چوڭ خوخا
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چوڭ خۇخاچوڭ خۇخا مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، خوخا تىكەنگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى بىر مېتىردىن ئاشىدۇ. پۈتۈن تېنى ئاق ياكى سارغۇچ قوڭۇر رەڭ يىپسىمان تۈكچىلەر بىلەن قاپلانغان. يىلتىزى توپلىشىپ ئۆسىدۇ، غولى تىك؛ تۈۋىدىكى يوپۇرمىقىنىڭ سېپى بولىدۇ، شەكلى تەتۈر تېمىنىسىمان، پەيسىمان چوڭقۇر يېرىلغان، گىرۋىكى چىشسىمان، چىشلىرىنىڭ ئۇچىدا ئۇزۇنلۇقى تەڭ بولمىغان تىكەنلىرى بولىدۇ. يوپۇرمىقىنىڭ ئالدى يېشىل، ئارقىسى كۈل رەڭ يېشىل بولىدۇ. غولىنى يۆگەپ تۇرىدۇ. سېپى بولمايدۇ، تۈۋى قىسمى غولىنى يۆگەپ تۇرىدۇ؛ باشسىمان گۈل رېتى ئۇچىدىن ياكى قولتۇقىدىن ئۆسىدۇ. رەڭگى قىزغۇچ سۆسۈن، ئومۇمىي ئورىغۇچى يوپۇرمىقى يۇمىلاق توپ شەكلىدە بولىدۇ. ئۇزۇق مېۋىسى سوقىچاق ياكى سەل ياپىلاقراق كېلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى تازا ئېچىلغاندا ئورۇۋېلىپ، تازىلاپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، كەسلەپ خام ياكى قورۇپ، كۆمۈرلەندۈرۈپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاغ باغرى، يول بويلىرى ۋە دالىلاردا ئۆسىدۇ.
قۇرۇق سوغۇق.
قاننى ماڭغۇزۇش، ئىششىقنى ياندۇرۇش، قاننى سوۋۇتۇش، قان توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 12 ~ 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
چوڭ خوخا، رەۋەن، قامچىئوت، رويانلارنىڭ ھەر بىرىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ، سۇدا ئىككى سائەت قاينىتپ، ئاندىن شامىسىنى سۈزۈۋېتىپ، سۇس ئوتتا دۇملەپ قۇرۇتۇپ، يەنە سوقۇپ مۇۋاپىق مىقداردا قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، بۇرۇن قاناش، قان قۇسۇش، چوڭ تەرەتتىن قان كېلىش، سۈيدۈكتىن قان كېلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 600 گرام چوڭ خوخىنى 630 گرام گۈلسامساق بىلەن بىللە سوقۇپ، ئۇنىڭغا 450 گرام ئېشەك يېلىمى (ۋاسىتىلىك ئېرىتىلگەن) ۋە مۇۋاپىق مىقداردا چەككىلەنگەن ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ قىلىپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر تالدىن ئۇدا ئۈچ ئاي ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئۆپكە سىلى ۋە قان تۈكۈرۈشكە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. 35 گرام چوڭ خوخىنى 20 گرام كۆك سېغىز، 12 گرام زىرىق، سەككىز گرام چۈچۈكبۇيا بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈكتىن قان كېلىشكە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. 12 گرام چوڭ خوخىنى 12 گرام كىچىك خۇخا، 10 گرام رويان، 12 گرام قورۇلغان يېكەن سېرىقى، 10 گرام ئېشەك يېلىمى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بالىياتقۇنىڭ پائالىيەتچان قانىشىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. ھۆل چوڭ خوخىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ، سۈيىنى ئىچىپ، تېرىپىنى يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، غەلۋىرەك ۋە چاقىلارنىڭ زەھەرلىنىشىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.