بېرلىن تېمى

بىرلىن تىمى

گىرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىن 2-دۇنيا ئۇرىشىدىن كىيىن شەرقى بېرلىن ۋە غەرىبى بېرلىن دەپ ئىككىگە بۆلىۋىتىلگەن .شەرىقى بېرلىن ئۆزلىرىنىڭ ئادەملىرنىڭ غەرىبى بېرلىنغا ئۆتۈپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ قورشاۋ تامنى سالغان. بۇ تام ئىكىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن گىرمانىيەنىڭ بۆلىنشى ۋە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرىشىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك قۇرۇلىشلىرىدىن بىرى. 1989-يىلى11-ئاينىڭ 9-كۈنى بۇ تام ئۆرىۋېتىلگەن. 1990-يىلى ئىككى گېرمانىيە بىرلىككە كەلگەن.

ئۇيغۇرچە بېرلىن تىمى
ئىنگىلىسچە Berlin Wall
ئۆرۈلگەن ۋاقتى 1990-يىلى
ئورنى گىرمانىيە بىرلىن شەھىرى
خەنزۇچە 柏林墙
قۇرۇلغان ۋاقتى 1961-يىلى
گىرمانچە Berliner Mauer

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بىرلىن تىمىگىرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىن 2-دۇنيا ئۇرىشىدىن كىيىن شەرقى بېرلىن ۋە غەرىبى بېرلىن دەپ ئىككىگە بۆلىۋىتىلگەن .شەرىقى بېرلىن ئۆزلىرىنىڭ ئادەملىرنىڭ غەرىبى بېرلىنغا ئۆتۈپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ قورشاۋ تامنى سالغان .بۇ تام ئىكىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن گىرمانىيەنىڭ بۆلىنشى ۋە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرىشىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك قۇرۇلىشلىرىدىن بىرى.1989-يىلى11-ئاينىڭ 9-كۈنى بۇ تام ئۆرىۋېتىلگەن .1990-يىلى ئىككى گېرمانىيە بىرلىككە كەلگەن .

قۇرىلىشى1961-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ سېلىنىشقا باشلانغان .دەسلەپتە سىمچىت( سىم تور) بىلەن سېلىنغان بولسا كىيىن خىش بىلەن سېلىشقا ئۆزگەرتىلگەن.2-دۇنيا ئۇرىشىدىن كىيىن بېرلىن ئامېرىكا ،سوۋېت ئىتتىپاقى،فىرانسىيە ،ئەنگىلىيە تەرىپىدىن تۆتكە بۆلىۋېتىلگەن .1949-يىلى شەرقى بېرلىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان سوۋېت ئىتتىپاقى ئىگىلىۋالغان تەرەپ دىمكۇراتىك گىرمانىيە بولۇپ قۇرۇلدى .غەرىبى بېرلىن بولسا فىدراتىپ گىرمانىيە بولۇپ قۇرۇلدى ھەمدە پايتەختىنى بون شەھرى(Bonn) قىلىپ بىكىتتى .غەرىبى بېرلىننىڭ كۆپ قىسىم زىمىنى شەرقى گىرمانىيە تەرەپتە بولغانلىقى ئۈچۈن سوۋىت ئىتتىپاقى قالغان ئۈچ دۆلەتنى بۇ رايوندىن ۋاز كىچىشكە قىستىغان ،ھەمدە بۇ رايوننىڭ سۈيىنى ئاشلىقىنى ئۈزىۋېتىپ پاراكەندىچىلىك قىلغان .بۇ قىلمىش قالغان ئۈچ دۆلەتنى ئىتتىپاقلاشتۇرغان .شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەر كۈنى ئايروپىلاندا بۇيۇملارنى غەرىبى گىرمانىيەدىن غەرىبى بېرلىنغا توشىغان .ھەمدە 1949-يىلى 4-ئايدا ش ئا ئە ت نى قۇرغان .

رولىدەسلەپتە بېرلىن شەھەر ئاھالىلىرى ئەركىن بېرىش كىلىش قىلالايدىغان بولۇپ ،سۇغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرىشى كەيپىياتىنىڭ جىددىيلىششىغا ئەگىشىپ ،شەرىقى گىرمانىيەنىڭ ئادەملىرى غەرىبى گىرمانىيەگە قېچىشقا باشلاپ ، شەرقى گىرمانىيەدە ئىشچىلارنىڭ قىسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .شۇنىڭ بىلەن 1952-يىلى چىگرا ئىتىۋېتىلگەن .1949-يىلىدىن 1961-يىلىغىچە 2مليون 500مىڭ كىشى شەرقىي گىرمانىيەنىڭ قۇراللىق ئېتىشىغا قارىماي غەربى گىرمانىيەگە قېچىپ كەتكەن. بۇ تام گەرچە شەرقىي گىرمانىيە تەرىپىدىن فاشىتلاردىن مۇداپىيەلىنىش تېمى دەپ ئاتالغان بولسىمۇ، كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى شەرقىي گىرمانىيەلىكلەرنىڭ قېچىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدى.

بۇ تام قۇرۇلغاندىن كىيىن كىشىلەر يامىشىپ ياكى كولاپ دىگەندەك ۋاستىلەر بىلەن بۇ تامدىن قارىشى تەرەپكە ئۆتۈپ باققان بولۇپ،5043ئادەم مۇۋاپپىقيەت قازانغان ،3221ئادەم تۇتۇلغان .239ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن .260ئادەم يارلانغان .تام دەسلەپتە سېلىنغان ۋاقىتتا شەرقى گىرمانىيلىك 18ياشلىق Peter Fechterبۇ تامدىن يامىشىپ غەرىب تەرەپكە قاچماقچى بولغان ،ئەمما يامىشىپ ئۈستىگە چىقىپ بولغان ۋاقىتتا قاراۋۇل ئۇنىڭغا قارىتىپ ئوق ئۈزگەن ،ئۇنىڭغا ئوق ئېتىلغانلىقىنى غەرىب تەرەپتىكى كىشىلەر ۋە مۇخبىرلار كۆرگەن ئىدى .Peter Fechteيارلانغاندىن كىيىن غەرىبتىكى كىشىلەر ئۇنىڭغا دورا بېرىپ قۇتقۇزماقچى بولغان ،لىكىن غەلبىلىك بولمىغان .Peter Fechter تامتىن يامىشىپ ئۆلتۈرۈلگەن تۇنجى كىشى بولۇپ قالغان ئىدى .1997-يىلى ئۈچۈنجى ئايدا ئاشۇ ۋاقىتتا قۇرال ئاتقان ئىككى شەرقى گىرمانىيەنىڭ ئەسكىرى Rolf Friedrichۋە Erich Schreiberگە ئايرىم ھالدا 20ئايلىق ۋە 21ئايلىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان .

ئۆرىلىشى1987-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى رېگان «بۇ تامنى ئۆرىۋېتەيلى» دىگەن تىمىدا نوتۇق سۆزلەپ مۇنداق دىگەن :گورباچىف باش شۇجى، ئەگەر سىز تىنىچلىقنى خالىسىڭىز، شەرقىي ياۋروپا ۋو سوېت ئىتتىپاقىنىڭ گۈللىنىشىنى خالسىڭىز ،ئەگەر ئەركىنلىكنى خالىسىڭىز بۇ ئىشىكنىڭ ئالدىغا كېلىڭ. گورباچىف ئەپەندى، بۇ ئىشىكنى ئېچىپ، بۇ تامنى ئۆرىۋېتىڭ.

1989-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى شەرقى گىرمانىيە پۇقرالىرىنىڭ غەربى گىرمانىيەگە ساياھەتكە بېرىشنى چەكلەشنى بوشاشتۇرۇشنى پىلانلىغان .ئەمما ئەينى ۋاقىتتىكى شەرقى گىرمانىيە مەركىزى سىياسى كومتىتىنىڭ باشلىقى Günter Schabowskiيۇقرىنىڭ بۇيرۇقىنى خاتا چۈشىنىۋالغانلىقتىن پۇقرالارغا «پات ئارىدا بېرلىن تېمى ئېچىۋېلىتىلىدۇ، ئۆرىۋېتىلىدۇ» دەپ جاكارلىغان. شۇنىڭ بىلەن لەكمىڭلىغان ئامما يۈگىرەپ چىقىپ تامنى چېقىشقا باشلىغان ھەمدە تامغا رەسىملەرنى سىزىپ بىر قىسىم خىشلارنى خاتىرە ئۈچۈن ئۆيىگە ئېلىپ كەتكەن. پۈتۈن بېرلىن شۇنداق روھلۇق ھالەتكە كىرگەن .11ئايدىن كىين بولسا ئىككى گىرمانىيە بىرلىككە كەلگەن. 1990-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى شەرقى گىرمانىيە غەربى گىرمانىيەگە قېتىلغان. تام پۈتۈنلەي ئۆرىلىپ قاتناشقا توسالغۇ قالمىغان بولسىمۇ يەنە ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن توسالغۇ بار ئىدى .غەرىبى گىرمانىيەنىڭ كاپتالىستىك تۈزىمى نۇرغۇن شەرقىي گىرمانىيەلىك كىشىلەرنىڭ ئىشسىز قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شەرىقتىكىلەر غەرىبتىكىلەرنى ئاچكۆز، نەپسانىيەتچى دىگەن غەرىپلىكلەر بولسا شەرىقتىكىلەرنى ئاقنانچى، بىكار تەلەپ دەپ ئەيىپلىگەن .

روسىيە ئاخبارات ۋاستىللىرى بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ نەتىجىسى مۇنداق بولغان :10%كىشى بۇ تامنى بېرلىنلىقلار ئۆزى سالغان دەپ قارايدىكەن. 6%كىشى بۇ تامنى غەرىپتىكىلەر سالغان، 4%كىشى غەرىپتىكلەر بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى تەڭ سالغان دەپ ئويلايدىكەن. 58%كىشى كىمنىڭ سالغانلىقىنى بىلمەيدىكەن. پەقەت 24%كىشىلا بۇ تامنى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ سالغانلىقىنى بىلىدىكەن.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#