ئىشتا يارىلىنىپ ئۆلۈپ كەتكەن خىزمەتچىلەرنىڭ تۇغقانلىرى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە

ئىشتا يارىلىنىپ ئۆلۈپ كەتكەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ بېقىۋاتقان

ئىشتا يارىلىنىپ ئۆلۈپ كەتكەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ بېقىۋاتقان تۇغقانلىرىنىڭ دائىرىسى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە 2003-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ 5-قېتىملىق مىنىستىرلىق ئىشلىرى يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2004-يىلى1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان. 

ئۇيغۇرچە نامى ئىشتا يارىلىنىپ ئۆلۈپ كەتكەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ بېقىۋاتقان تۇغقانلىرىنىڭ دائىرىسى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە
ماقۇللانغان ۋاقتى 2003-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى
ھۆججەت جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ 18-نومۇرلۇق بۇيرۇقى
خەنزۇچە نامى 因工死亡职工供养亲属范围规定
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2004-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2003-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ 18-نومۇرلۇق بۇيرۇقى

«ئىشتا يارىلىنىپ ئۆلۈپ كەتكەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ بېقىۋالغان تۇغقانلىرىنىڭ دائىرىسى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى» 2003-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ 5-قېتىملىق مىنىستىرلىق ئىشلىرى يىغىنىدا ماقۇللاندى، ھازىر ئېلان قىلىنىپ، 2004-يىلى1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

مىنىستىر  جېڭ سىلىن 

2003-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى

1-ماددا  بۇ بەلگىلىمە ئىشتا يارىلىنىپ ئۆلگەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ بېقىۋاتقان تۇغقانلىرىنىڭ دائىرىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، «ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامى» نىڭ 37-ماددىسى 1-تارمىقىنىڭ 2-تارماقچىسىدا بېرىلگەن ھوقۇققا بىنائەن تۈزۈلدى.

2-ماددا  بۇ بەلگىلىمىدە ئېيتىلغان ئىشتا يارىلىنىپ ئۆلگەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ بېقىۋاتقان تۇغقانلىرى  مەزكۇر ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ جۆرىسى، پەرزەنىتلىرى، ئاتا-ئانىسى، بوۋا-مومىلىرى، نەۋرىلىرى، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللىرىنى كۆرسىتىلىدۇ.  

بۇ بەلگىلىمىدە ئېيتىلغان پەرزەنىتلەر نىكاھلىق تۇغۇلغان پەرزەنىتلەر، نىكاھسىز تۇغۇلغان پەرزەنىتلەر، بېقىۋېلىنغان پەرزەنىتلەر ۋە بېقىش مۇناسىۋىتى بولغان ئۆگەي پەرزەنىتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى نىكاھلىق تۇغۇلغان پەرزەنىتلەر، نىكاھسىز توغۇلغان پەرزەنىتلەر قورساقتا قالغان پەرزەنىتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛

بۇ بەلگىلىمىدە ئېيتىلغان ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل ئاتىمۇ بىر، ئانىمۇبىر ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللارنى، ياكى ئاتا بىر، ئانا باشقا ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللارنى ياكى ئانا بىر، ئاتا باشقا ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللارنى، بېقىۋېلىنغان ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللارنى، بېقىش مۇناسىۋىتى بولغان ئۆگەي ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  

3-ماددا  يۇقىرىقى ماددىدا بەلگىلەنگەن كىشىلەردىن ئىشتا يارىلىنىپ ئۆلگەن ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ ئاساسلىق تۇرمۇش مەنبىئى بلەن تەمىنلىشىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ھەمدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرى بەلگىلىمە بويىچە بېقىۋاتقان تۇغقانلىرىنىڭ نەپىقە پۇلى بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ:

(1) ئەمگەك ئىقتىدارىدىن تامامەن قالغانلار؛ 

(2) ئىشتا يارىلىنىپ ئۆلگەن ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ جۆرىسى بولۇپ، ئىرى60ياشقا، خوتۇنى 55 ياشقا توشقانلىرى؛ 

(3) ئىشتا يارىلىنىپ ئۆلگەن ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئاتىسى 60ياشقا، ئانىسى 55ياشقا توشقانلىرى؛ 

(4) ئىشتا يارىلىنىپ ئۆلگەن ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ پەرزەنىتلىرىدىن يېشى 18 گە توشمىغانلىرى؛

(5) ئىشتا يارىلىنىپ ئۆلگەن ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، بوۋا-مومىلىرىدىن بوۋىسىنىڭ يېشى 60 ياشقا، مومىسىنىڭ يېشى 55 ياشقا توشقانلىرى؛ 

(6) ئىشتا يارىلىنىپ ئۆلگەن ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ پەرزەنىتلىرى ئۆلۈپ كەتكەن ياكى ئەمگەك ئىقتىدارىدىن تامامەن قالغان بولۇپ، نەۋرىلىرىدىن يېشى 18گە توشمىغانلىرى؛

(7) ئىشتا يارىلىنىپ ئۆلگەن ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەر ئىككىسى ئۆلۈپ كەتكەن ياكى ئەمگەك ئىقتىدارىدىن تامامەن قالغان بولۇپ، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللىرىدىن 18ياشقا توشمىغانلىرى.  

4-ماددا  نەپىقە ئېلىۋاتقانلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولغانلارنىڭ نەپىقە پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇش تەمىناتى توختىتىلىدۇ: 

(1) يېشى 18گە توشقان ھەمدە ئەمگەك ئقتىدارىدىن تامامەن قالمىغانلار؛ 

(2) ئىشقا ئورۇنلاشقان ياكى ھەربىيگە قاتناشقانلار؛

(3) ئىشتا ئۆلگەن ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ جۆرىسى بولۇپ، قايتا نىكاھلىق بولغانلار؛ 

(4) باشقىلار ياكى بىرەر تەشكىل تەرىپىدىن بېقىۋېلىنغانلار؛ 

(5) ئۆلۈپ كەتكەنلەر.

5-ماددا  نەپىقە پۇلى ئېلىۋاتقان كىشىلەر جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىنىپ تۈرمىگە ئېلىنىپ جازا ئىجرا قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە ئۇلارنىڭ نەپىقە پۇلىدىن بەھرىمان بولۇش تەمىناتى توختىتىلىدۇ. جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەنلەردىن يەنىلا نەپىقە پۇلى ئېلىش سالاھىيىتىگە ئۇيغۇن كىلىدىغانلىرى بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بويىچە نەپىقە پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

6-ماددا  ئىشتا ئۆلگەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ بېقىۋاتقان تۇغقانلىرىنىڭ نەپىقە پۇلى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇش سالاھىيىتىنى بىر تۇتاش غەملىگەن رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بىجىرگۈچى ئاپپارات تەكشۈرۈپ بېكىتىدۇ.  

ئىشتا ئۆلگەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ بېقىۋاتقان تۇغقانلىرىنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاشقا ئىشتا ئۆلگەن ئىشچى-خىزمەتچى ھايات ۋاقتىدا ئىشلىگەن ئورۇن تۇرۇشلۇق جايدىكى تەۋەسىدە رايون تەسىس قىلىنغان شەھەر دەرىجىلىك ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كومىتېتى مەسئۇل بولىدۇ.  

7-ماددا  بۇ بەلگىلىمە 2004-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويولىدۇ.[0]

ئىشتا يارىلىنىپ ئۆلۈپ كەتكەن ئىشتا يارىلىنىپ ئۆلۈپ كەتكەن خىزمەتچىلەرنىڭ بېقىۋاتقان تۇغقانلىرى

ئىشتا يارىلىنىپ ئۆلۈپ كەتكەن خىزمەتچىلەرنىڭ تۇغقانلىرى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە

ئىشتا يارىلىنىپ ئۆلۈپ كەتكەن خىزمەتچىلەرنىڭ بېقىۋاتقان تۇغقانلىرىنىڭ دائىرىسى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە

ئىشتا يارىلىنىپ ئۆلۈپ كەتكەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ بېقىۋاتقان تۇغقانلىرىنىڭ دائىرىسى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#