كۆزگە ئاق چۈشۈش

كۆزگە ئاق چۈشۈش

كۆزگە ئاق چۈشۈش كۆزنىڭ مۈڭگۈز پەردىسىگە بىر خىل ئاق پەردە چۈشكەنلىكىگە قارىتىلغان بولۇپ، نىپىزراق بولغىنى غەمام دەپ ئاتىلىدۇ. قېلىنراق بولغىنى بەيازۇلئەينى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ كۆزنىڭ كۆرۈش خىزمىتىگە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىدۇ. 

غەرب تېبابىتى نامى كۆزگە ئاق چۈشۈش
كېسەللىك سەۋەبى كۆز كېسەللىكلىرى ئۇزاق داۋاملىشىشى
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار 40 ياشتىن يۇقىرىلار
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ
ئىنگلىزچە نامى cataract
ئاساسلىق ئالامىتى كۆز قارىچۇقىدا توق ۋە ئاق پەردە پەيدا بولۇش
خەنزۇچە نامى 白内障
تەۋە بۆلۈم كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمى
كېسەللىك ئورنى كۆز

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كۆزگە ئاق چۈشۈشسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، كۆز كېسەللىكلىرى ۋە كۆز زەخىملىرىنىڭ ۋاقتىدا، توغرا داۋالانماسلىقىدىن ۋە ئۇزاق داۋاملاشقان شەقىقە كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ ئادەتتە بىرلەمچى (تۇغما) ۋە ئىككىلەمچى (كېيىن پەيدا بولغان) دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ. ئىككىلەمچى پەيدا بولغانلىرىدا ئاساسەن كۆزنىڭ ھەر خىل زەخمىلىنىشلىرى (كۆز ئەتراپىغا قىزىل، چېچەك ۋە باشقا جاراھەتلەر چىقىش)، كۆز ھەر قايسى پەردىلىرىنىڭ ياللۇغلىرى، مۈڭگۈز پەردىنىڭ يىرىڭلىق جاراھىتى قاتارلىقلارنى ۋاقتىدا داۋالىماسلىق ياكى داۋالاشتىكى خاتالىقلار تۈپەيلىدىن كۆزنى ئۇزۇنغىچە ئاچالماي يۇمۇپ يۈرۈش نەتىجىسىدە قويۇق بۇزۇق ماددا مۈڭگۈز پەردىدە توختاپ قىلىپ پەيدا بولىدۇ. يەنە، كونارغان باش ئاغرىقى، باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش (شەقىقە)، ئېغىر دەرىجىدىكى يېقىندىن كۆرۈش كېسىلى ۋە دېئابىت كېسىلى سەۋەبىدىنمۇ مەزكۇر پەردىگە بۇزۇق ماددا تەسىر قىلىپ كۆزگە بۇزۇق ماددا تۆكۈلۈپ ئاق ماددا پەيدا بولىدۇ. يەنە بەزى ئومۇمىي بەدەن كېسەللىكلىرى، تېرە كېسەللىكلىرى ۋە كەسپى سەۋەبلەر (ئەينەكچىلىك) تۈپەيلىدىنمۇ مۈڭگۈز پەردىگە بۇزۇق ماددا تەسىر قىلىپ كۆزگە ئاق چۈشۈش كېلىپ چىقىدۇ. تۇغما پەيدا بولغانلىرى ئاساسەن سۆزنەك كېسىلى بار ئانىدىن تۇغۇلغان بالىلارنىڭ كۆزىگە ۋاقتىدا داۋا قىلماسلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ.

بەزىدە بەك ياشانغانلىقتىنمۇ كۆزگە تەدرىجىي ھالدا ئاق چۈشۈپ قالىدۇ. 

ئالامىتى: كۆز قارىچۇقىدا بەزىسى نېپىز، سۈزۈك ئاق بۇلۇتتەك، بەزىسى قېلىن، توق ۋە ئاق پەردە پەيدا بولۇش، بەزىلەردە مەزكۇر پەردە سىرتقا بىر ئاز پۇلتىيىپ چىقىش ئالامىتى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

مەزكۇر كېسەلنىڭ ئىككىلەمچى پەيدا بولغانلىرى كۆپ ئۇچرايدۇ. كۆپىنچە ئىككىلا كۆزگە ئاق چۈشىدۇ. پەقەت ئاقنىڭ ئىلگىرى-كېيىن چۈشۈش مەسىلىسىدىنلا ئىبارەت. ئاق پەقەت بىرلا كۆزىدە ئۇزۇن مۇددەتكىچە بولسا كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى سەۋەبنىڭ تېخى مەۋجۇتلۇقىنى پەرەز قىلىش كېرەك. دەسلەپتە كۆز قارىسىدا بولۇپمۇ كۆز قارىچۇقىدا ئاق چېكىت پەيدا بولىدۇ. ئاق روشەن مەلۇم بولىدۇ. ئاقنىڭ بەزىلىرى نېپىز، سۈزۈك، خۇددى ئاق بۇلۇتتەك بولىدۇ. بەزىلىرى قېلىن، توق ئاق رەڭدە بولۇپ مۈڭگۈز پەردىدە چوڭقۇر ئورۇنلاشقان بولىدۇ. بەزىلىرى مەزكۇر پەردە بىلەن بىللە سىرتقا بىر ئاز پۇلتىيىپ چىقىدۇ.

كۆزگە ئاق چۈشۈشكۆزگە ئاق چۈشۈش ئادەتتە 3دەۋرگە بۆلۈنىدۇ: 1. دەسلەپكى دەۋرى، 2. تەرەققىي قىلىش دەۋرى، 3، پىشىش دەۋرى. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:كۆزنى بەك ئىسسىق ۋە سوغۇق ھاۋادىن ساقلاش بىلەن بىرگە ئىسسىق سۇ ياكى ئەرىقى بادىيان بىلەن پات-پات يۇيۇپ تۇرۇش لازىم.

دەستىكارلىق ئۇسۇل بىلەن داۋالانغاندىن كېيىن شىشىسىمان سۇيۇقلۇق (روتۇبەتى زۇجاجىييە) نىڭ ئالدى ھۇجرا (ھوجرەئى مۇقەددەمە) گە كىرىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كۆز قارىچۇقى كىچىكلەپ نورمال ھالىتىگە كېلىشتىن بۇرۇن باشنى تۆۋەنگە ئېڭىشتۈرمەسلىك كېرەك. [0]

1-رېتسېپ

تەركىبى: سەبرە سۇقۇترى، ئوسارە ئەپسەنتىن، مەستىكى رۇمى، غارىقۇن 10 گىرامدىن، ئاچچىقتاۋۇز، سوقمۇنىيا بەش گىرامدىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كەرەپشە سۈيى بىلەن خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 7 ~ 9 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ (بالىلارغا ئازايتىلىدۇ) .

2-رېتسېپ

كۆزگە ئاق چۈشۈشتەركىبى: ھېلىلە كابىلە پوستى، سېرىق ھېلىلە پوستى، بەلىلە پوستى، قارا ھېلىلە پوستى، ئاقلانغان ئامىلە پوستى 20 گىرامدىن، يۇمغاقسۈت كۆكى 80 گىرام، قىزىلگۈل، ئۈستقۇددۇس، يانتاق ئېگىرى ئىككى سىقىم، بادام يېغى 50 گىرام، ھەسەل ئۈچ لىتىر.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، بادام يېغى بىلەن ياغلاپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: دەريا قۇلۇلىسى بىر تال، كۆپۈكى دەريا بىر پارچە، بىر تۇخۇمنىڭ شاكىلى، مەرۋايىت ئون تال، پىلپىل ئون تال، بىخ مارجان 15 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇپا ھالىتىگە كەلتۈرۈپ سۇفۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم سۈرمە ئورنىدا كۆزگە تارتىلىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

تېببىي جەۋھەر ئۇيغۇر تىبابەت تورىدىن ئېلىندى . 

http://tibbiyjawhar.com/index.php?m=content&c=index&a=show&catid=32&id=185

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

تېببىي جەۋھەر ئۇيغۇر تىبابەت تورىدىن ئېلىندى .

http://tibbiyjawhar.com/index.php?m=content&c=index&a=show&catid=32&id=185

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#