مائارىپ پىسخولوگىيەسى

مائارىپ پىسخولوگىيىسى

مائارىپ پسىخولوگىيىسى _مەكتەپلەردىكى ئوقۇتۇش ، تەلىم _ تەربىيە پائالىيىتى جەريانىدىكى دۇچ كەلگەنمەسىلىلەرنى پسىخولوگىيىلىك بىلىش نەزەرىيىسىدىن پايدىلىنىپ تەتقىت قىلىدىغان پەن.

ئۇيغۇرچە نامى مائارىپ پسىخولوگىيەسى
ئىنگىلىزچە نامى Educational psychology
قوللىنىش دائىرىسى مائارىپ
خەنزۇچە نامى 教育心理学
تەۋە پەن تۈرى پىسخىكا پىنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مائارىپ پسىخولوگىيەسى _مەكتەپلەردىكى ئوقۇتۇش ، تەلىم _ تەربىيە پائالىيىتى جەريانىدىكى دۇچ كەلگەنمەسىلىلەرنى پسىخولوگىيىلىك بىلىش نەزەرىيىسىدىن پايدىلىنىپ تەتقىت قىلىدىغان پەن. ئىنسانلار ئەۋلادلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە دائىم دېگۈدەك بىۋاسىتە ياكىۋاسىتىلىك ھالدا ئۈزلۈكسىز تەسر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ .شۇڭا تەلىم _ تەربىيە بىر خىلئىجتىمائىي ھادىسە . ئەمما مائارىپ تەربىيىسى تەربىيىلەنگۈچىلەرنى مەقسەتلىك ،پىلانلىق ، تەشكىللىك ئاساستا قەدەم _ باسقۇچلۇق ئاساستا تەربىيىلەيدىغانپائالىيەت بولغاچقا، مائارىپ پسىخولوگىيەسىنىڭ بۇ خىل پائالىيەتلەردىكى رولىناھايىتى زور بولىدۇ .

 

ھەرقانداق بىر پەن ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن پەيدا بولغان ۋە تەرەققىيقىلغان ، ھەر بىر پەننىڭ ئۆزىگە خاس ئىزدىنىش ساھەسى ۋە تەتقىقات ئوبيېكتى بولىدۇ. ئوخشاش بولمىغان پەنلەر ئوخشاش بولمىغان ساھەلەردىكى ھادىسىلەرنى ،پائالىيەتلەرنى تەتقىق قىلىدۇ . ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمەلىيىتى، ھەر بىر پەندىنئۆزىنىڭ شەيئىلەر ۋە شەيئىلەر توغرىسىدىكى بىلىملەر بىلەن بولغان ئومۇمىيباغلىنىشتا تۇتقان ئورنىنى ئېنىقلىشىنى تەتقىق قىلىدۇ . 

مائارىپ پىسخولوگىيەسىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى

پىسخولوگىيەسىنىڭتەتقىقات ئوبيېكتى - ئادەمنىڭ پىسخىك پائالىيەتلىرىنىڭ پەيدا بولۇش ، ئۆزگىرىش ، تەرەققىي قىلىش قانۇنىيەتلىرىدىن ئىبارەت بولسا ، مائارىپ پىسخولوگىيەسىنىڭتەتقىقات ئوبيېكتى – باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ، تەلىم ـ تەربىيەئەمەلىيىتى جەريانىدا پەيدا بولغان ياكى دۇچ كەلگەن پىسخىك پائالىيەتلەر ۋەئۇلارنىڭ ئۆزگىرىپ تەرەققىي قىلىش قانۇنىيىتى ۋە باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا مەكتەپئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ مائارىپىنىڭ تەسىرىدە ئاساسىي بىلىم ۋە ماھارەتلەرنىسېستىمىلىق ئىگىلىشى ، ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ، ساغلامئىندىۋىدۇئال پەزىلەتلىرىنىڭ شەكىللىنىشى ، جىسمانىي سۈپىتىنىڭ ئېشىشى قاتارلىقجەھەتتىكى پىسخىك پائالىيەت ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيەتلىرىدىن ئىبارەت .

 مائارىپ پىسخولوگىيەسىنىڭ ئۇنىڭغا يېقىن پەنلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

مائارىپ پىسخولوگىيەسى – ئومۇمىي پىسخولوگىيىنىڭ بىر تارمىقى ، مانا بۇ ئىجتىمائىي تۇرمۇشئەمەلىيىتىنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئۇنىڭغا يېقىن پەنلەر تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىبولۇپلا قالماستىن ، ئۇ ، پسخولوگىيىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسىدۇر. مائارىپ پىسخولوگىيەسى باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى ئوقۇتۇش ، تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن . ئۇ ، ئومۇمىيپىسخولوگىيە ، تەرەققىيات پىسخولوگىيەسى ، مەكتەپ پىسخولوگىيەسىنىڭ تەرىققىياتىئاساسىدا ، ئادەم پىسخىكىسىنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدىكى نەزەرىيە ، ئىندىۋىدۇئالپىسخىكا توغرىسىدىكى نەزەرىيىلەرگە ۋە ئۆگىنىش پىسخىكىسى ۋە ئەخلاقىيپەزىلەتلەرنىڭ شەكىللىنىشى توغرىسىدىكى نەزەرىيەلەرگە تايىنىپ ، مەكتەپلەرنىڭئوقۇتۇش ، تەلىم ـ تەربىيە خىزمىتىدىكى پىسخىك پائالىيەت ۋە ئۇلارنىڭقانۇنىيەتلىرىنى ئېچىپ بېرىدۇ .

دېمەك، ئومۇمىي پىسخولوگىيە ، مائارىپ پىسخولوگىيەسى ، مەكتەپ پىسخولوگىيەسى ۋەتەرەققىيات پىسخولوگىيەسى بىر ـ بىرى بىلەن ئورگانىك ھالدا باغلىنىشلىق بولۇپلاقالماستىن ، بەلكى پىسخولوگىيىنىڭ باشقا تارماقلىرى بىلەنمۇ مەلۇم ئىچكىباغلىنىشقا ئىگە .

مائارىپ پىسخولوگىيەسىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى

مائارىپپىسخولوگىيەسىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى – ماركسىزم ـ لېنىنىزم ـ ماۋزىدۇڭ ئىدىيىسىنىڭيېتەكچىلىگىدە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا باشلانغۇچ ، ئوتتۇرامەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ، تەربىيە جەريانىدىكى پىسخىك پائالىيەتلىرىنىڭ پەيدا بولۇش، تەرەققىي قىلىش قانۇنىيەتلىرىنى ، ئوقۇتقۇچى ، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ پىسخىكپائالىيەتلىرىنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى ۋە باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ تەربىيەتەدبىرلىرى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك تەرەققىياتىنىڭ دىئالېكتىكىلىقمۇناسىۋەتلىرىنى چۈشەندۈرۈش ، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئاشۇرۇش ، ئېلىمىزمەكتەپلىرىنىڭ تەرەققىي ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىنئىبارەت .

1. مائارىپ پىسخولوگىيەسىنى ئۆگىنىش مائارىپ خادىملىرىنىڭ دىئالېكتىك ماتېرىيالىزملىقدۇنيا قارىشىنىڭ تىكلىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ .

پىسخولوگىيەبارلىق دىنىي خۇراپاتلىق ئىدىيلەرگە ۋە مېتافىزىك كۆز قاراشلارغا قارشى كۆرەشقىلىشتىكى نەزەرىيىۋى قۇرالللارنىڭ بىرىدۇر .

2. مائارىپ پىسخولوگىيەسىنى ئۆگىنىش ، ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ياخشىلاپ ، ئوقۇتۇشئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ .

مەكتەپلەرنىڭئوقۇتۇش ، تەلىم ـ تەربىيە خىزمىتىدە ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشجەريانىدىكى بىر پۈتۈن پىسخىك پائالىيىتى ۋە پىسخىك تەرەققىياتىنى ئىگىلىۋالغاندىنكېيىن ، پىسخولوگىيە بىلىملىرىنى تەتبىق قىلىشى كېرەك . يەنى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭئۆگىنىش مۇددىئاسىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساسەن ئۆگىنىش مەقسىتى توغرىسىدا تەربىيەئېلىپ بېرىشى ، ئۆگىنىشكە قىزىقىشتىكى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن دىققەت قانۇنىيىتىگەئاساسلىنىپ ئوقۇتۇشنى تەشكىللىشى ، كۆزىتىش ئالاھىدىلىكى ۋە تەپەككۈر قانۇنىيىتىگەئاساسلىنىپ دەرسلىكلەرنى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك . ئوقۇغۇچىلارغاتەكرارلاشلارنى ۋە تاپشۇرۇقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ، ئۇلارنىڭ خاتىرە ۋە خىيالقابىلىيىتىگە ئاساسەن ، مۇستەھكەم بىلىمگە ، كۆپ تەرپلىمە ئەقلىي قابىلىيەتكە ئىگەقىلىشنى كۆزدە تۇتۇش لازىم ، باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ، تەربىيەخىزمىتىدە پىسخولوگىيە بىلىملىرىنى ئەمەلىيەتتە ئىشىلتىش كېرەك .

3. مائارىپ پىسخولوگىيەسىنى ئۆگىنىش سىياسىي ئىدىيىۋى خىزمەتلەرنىڭ ياخشى ئىشلەشكەياردەم بېرىدۇ . سىياسىي ئىدىيىۋى خىزمەتلەرنى ئىشلەشتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرخىلپائالىيەتلەدىكى پىسخىك قانۇنىيەتلەرنى ۋە ھەر خىل ئامىلللار تەسىرىدە شەكىللەنگەنپىسخىك ئالاھىدىكلەرنى ئىگىلىۋالغاندىلا ئاندىن ئۆسمۈر ۋە ياشلارنىڭ ئىدىيۋىخىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ ، سوتسىيالىستىك يېڭى بىر ئەۋلاد كىشىلەرنى يېتىشتۈرگىلىبولىدۇ .

ھازىرئېلىمىزدە باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپ تەربىيىسىنىڭ تەسىرىدەمەدەنىيەتلىك ، ئەدەپلىك بولۇپ ، ئىنتىزامغا ئاڭلىق بويسۇنىدىغان ، ئىجتىمائىيئەخلاقنى ھىمايە قىلىدىغان يېڭىچە روھىي قىياپەت بارلىققا كەلمەكتە . لېكىن ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئايرىم ئوقۇغۇچىلاردا ئەخلاقىي پەزىلىتىدە ناچارلىق ،ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش ، سىياسىي ۋە پەن ئۆگىنىشىگە قىزىقماي پۇلغا بېرىلىش ،جەمئىيەتتىكى يامان ئىشلارغا بېرىلىپ كېتىش ھادىسىلىرى ساقلانماقتا . شۇنىڭ ئۈچۈن، مەكتەپلەردە سىياسىي ، ئىدىيىۋى خىزمەتتىكى پىسخولوگىيىلىك مەسىلىلەرنى تەتقىقۋە ھەل قىلىشقا بىرلەشتۈرۈپ ، كەلگۈسىگە ئىنتىلىدىغان كوممۇنىزملىق غايە ۋەمىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن بىر كىشلىك ھەسسە قوشۇشتەك مىللىي غۇرۇر تەربىيىسىنىكىچىكىدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىش كېرەك .

4. مائارىپ پىسخولوگىيەسى مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ مەكتەپلەرنى ئىلمىي ئىدارە قىلىشسەۋىيىسىنىڭ يۈكسىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ .

مەكتەپرەھبەرلىكىنىڭ مەكتەپلەرنى ئىلمىي ئىدارە قىلىش خىزمىتىدە يەنىلا پىسخولوگىيەبىلىمى كەم بولسا بولمايدۇ ، يەنى مەكتەپ قۇرۇلۇشى ، ئوقۇتۇش قۇراللىرىنى تولۇقلاش، ھەر خىل ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇشتا ئوقۇتقۇچى ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك پائالىيەتلىرى قانۇنىيىتىگە قانداق ماسلىشىش ، پىسخىكىلىكگىگىنا تەلەپلىرىگە قانداق مۇۋاپىقلاشتۇرۇش ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ قۇرۇلۇشى ،خىزمەت ۋەزىپىلەرنى تەقسىملەش ، بىلىم ئاشۇرۇش ئىشلىرىنى مۇۋاپىق ھالدائورۇنلاشتۇرۇش ، ئەقلىي قابىلىيىتى ئادەتتىكىدىن ئۈستۈن ۋە ئادەتتىكىدىن تۆۋەنئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكىگە قانداق ئېتىبار بېرىش ، ئوقۇغۇچىلارقائىدىسى ، مۇكاپاتلاش ، جازالاش تۈزۈمىنى ئىزچىلللاشتۇرۇشتىكى پىسخىكىلىقمەسىلىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك ؛ مەكتەپنىڭ تازلىقى ، ساقلىقنى ساقلاشخىزمىتىدىكى پىسخىكىلىق مەسىلىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىقلار . بۇمەسىلىلەر پىسخولوگىيىنىڭ ئىلمىي ئاساسلار بىلەن تەمىنلەشكە مۇھتاج . بولۇپمۇرەھبەرلىك ئۈنۈمىنى قانداق ئۆستۈرۈش ، ئوقۇتقۇچى ، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭئاكتىپلىقىنى قانداق قوزغاش، ئوقۇغۇچىلارنى قانداق ئىلمىي ئىدارە قىلىش كېرەك .

ئوقۇغۇچىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى پسىخولوگىيە بىلەن تەبىئىي ھالداباغلىنىشلىق بولىدۇ . چۈنكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ خىزمىتىئوقۇغۇچىلارنى نورمال روھىي ھالەتكە ۋە گۈزەل قەلپكە ئىگە قىلىپ تەربىيىلەپيېتىشتۈرىدىغان خىزمەت بولغاچقا ئوقۇتقۇچىلارنى پسىخولوك ۋە ئۇنىڭ ئەمەلىيەتچىلىرىدېيىشكە بولىدۇ .

دۇنيادا ھېچقانداق كەسىپمەكتەپ تەلىم _ تەربىيىسى ۋە ئوقۇتۇش خىزمىتىدەك پسىخولوگىيە بىلەن ئۇنداق زىچباغلىنىشقا ئىگە ئەمەس .ھېچقايسىسى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلاردەك ئۇنداقئۇزۇن مۈددەت قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتمايدۇ .

ئوقۇتقۇچىلار بىلەنئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇناسىۋىتى ، تۈپ ئاساسىدىن ئېيتقاندا ، يەنىلا پسىخىك جەھەتتىكىزىچ باغلىنىش بولۇپ ، سانسىزلىغان پسىخىك باغلىنىشلار پسىخىك تور يىپچىلىرىنىھاسىل قىلىدۇ . ئوقۇتقۇچى مانا شۇ تور يىپچىلىرىنىڭ مەركىزىدە تۇرىدۇ . مەسىلەن ،ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ، ئوقۇتقۇچى بىلەن مەكتەپ رەھبەرلىكى ، ئوقۇتقۇچى بىلەنئائىلە باشلىقلىرى ، ئوقۇتقۇچى بىلەن جەمئىيەت ئەزالىرى .......

مەكتەپلەرنىڭ بارلىق ئوقۇتۇش ، تەلىم _ تەربىيەپائالىيەتلىرى ، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى پسىخىك باغلىنىشقائىگە بولغان تور يىپچىلىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ . پسىخىك جەھەتتىكى بۇنداقباغلىنىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەربىيىنى قوبۇل قىلىشتىكى ئالدىنقى شەرتى بولۇپ ،ئۇلاردا ئۆمۈرلۈك چۇڭقۇر تەسر قالدۇرىدۇ . بەزى تەجىرىبىلىك ئپقۇتقۇچىلار ئەخلاقىناچار ئوقۇغۇچىلار ياكى ناچار سىنىپلار خىزمىتىنى ئىشلەشتە ، ئۇلارنى ھە دېگەندەتەنقىدلىمەي ياكى ئەيىپلىمەي ئەكسىنچە ئىلھاملاندۇرۇش ، كۆپچىلىك ئوتتۇرىسىدائۇنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىىنى كۆپ سۆزلەش ، سۆسبەتلىشىش ، ياردەم بېرىش بەلكى بەزىكىچىك ئىشلار مەسىلەن ، بىرلىكتە ئويۇن ئويناش ، بىرلىكتە ساياھەت قىلىش ،قاتارلىقلار ئارقىلىق روھىي ھالەت جەھەتتە ئۇلارغا يېقىنلىشىشقا تىرىشىدۇ . بەزىمەشھۇر ئىلىم ئەھلىلىرى ۋە ئاتاغلىق ئەربابلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئوقۇتقانئوقۇتقۇچىلىرىنى ئۇنتۇلماسلىقىدىكى ئاساسىي سەۋەپ ئاساسەن ئۇلارنىڭ بالىلىق دەۋرىبىلەن ئوقۇتقۇچىلىرى ئوتتۇرىسىدا شەكىللەنگەن پسىخىك مۇناسىۋەتنىڭ ئۇلاردا جاۋاپقايتۇرۇش ھېسياتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىدىن ئىبارەت .

ئوقۇتۇش تەلىم _ تەربىيە خىزمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش تەلىم _ تەربىيە خىزمىتىدە پسىخولوگىيە بىلەنمۇناسىۋەتسىز بولغان بىرمۇ خىزمەت يوق . چۈنكى مەكتەپلەرنىڭ ھەرقانداق ئوقۇتۇشتەلىم _ تەربىيە تەدبىرلىرىدە بالىلارنىڭ پسىخىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرى چىقىشقىلىنغان بولىدۇ . ھەممىدە بالىلارنىڭ پسىخىكىلىق تەرەققىيات قانۇنىيىتى ۋەئوقۇتقۇچى _ ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت كۆزدە تۇتۇلغان بولىدۇ .

ئوقۇتۇش جەريانىداپسىخولوگىيە بىلىملىرىدىن تېخىمۇ ئايرىلغىلى بولمايدۇ ، باشلانغۇچ مەكتەپ باسققانۇنىيىتى ۋە ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت كۆزدە تۇتۇلغانبولىدۇ . ۇچىدا بالىلارنىڭ پسىخىكىسى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىش جەريانىدا تۇرىدۇ. بۇ ھەر قايسى يىللىقلاردا ئوخشاش ھالەتتە بولمايدۇ . مەسىلەن ، باشلانغۇچمەكتەپنىڭ تۆۋەن يىللىقىدىكى بالىلارنىڭ بىر سائەت ئىچىدە دىققەت كۈچىنى دەرسكەمەركەزلەشتۈرۈش ۋاقتى ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 10_ 15 مىنۇت ئەتراپىغىچە داۋاملىشىدۇ .ئوتتۇرا يىللىقتىكى بالىلارنىڭ دىققىتى 20 مىنۇت ، يوقىرى يىللىقتىكى بالىلارنىڭدىققىتى 25 مىنۇتقىچە داۋاملىشىدۇ . ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بالىلارنىڭ دىققەت كۈچىچېچىلىدۇ . شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار ئىككى قوللۇق تەييارلىق قىلىپ دەرسخانە پائالىيىتىنىماھىرلىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇشى ، دەرس سۆزلەش ، دوسكا خېتى ، سۇئاللارغا جاۋاپبېرىش ، تاپشۇرۇق ئىشلەتكۈزۈش ، ھەتتا ھىكايە سۆزلەش قاتارلىق پائالىيەتلەرنىمۇۋاپىق ھالدا كىرىشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىشى كېرەك . ئۇندىن باشقا ئوقۇتقۇچى دەرسمەزمۇنى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى جەلىپ قىلىشقا ماھىر بولۇشتەك ئوقۇتۇش مىتودىنىيېتىلدۈرۈشى كېرەك .

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەربىيىلىنىشى بىلەن پسىخولوگىيەنى ئۈگىنىشنىڭ مۇناسىۋىتى

مەكتەپلەرنىڭ ھەرقانداقئوقۇتۇش ، تەلىم _ تەربىيە پائالىيەتلىرى ئوقۇتقۇچى _ ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكىئۆز ئارا رول ئويناش مۇناسىۋىتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ . ئوقۇتقۇچىنىڭ پسىخىكئالاھىدىلىكى ئوقۇغۇچىلارغا ۋە پۈتكۈل ئوقۇتۇش ، تەلىم _ تەربىيە پائالىيەتلىرىگەتەسر كۆرسەتمەسلىكى مۈمكىن ئەمەس . ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتۇش ، تەلىم _ تەربىيە ئېلىپبېرىشتا ئۆزىدىكى پسىخىك ئامىللارنىمۇ شۇنىڭ ئىچىگە قويۇپ تۇرۇپ ئويلىنىش كېرەك .بىراق نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىلا ئويلاپ ، ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىشىئاز بولىدۇ ، ’باشقىلارنى ‘، لېكىن« ئۆزىنى بىلمەيدۇ» .

ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىدىكىپسىخىك ئامىللار ئوقۇتۇش ۋە تەلىم _ تەربىيىدىكى مەركىزى ھالقا .چۈنكى مەكتەپنىڭبارلىق پائالىيىتى كونكرېت ئوقۇتقۇچى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىدۇ . ئوقۇتقۇچى ئۇزاقمۈددەت ئوقۇتۇش ، تەربىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ، مۇقىم ، تۇراقلىق بولغانئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئىشلەش ئارقىلىق ئادەم تەربىيىلەشتەك كەسپىي ئاڭغا ، ئوبيېكتقائاساسەن ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان كەسپىي ئىقتىدارغا ، باشقىلارغا ئۈلگە بولۇشتەككەسپىي ھەركەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولىدۇ . بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەتئالاھىدىلىكى بولۇپ ، تەدرىجىي ھالدا ئوقۇتقۇچىنىڭ پسىخىك ئالاھىدىلىكى بولۇپھىسابلىنىدۇ .

ئۇنىڭدىن باشقا ،ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىدىكى ئىندىۋىدۇئاللىق ئالاھىدىلىك سىنىپ ئىستىلى، ئوقۇغۇچىلارئارا مۇناسىۋەت ۋە بالىلارنىڭ ئىندىۋىدۇئال پەزىلىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭمۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ .كەيپىياتى تۇراقسىز ، ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان ، ئۆزكەيپىياتىنى كونترول قىلالمايدىغان ئوقۇتقۇچىنىڭ سىنىپتا دوستانە ، ماس كەيپىياتيارىتالىشى قىيىن . بۇنداق ئوقۇتقۇچى ئۆز ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدە سۆز ۋە ھەرىكەتتە ئۆئارا ھۇجۇم قىلىش قىلمىشلىرىنى كۆپرەك سادىر قىلىدۇ .ئەكسىچە كەيپىياتى تۇراقلىق ،خۇشخۇي ، دوستلۇق  ۋە مۇلايىملىق كەيپىياتىغا تولغان ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىلابىر غايىبانە چاقىرىق بولۇپ ، سىنىپتا ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈش بىلەن بىرگە ،ئوقۇغۇچىلار ئتتۇرىسىدا يولداشلارچە دوستلۇق ئورنىتالايدۇ . شۇڭا ئوقۇتقۇچىنىڭپسىخىك ئالاھىدىلىكى مەكتەپ تەربىيىسى ۋە ئوقۇتۇشتا سەل قارىغىلى بولمايدىغانموھىم بىر ئامىل ھېسابلىنىدۇ . شۇڭلاشقا ئوقۇتقۇچىلار ئۆز كەيپىياتى ۋەھېسسىياتىنى ئاڭلىق ھالدا كونترول قىلىپ ، ھەر قېتىم ئوقۇغۇچىلار بىلەن تۇنجىقېتىم كۆرۈشكەندە ، ئۆزىنىڭ كەيپى خوش ، قىزغىن ۋە ئوچۇق _ يورۇق ئىكەنلىكىنىزېھنى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغانلىقىنى ئىپادىلىشى لازىم . [1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#