جاڭ شىنجې
جاڭ شىنجې 1967-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى تەيۋەن ئۆلكىسىنىڭ يۈنلىن ناھىيەسىدە شىلو بازىرىدا تۇغۇلغان، جۇڭگولۇق داڭلىق ناخشىچى، ئارتىس، سەھنە تىياتىر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
جاڭ شىنجېجاڭ شىنجې 1967-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى تەيۋەن دە تۇغۇلغان، جۇڭگو تەيۋەنلىك داڭلىق ئەر ناخشىچى، ئارتىس، سەھنە تىياتىر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى. ئۇنىڭ ئاۋازى سۈزۈك ھەم يورۇق، بولۇپمۇ يېقىملىق لىرىكىلىق يېنىك ناخشىلارنى ئورۇنلاش ماھارىتى يۇقىرى. خەنزۇچە ناخشا ساھەسىدە «مۇھەببەت ناخشا شاھزادىسى» دەپ ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەن.
20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى خەنزۇچە ناخشا ساھەسىدە ھۆكىرىگەن «تۆت پادىشاھ»نىڭ بىرى دېگەن نامغا ئېرىشكەن، مەكتەپتىكى ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئارقىلىق تالانتى بايقالغان، كەينىدىن پىلاستىنكا شىركەتلىرى بىلەن توختام ئىمزالىغان، تۇنجى پىلاستىنكىسى «يالغان سۆزلەش» بىلەنلا ھەممىگە تونۇلغان، بىر يىل ئىچىدە ئۈچ دانە پىلاستىنكا چىقارغان، ھەربىي خىزمەت ئۆتەپ، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن قايتا ناخشا ساھەسىگە قايتىپ كەلگەن، «ئەپتىڭنى ئۆزگەرتمەك قىيىن» دېگەن پىلاستىنكىسىنىڭ يەنىلا بازىرى ئىتتىك بولغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.