزامى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى نىزامى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى نىزامى 2009-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16-يىغىنىدا ماقۇللانغان. 

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى نىزامى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2009-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区民族团结教育条例
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2009-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى
ھۆججەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18-نومۇرلۇق ئېلانى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18-نومۇرلۇق ئېلانى

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى نىزامى» 2009-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16-يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. ھازىر ئېلان قىلدۇق.

2009-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ نىزام باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق ۋە ئىناقلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى ۋە ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكەبولۇش مەقسىتىدە،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى»، شۇنىڭدەك ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2-ماددا بۇ نىزام ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدىكى دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار،كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، شەھەر-يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلار، مەھەللىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ، شۇنىڭدەك پۇقرالارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىشىغا تەتبىقلىنىدۇ.

3-ماددا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى پۇقرالارغا قارىتىلغان ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى يادرو قىلىنىپ، مىللەت نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش، مىللىي سىياسەتنىئىگىلەش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا دائىر ساۋاتلارنى ئومۇملاشتۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېڭىنى تۇرغۇزۇش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشمەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش جاۋابكارلىقىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى تەربىيەدۇر.

4-ماددا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا ئادەمگە قاراپ تەربىيە بېرىش، ئىجابىي تەربىيەبېرىش، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشنى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئىرادىسى ۋە ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇش لازىم.

5-ماددا شىنجاڭ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاي. شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئاساسلىق خەۋپ مىللىي بۆلگۈنچىلىك. مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش پۇقرالارنىڭ مۇقەددەس مەسئۇلىيىتى ۋە شەرەپلىك مەجبۇرىيىتى.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى. ھەر مىللەت خەلقى «خەنزۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئايرىلالمايدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇلاردىن ئايرىلالمايدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ بىر-بىردىن ئايرىلالمايدۇ» دەيدىغان ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆز ئارا ئىشىنىپ، ئۆز ئارا ئۆگىنىپ، ئۆز ئارا ياردەم بېرىپ ۋە ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ، ئىناق ئۆتۈپ، باشتىن-ئاياغ ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇشى لازىم.

6-ماددا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىش پۇقرالارنىڭ قانۇن بويىچە ئېرىشكەن ھوقۇقى ۋە ئۆتەيدىغان مەجبۇرىيىتى.

7-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي پىلانىغا، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ۋە پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا كىرگۈزۈشى، ئۇنىمەنىۋى مەدەنىي ئورۇننى باھالاش، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭ ئەمەلىيلىكى، دەۋرىيلىكلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۇنى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مەنپەئەت مۇناسىۋىتىدىكى تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىيات ئىشلىرىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇنىڭ چاقىرىش، يېقىنلاشتۇرۇش ۋە تەسىر كۆرسىتىش كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

8-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى رەھبەرلىك ئاپپاراتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى پائالىيىتىدە نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان ۋە تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلىشى ۋە مۇكاپاتلىشى كېرەك.

9-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز گەپ-سۆزلەرنى تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز ئۇچۇرلارنى توپلىشى، بېرىشى، تەييارلىشى، ئېلان قىلىشى ياكى تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان ھەرىكەتلەردە بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

2-باب ئاپپارات ۋە مەسئۇلىيەت

10-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مىللەتلەرئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى:

(1) پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىنى تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش؛

(2) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش؛

(3) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى خىزمىتىگە تەشكىلاتچىلىق، يېتەكچىلىك، ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋەئۇنى تەكشۈرۈش؛

(4) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى خىزمىتىدىكى چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىش؛

(5) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش ۋە كېڭەيتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىدىكى ئىلغار ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەش؛

(6) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىگە دائىر باشقا ئىشلار.

11-ماددا دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئۆز ئورنى، تارمىقى، سىستېمىسىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ئۆز ئورنىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى جانلىق، كۆپ خىل شەكىللەر بىلەن قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

يېزا (بازار)، كوچا، كەنت (شەھەر) ئاھالە كومىتېتى ۋە مەھەللىلەر ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىپ، قارىمىقىدىكى كەنت (شەھەر) ئاھالىسى ۋە كۆچمە ئاھالە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى خىزمىتىنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا كۈچەيتىپ، شەھەر-يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلار ۋە مەھەللىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە خىزمىتىنى ھەممە ئائىلىگىچە قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

12-ماددا مائارىپ مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنىڭ مەزمۇنىنى مائارىپيىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئالىي مەكتەپلەر، تېخنىكوملار، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى دەرسلىكىنى تۈزۈشى كېرەك، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىدىكى جاۋابكارلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىك، ئۈلگىلىك ۋەنەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ھەمدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى ئوقۇش-ئوقۇتۇش پىلانىغا، خەلق مائارىپىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا كىرگۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش، ياراملىق ئادەم بولۇش جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەت نەزەرىيەسى، مىللىي سىياسىتى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىنى دەرسخانىغا، دەرسلىككە ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىغا كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

بالىلار باغچىلىرى ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارغا ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى بېرىشى كېرەك.

ھەرقانداق كىشىنىڭ مەكتەپلەردىكى دەرس، سۆز مۇنبىرى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا پايدىسىز گەپ-سۆزلەرنى تارقىتىشى مەنئى قىلىنىدۇ؛ ھەرقانداق كىشىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي ئىناقلىققا زىيان يەتكۈزىدىغان، جامائەتنىڭ كاللىسىنى قايدۇرىدىغان پىتنە-ئىغۋا تارقىتىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

13-ماددا مەدەنىيەت مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى مەدەنىيەت بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت-سەنئەت نومۇرلىرىنى ئىجاد قىلىپ ئورۇنداش، مۇزېيدا مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى كۆرگەزمە قىلىش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش، ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش، مەدەنىيەت ئۇچۇر بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ۋە كىتاب ئوقۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئاساس قىلىنغان مەدەنىيەت پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

ئەدەبىيات-سەنئەت تەشكىلاتلىرى، مەكتەپلەر دەۋر روھى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك ئاساسىدا ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشى، ئىناق ئۆتۈشى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشى نامايان قىلىنغان ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىشى كېرەك.

14-ماددا ئاخبارات-نەشرىيات مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك كىتاب، ژۇرناللارنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن نادىر نەشر بۇيۇملىرىنى ئۈزلۈكسىز نەشر قىلىشى كېرەك. كىتاب-ژۇرناللارنى تەھرىرلەش، بېسىش، نەشر قىلىش، تارقىتىش ۋە ئۈن-سىن ئېلېكتىرون نەشر بۇيۇملىرىنى تەييارلاش، تور نەشر بۇيۇملىرى ۋە نەشر بۇيۇمى بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

15-ماددا ئەدلىيە مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىگە دائىر قانۇن-نىزاملارنى تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاساسىي قانۇن، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا دائىر قانۇن-نىزاملارنى قانۇنساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش يىرىك پىلانى ۋە قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش يىللىق پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنى دۆلەتنىڭ قانۇنىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، ئۆزىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى دۆلەت قانۇنى ئارقىلىق قوغداشنى ئۆگىنىۋېلىپ، قانۇننى بىلىدىغان، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان پۇقرا بولۇشقا، دۆلەت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى پەيدا قىلىدىغان قىلمىشلارغا قارشى كۈرەش قىلىشقا يېتەكلىشى لازىم.

16-ماددا ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى ئالاقىدار ساھە مەسئۇلتارماقلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە، داۋاملىقتەربىيە يىرىك پىلانى، كەسپىي تەربىيەلەش پىلانى ۋە ئىشلەمچىلەرنى تەربىيەلەش پىلاندا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىگە دائىر مەزمۇن بولۇشى ھەمدە ئۇنى باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشى كېرەك.

17-ماددا مىللەت-دىن ئىشلىرى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى بويىچە ئىلغار نەمۇنىچىلارنى يارىتىش، تەقدىرلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تىپلارنى بايقاپ، خۇلاسىلەپ ۋە تەشۋىق قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ئىلغار، نەمۇنىچىلارنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن ھەممە ئادەمنى خەۋەرلەندۈرۈپ، تىپلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنى ئەتراپىدىكى ئادەم ۋە ئىشلار ئارقىلىق تەربىيەلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى ئىشلىرىغا پائال قاتنىشىشقا يېتەكلىشى لازىم.

مىللەت-دىن ئىشلىرى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئىشىنىدىغان ئاممىغا بولغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى دىنىي سورۇنلاردا، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما ئارىسىدا قانات يايدۇرۇشى لازىم.

18-ماددا سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى كارخانا ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرگە بولغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

تىزىملاتقان نام، ئالدۇرغان تاۋار ماركىسى، ئېلانپائالىيىتى ۋە باشقا سودا پائالىيەتلىرىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز مەزمۇن ۋە ھەرىكەتلەرنىڭ بولۇشى مەنئى قىلىنىدۇ.

19-ماددا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئالاھىدىلىكىگە قاراپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى خىزمىتىنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا قانات يايدۇرۇشى لازىم.

ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ھەر مىللەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرى بىلەن ئالاقە قىلىشتىكى كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلارغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى بېرىشى كېرەك.

كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى پائالىيىتىنى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ قىزىقارلىق ئۆتكۈزۈشى كېرەك.

ئاياللار بىرلەشمىسى ئاياللارنىڭ جەمئىيەت ۋە ئائىلىدىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاياللار ۋە ئائىلە ئەزالىرىغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى بېرىشى كېرەك.

سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى سودا جەمئىيەتلىرىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك، ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

20-ماددا گېزىت، رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە، ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارمىقى قاتارلىق مەسئۇل تارماقلار ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تەشۋىقات ۋە جامائەت پىكرىنى يېتەكلەش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئالاقە تورى، يان تېلېفون قاتارلىق يېڭى ۋاسىتىلەرنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا دائىر قانۇن-نىزام، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىگە دائىر چوڭ-چوڭ پائالىيەتلەر ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى بويىچە تىپلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنىپائال تەشۋىق قىلىپ ۋە خەۋەر قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى مەزمۇنىدىكى مەخسۇس خەۋەرلەر، رادىيو-تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرى ۋە ئۇچۇر تورى ئۈن-سىن پىروگراممىلىرىنى ئىشلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى بويىچە جامائەت پاراۋانلىقى ئېلانلىرىنى بېرىپ، ياخشى جامائەت پىكرى كەيپىياتىنى يارىتىشى لازىم.

21-ماددا تۆمۈر يول، تاشيول، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى، سەھىيە، ساياھەتچىلىك، سودا تارمىقى قاتارلىق تارماقلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى پائالىيىتىنى ئايرودۇرۇم، ۋوگزال، بېكەت، سودا ساراي، دوختۇرخانا، كوچا، مەيدان، ساياھەت مەنزىرە رايونى قاتارلىق كۆزنەك ساھەلەر ۋە جامائەت سورۇنلىرىغىچە قانات يايدۇرۇپ، ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىشى كېرەك.

22-ماددا پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن-مائارىپ تەتقىقات ئاپپاراتلىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەزەرىيەسى ۋە چوڭ-چوڭ ئەمەلىي نەتىجىلەر تەتقىقاتىنى ياخشى يولغا قويۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى ئىلمىي نەزەرىيە يېتەكچىلىكى ۋە مەدىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

3-باب مەزمۇن ۋە شەكىل

23-ماددا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى:

(1) ماركىسىزملىق دۆلەت قارىشى، مىللەت قارىشى، دىن قارىشى، تارىخ قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى تەربىيەسى؛

(2) دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇن ئېڭى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئېڭى تەربىيەسى؛

(3) ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم، سوتسىيالىزم تەربىيەسى؛

(4) پارتىيەنىڭ مىللەت نەزەرىيەسى، مىللىي سىياسىتى، دىن سىياسىتى، دۆلەتنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا دائىر تەربىيە؛

(5) ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى تونۇشتەربىيەسى؛

(6) مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىغا دائىر تەربىيە؛

(7) شىنجاڭ تارىخى، مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخى، دىننىڭ تەدرىجىي ئۆزگىرىش تارىخىغا دائىر تەربىيە؛

(8) ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە، دىن ئەسەبىيلىرىگە، زوراۋان تېروررچىلارغا قارشى تۇرۇش تەربىيەسى؛

(9) مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىش تەربىيەسى؛

(10) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك باشقا مەزمۇنلار.

24-ماددا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىيەتكە، تۇرمۇشقا، ئاممىغا يېقىنلاشتۇرۇپ، مەركەزلىك تەربىيە بىلەن دائىملىق تەربىيە بېرىشنى، نۇقتىلىق تەربىيە بىلەن ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسىنى، نەزەرىيە تەربىيەسى بىلەن ئەمەلىيەت تەربىيەسىنى، ئىلغار تىپلاردىن ئۆگىنىش بىلەن ئىلغار روھنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش شەكلىنى قوللىنىپ، تەربىيەنىڭ جەلپ قىلىش، تەسىرلەندۈرۈش ۋە قايىل قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

25-ماددا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاساسىي تېما قىلىنغان ماقالە ئۇيۇشتۇرۇش، زېھىن سىناش مۇسابىقىسى، دوكلات يىغىنى، نۇتۇق يىغىنى، سۆھبەت يىغىنى، سۈرەت كۆرگەزمىسى، تام گېزىتى، ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرى، مەخسۇس كونسۇلتاتسىيە قاتارلىق شەكىللەرنى، شۇنىڭدەك ئالاقە تورى، يىراقتىن ئوقۇتۇش، ئېلېكتىرلەشكەن ئوقۇتۇش قاتارلىق تارقىتىش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىشقا بولىدۇ.

26-ماددا ھەر يىلنىڭ 5-ئېيى ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى بولىدۇ.

ھەر يىللىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيىدا ئاساسىي تېمىنى بېكىتىپ، بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى قاناتيايدۇرۇپ، ئايلىق تەربىيە ئارقىلىق يىللىق تەربىيەگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

4-باب كاپالەتلەندۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش

27-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى خىزمىتى خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى خىزمىتىنىڭنورمال ئىشلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

28-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى رەھبەرلىك ئاپپاراتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىدە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىتەربىيەسى خىزمىتىنىڭ كەڭ، چوڭقۇر، ئۇزاققىچە قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

29-ماددا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى خىزمىتىدە رەھبەرلەر مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ،ئۇ رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنى باھالاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىنىدۇ.

30-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى رەھبەرلىك ئاپپاراتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى مەخسۇس ياكى قوشۇمچە ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

31-ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى رەھبەرلىك ئاپپاراتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى دەرسلىكىنى بېكىتىشكە مەسئۇل بولىدۇ، مائارىپ، مەدەنىيەت، ئاخبارات-نەشرىيات تارمىقى قاتارلىق تارماقلار ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە، موڭغۇلچە، قىرغىزچە قاتارلىق تىل-يىزىقتىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى دەرسلىكىنى تۈزۈش، تەرجىمە قىلىش، نەشر قىلىش ۋە تارقىتىش خىزمىتىگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

32-ماددا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىدەۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى، مۇزېيى، ئىنقىلابىي تارىخىي خاتىرە سارىيى، قەھرىمانلار قەبرىستانلىقىقاتارلىق سورۇنلاردىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ، شارائىتى يار بېرىدىغان جايلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتى تەربىيە بازىلىرى ۋە ئۈلگە ئورۇنلارنى قۇرسا بولىدۇ.

33-ماددا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى رەھبەرلىك ئاپپاراتلىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى بويىچە يىللىق باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، باھالاش چارىسىنى چىقىرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

34-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى خىزمىتىدە ساقلانغان مەسىلىلەر ئۈستىدە ئالاقىدار ئورۇنلارغا تەنقىدىي پىكىر ۋە تەكلىپ بېرىش ھوقۇقى بولىدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەرنى چەكلەش ۋە پاش قىلىش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ.

ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ پاش قىلىش مەزمۇنىنى ئاشكارىلاپ قويۇشىغا، پاش قىلغۇچىلاردىن ئۆچ ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

5-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

35-ماددا دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، شەھەر-يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلار، مەھەللىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى رەھبەرلىك ئاپپاراتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىدۇ ھەمدە سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ تۈزەتمىسە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارمىقى ۋە ئالاقىدار ئورۇنلار ئۇلارنىڭ شەرەپ نامىنى، ئىلغار، مۇنەۋۋەر بولۇپ باھالىنىش سالاھىيىتىنى بىكار قىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماق بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارنى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ:

(1) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى بويىچە نىشانلىق باشقۇرۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(2) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى بويىچە باھالاشتىن ئۆتەلمىگەنلەر؛

(3) ساختىپەزلىك قىلىپ، شەرەپ نامغا ئېرىشىۋالغانلار؛

(4) كادىرلار، ئىشچى–خىزمەتچىلەر ۋە باشقا پۇقرالارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ھەققىدەبەرگەن تەكلىپ ۋە تەنقىدىي پىكىرلىرىگە ئەھمىيەت بەرمىگەنلەر؛

(5) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلمىغانلار؛

(6) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا دائىر پاش قىلىش مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلمىغانلار؛

(7) مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ باشقا ئەھۋاللار.

36-ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز سۆز–ھەرىكەتلەرنى قىلغانلارنى ئىشلەيدىغان ئورنى ياكىيۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماق ۋە ياكى كەنت (شەھەر) ئاھالە كومىتېتى تەنقىد–تەربىيە بېرىپ، تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ دۆلەت مەمۇرلىرىغا ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماق قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.

37-ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز گەپ-سۆزلەرنى تارقاتقان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز ئۇچۇرلارنى توپلىغان، بەرگەن، تەييارلىغان، ئېلان قىلغان ياكى تارقاتقان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىك قىلغان، ئامانلىق باشقۇرۇش تەرتىپىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايىجاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

38-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرىدىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى باشقۇرۇش خىزمىتىدە بىپەرۋالىق قىلغان، ساختىپەزلىك قىلغان، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغانلىرىنى ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماق تەنقىد-تەربىيە بېرىپ، تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.

39-ماددا مۇشۇ نىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، مەمۇرىي جازا بېرىلىدىغان باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلارغا ئالاقىدار تارماقلار قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىدۇ.

6-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

40-ماددا شىنجاڭدىكى خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە خەلق قوراللىق ساقچى قىسىملىرى مىللەتلەرئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا مۇشۇ نىزامدىن پايدىلىنىدۇ.

41-ماددا بۇ نىزام 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى 

http://uyghur.news.cn/2012-04/26/c_131553709.htm

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/3259032.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#