توبى ماكۈيىر
كىنو ئارتىسى توبى ماكۈيىر ئىنگىلىزچە ئىسمى: Tobey Maguire يېشى : 32ياش 1975-يىلى 6-ئاينىڭ 22- كۈنى ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدا تۇغۇلغان.1992-يىلى 17 ياشلىق توبى ، « قالتىس سكوت » فىلىمىگە تۇنجى قېتىم ئەر باش قەھرىماننىڭ رولىنى ئالغان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كىنو ئارتىسى توبى ماكۈيىر ئىنگىلىزچە ئىسمى: Tobey Maguire يېشى 32ياش1975-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدا تۇغۇلغان. كىچىك ۋاقتىدىلا ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن بولۇپ،ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى تارتقان . ئۇ كىچىك ۋاقتىدا دادىسىغا ئوخشاش ئۇستا ئاشپەز بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتى،بىراق كېيىن تىياتىر ئۆگىنىشنى قارار قىلدى ۋە بىر قانچە ئېلانلارغا چىقتى . 1989-يىلى تۇنجى قېتىم بىر كىنودا رول ئېلىپ چىقتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ سەنئەت ھاياتى باشلاندى. 1992-يىلى 17 ياشلىق توبى، « قالتىس سكوت » فىلىمىگە تۇنجى قېتىم ئەر باش قەھرىماننىڭ رولىنى ئالغان. 1997-يىلى، ئۇ يەنە ئارقا-ئارقىدىن ئويۇن قويدى.
1992-يىلى 17 ياشلىق توبى ماكۈيىر، «قالتىس سكوت» فىلىمىگە تۇنجى قېتىم ئەر باش قەھرىماننىڭ رولىنى ئالغان. 1997 - يىلى، ئۇ يەنە ئارقا - ئارقىدىن ( مۇھەببەت قۇرۇلمىسىنى ئانالىز قىلش) بىلەن ( مۇز بوران - چاپقۇن ) ئويۇنىنى قويغان. 1998 - يىلى توبى ماكۈيىر ( شادلىق جىلغىسى ) دا باش رول ئالغان. ئۇ يەنە ( قىمار شەھىرى مەنزىر رەسىمى ) فىلىمىدىكى بىر مەينەت ساياھەتچىنىڭ رولىنى ئالغان. 1999 - يىلى «يۈرەك چاڭ-توزان ئۆتكەن كۈنلەر» فىلىمگە رولغا چققان.
2002-يىلى توبى ماكۈيىر باش رول ئالغان «ئۆمۈچۈك پالۋان»، فىلىمگە باش رول ئالغان. 2003-يىلى «ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان يىللار» فىلىمگە باش رول ئالغان. 2004 - يىلى ئۇ يەنە باش رول ئالغان «ئۆمۈچۈك پالۋان 2» نىڭ داۋامى2007-يىلى 5-ئاينىڭ 22- كۈنى ئوخشاشلا ئۇ باش رول ئالغان «ئۆمۈچۈك پالۋان 3» جۇڭگودا قويۇلغان.2010 – يىلى ( ئاكا - ئۇكا ) فىلىمگە رول ئالغان. 2013-يىلى بىلەن لېئوناردو بىلەن ھەمكارلىشىپ، «قالتىس گاتسىبىي» فىلىمىگە رول ئالغان.
توبى ماكۈيىر 1999 ( شادلىق جىلغىسى) فىلىمى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2002 - يىلى ( ئۆمۈچۈك پالۋان ) فىلىمى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2005 - يىلى ( ئۆمۈچۈك پالۋان 2 ) فىلىمى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2010-يىلى(ئاكا - ئۇكا) فىلىمى 67-نۆۋەتلىك كىنو تۈرى− ۋەقەلىك تۈرىدىكى ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى نامزاتى دەپ كۆرسىتىىلگەن.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.