H.126 سىناق ئايروپىلانى

H.126 سىناق ئايروپىلانى

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئەنگلىيەنىڭ غەلىتە ئايروپىلانلىرى كەينى-كەينىدىن ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. بۇ خىل ئايروپىلانلارنىڭ ئىچىدە H.1266 سىناق ئايروپىلانىنىڭ لايىھەلىنىشى بىر قەدەر جايىدا بولسىمۇ، بىراق باشقا تۈردىكى ئايروپىلانلارغا سېلىشتۇرغاندا يەنىلا ناھايىتى غەلىتە.

H.126 سىناق ئايروپىلانىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۇچۇش سۈرئىتى پەقەتلا 52 كىلومېتىر سائەت، ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ ئايروپىلاننى قانداقتۇر بىرە رېكورت يارىتىش ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئالاھىدە مەقسىتى ئۈچۈن ياساپ چىققان.

نامى H.126 سىناق ئايروپىلانى
خەنزۇچە نامى H.126试验飞机

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

H.126 سىناق ئايروپىلانىئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئەنگلىيەنىڭ غەلىتە ئايروپىلانلىرى كەينى-كەينىدىن ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. بۇ خىل ئايروپىلانلارنىڭ ئىچىدە H.126 سىناق ئايروپىلانىنىڭ لايىھەلىنىشى بىر قەدەر جايىدا بولسىمۇ، بىراق باشقا تۈردىكى ئايروپىلانلارغا سېلىشتۇرغاندا يەنىلا ناھايىتى غەلىتە. ئۇنىڭ ھاۋا كىرگۈزۈش يولى يۇپيۇمىلاق، بەئەينى ئېغىزىنى ئېچىپ تۇرغان كارپ بېلىقىغا ئوخشايدۇ.

H.126 سىناق ئايروپىلانىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۇچۇش سۈرئىتى پەقەتلا 52 كىلومېتىر سائەت، ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ ئايروپىلاننى قانداقتۇر بىرە رېكورت يارىتىش ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئالاھىدە مەقسىتى ئۈچۈن ياساپ چىققان.

H.126 سىناق ئايروپىلانى سىناق ئايروپىلان بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى ناھايىتى ئاددىي، ھەتتا ئۇزىراپ-قىسقىرايدىغان ئۇچۇپ-قونۇش جازىسىمۇ يوق. گەرچە، بۇ ئايروپىلان رىياكتىپ ئايروپىلان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى بىر قەدەر ئىپتىدائىي.

بۇ ئايروپىلاندا ئاساسلىقى تەۋرەنمە قاناتنى سىناق قىلىدىغان بولغاچقا، شۇڭا ئۇنىڭ شەكلىنى مۇشۇنداق لايىھەلەپ چىققان.

H.126 سىناق ئايروپىلانىنىڭ قانات گىرۋىكىدە جەمئىي 16 يەردە كىچىك پۈركۈش ئېغىزى بار. پۈۋلىنىدىغان تەۋرەنمە قانات سىستېمىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بۇنداق قىلىشتكى مەقسەت، تۆۋەن سۈرئەتتە ئۇچقاندا ئايروپىلاننى ياخشى كونترول قىلىش ئۈچۈندۇر.

پۈۋلىنىدىغان تەۋرەنمە قانات ھازىرقى زاماندىمۇ خېلى كۆپ كۆرۈلىدۇ، مېگ-21 قاتارلىق رىياكتىپ ئايروپىلانلارغىلا ئەمەس، بەلكى كۆپلىگەن پۇقرالار ئايروپىلانغىمۇ مۇشۇ خىل قانات ئىشلىتىلگەن. H.126 سىناق ئايروپىلانىنىڭ جۇغى ناھايىتى كىچىك، ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى يوق بولۇپ، سېپى ئۆزىدىن سىناق ئايروپىلانىدۇر.

H.126 سىناق ئايروپىلانىH.126 سىناق ئايروپىلانىدا پەقەت بىرلا ئۇچقۇچى ئولتۇرالايدۇ، ئايروپىلانىڭ پۈتۈن ئۇزۇنلۇقى 15.2مېتىر، قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 13.8 مېتىر، ئېگىزلىكى 4.72 مېتىر، قانىتىنىڭ يۈزى 20.5 كىۋادرات مېتىر، ھاۋا بوشلۇقىدىكى ئېغىرلىقى 3.73 توننا، ئەڭ چوڭ ئۇچۇش ئېغىرلىقى 4.87 توننا.

بۇ خىل سىناق ئايروپىلانىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە بىر دانە BOr.3 Mk.805 موتورى سەپلەنگەن، ئىتتىرىش كۈچى 17.83 كىلونىيوتۇن. ئەسلىدىكى پىلاندا H.126 سىناق ئايروپىلانىدىن ئىككىسى ياسالماقچى بولغان، بىراق ئەڭ ئاخىردا پۈتۈپ ئۇچۇرۇلغىنى پەقەت بىر دانە. تۇنجى سىناق ئايروپىلاننىڭ نومۇرى XN714، ئىككىنچى نومۇرلۇق سىناق ئايروپىلانىنىڭ نومۇرى XN719، ئەمما ئىككىنچىسى تولۇق ياسالمىغان.

H.126 سىناق ئايروپىلانىغا يەككە قانات لايىھەسى قوللىنىلغان، قۇيرۇق قانىتى T شەكلىدە. ئۇنىڭ ئەڭ تۆۋەن سۈرئىتىنىڭ بۇنداق ئاستا بولۇشدىكى ئاساسلىق سەۋەب، چۈنكى ئۇنى %50 ئىتتىرىش كۈچى پۈۋلىنىدىغان تەۋرەنمە قاناتقا سەرپ بولىدۇ، قالغان %10 ئىتتىرىش قانات ئۇچىدىكى پۈركۈش ئېغىزىغا سەرپ بولىدۇ.

H.126 سىناق ئايروپىلانىنىڭ قۇيرۇق قىسمى __ بۇ ئايروپىلان ئەڭ دەسلەپكى ۋاقىتتىكىگە ئوخشاش، سېرىق سىر بىلەن سىرلانغان بولۇپ، كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ. بىر سىناق ئايروپىلان بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ ئايروپىلان ئەڭ دەسلەپكى تەتقىقات نىشانى ئۈچۈن ياخشى خىزمەت قىلغان. بىراق، كېيىنچە مەبلەغنىڭ كەمچىل بولۇشى ۋە ئەنگلىيەنىڭ تېخىمۇ ياخشى تېخنىكىغا يۈرۈش قىلىش سەۋەبلىك، بۇ ئايروپىلان بىلەن تەڭ باشلانغان پۈتۈن تۈر توختىتىپ قويۇلغان.

H.126 سىناق ئايروپىلانىتولۇق ياسالغان بىردىنبىر XN714 1962-يىلى 3-ئانىڭ 26-كۈنى تۇنجى قېتىم ئۇچۇرۇلغان، ئارقىدىنلا ئەنگلىيەدە يۈز قېتىمدىن كۆپرەك سىناپ ئۇچۇرۇلغان. 1964-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى، بۇ ئايروپىلان ئامېرىكىنىڭ NASA غا ئېلىپ بېرىلغان ھەمدە شۇ يەردىكى ھاۋا تونېلىدا سىناق قىلىنغان.

بۇ ئايروپىلان 1970-يىلى ئامېرىكىدىن ئەنگلىيەگە قايتۇرۇپ كېلىنگەن، ئارقىدىنلا ئىزچىل پېچەتلەنگەن ھالەتتە ساقلانغان. 1972-يىلى 9-ئايدا، XN714 نومۇرلۇق ئايروپىلان ئەنگلىيە خام جەمەتى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تىزىملىكىدىن رەسمىي ئۆچۈرۈپ تاشلانغان. بۇ ئايروپىلاننىڭ ئەنگلىيەنىڭ ھاۋا قاتنىشى تارىخىدا ئالاھىدە ئورنى بولغاچقا، بۈگۈنگە قەدەر ساقلاپ قويۇلغان.

ئىككى يىل تاشلاپ قويۇلغاندىن كېيىن، XN714 نومۇرلۇق بۇ ئايروپىلاننى 1974-يىلى ئەنگلىيە خان جەمەتى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي مۇزېيىغا ئاپىرىپ بەرگەن. مۇزېيمۇ بۇ ئايروپىلانغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇنى زالدىكى بۇيۇملارنىڭ قاتىرىغا تىزىپ قويغان. ئەمما، بۇ ئايروپىلان بىلەن تەڭ ياسالغان كۆپ قىسىم ئايروپىلانلار، خېلى بۇرۇنلا چۇۋۇپ پارچىلىۋېتىلگەن بولۇشى مۇمكىن.

ئايروپىلاننىڭ پۈتۈن گەۋدىسىدىن قارىغاندا، ئۇ ناھايىتى ئاجىزدەك كۆرۈنىدۇ. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئەنگلىيە كۆپ خىل ئايروپىلانلارنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان، ھەتتا بومباردىمانچى ئايروپىلانىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، ئەمما ئۇلارنىڭ ئەمەلىي كۈچىگە بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ. بىراق، بۇ ئايروپىلانلار ناھايىتى تېزلا سەپتىن چۈشۈپ قالدى، تەتقىق قىلىپ ياساش ئىقتىدارىمۇ بىراقلا تۆۋەنلەپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئايروپىلانمۇ تارىخقا ئايلاندى.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#