قىزىل تاجلىق تۇرنا
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قىزىل تاجلىق تۇرنا شەرقىي ئاسىيا رايونىدىكى ئۆزىگە خاس قۇش تۈرى بولۇپ ، تەن شەكلى چىرايلىق ، رەڭلىرى ئېنىق ئايرىلغان بولىدۇ . باش قىسمىنىڭ چوققىسىدا قىزىل رەڭلىك تاجىسى بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان . ئۇلار جۈپ - جۈپ بولۇپ ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ ، توپلىشىپ كۆچىدۇ ، ئۆمرى 50 - 60 يىلغا يېتىدۇ . قىزىل تاجلىق تۇرنا ئەۋلىيا تۇرنا دەپمۇ ئاتىلىدۇ . جۇڭگودا بەخىت - سائادەتكە ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە سىمۋول قىلىنغان . تۇرنىنىڭ قىېنىدا زەھەر بولمايدۇ . رىۋايەتلەردە ئېيتىلغان ئىنتايىن كۈچلۈك خىدىڭخۇڭ ئەمەلىيەتتە ئاق مەرگە مۇشتۇر .
قىزىل تاجلىق تۇرناقىزىل تاجىلىق تۇرنا تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 160 سانتىمېتىر، ئىككى قانات ئۇچىنىڭ ئارىلىقى 240 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 10 كىلوگرام . بېشىنىڭ چوققىسى يالىڭاچ پەيسىز ، رەڭگى ئوچۇق پېشانە ۋە كۆز ئالدى پەيلىرى سەل قارا ، كۆز ئارقا سەپ پەيسىمان گەجگىلىرى ئاق ، يۈزى ، كېكىردەك ۋە بوينى قارا رەڭلىك بولىدۇ ؛ قانىتى ئۇزۇن ھەم ئەگرى يايسىمان بولۇپ ، قۇيرۇقىنى يېپىپ تۇرىدۇ، پەيلىرى رەڭدار، تۇمشۇقى كۈلرەڭ يېشىل ، تۇمشۇق ئۇچى سېرىق رەڭلىك بولىدۇ .
قىزىل تاجىلىق تۇرنا ساسلىق رايۇنلارنى ماكانلىشىش ئورنى، ئۆسۈملۈك ، بېلىق قاتارلقلارنى يېمەكلىك قىلىدۇ. كۈشەندىسى بۆرە ، تۈلكە قاتارلىقلار .[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.