1903-يىلى 7-ئايدا، چىڭ ھۆكۈمىتى شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق ئەنگلىيە كونسېسسىيىسى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، 19 ياشلىق بىر جۇڭگولۇق ياشنى «ئىنقىلابىي ئارمىيە» دېگەن كىتابنى يېزىپ، ئىنقىلابقا قۇتراتقۇلۇق قىلغان، دېگەن جىنايەت بىلەن تۇتقۇن قىلدى. بۇ ياش دەل «ئىنقىلابىي ئارمىيەدىكى تۇلپار» دەپ ئاتالغان زۇ رۇڭ (1885-1905-يىللار) دۇر.

ئۇيغۇرچە ئىسمى زۇ رۇڭ
باشقا نامى 绍陶,又名桂文
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1885-يىل
كەسپى ئىنقىلابچى
خەنزۇچە ئىسمى 邹容
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى سىچۇەن چۇڭچىڭ
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1905-يىل

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

زۇ رۇڭ (1885-1905-يىللار)  سىچۇەننىڭ باشيەن ناھىيەسى (ھازىرقى چۇڭچىڭ) دىن بولۇپ، كىچىكىدىنلا فېئوداللىق تۈزۈمگە دادىللىق بىلەن جەڭ ئېلان قىلغان، بەس-مۇنازىرە قىلىشقا ئامراق، ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان بولۇپ چوڭ بولغان. 18 يېشىدا ياپونىيەگە بېرىپ ئوقۇپ، تېزلا ياپونىيىدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئاكتىپلىق بىلەن ئىنقىلابنى تەرغىب قىلىدىغان ئىلغارلاردىن بولۇپ قالغان. ئەينى چاغدا، ياپونىيە دە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى نازارەت قىلىدىغان ياۋ ۋېنفۇ چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىگە پات-پات بۇزغۇنچىلىق قىلىپ تۇراتتى. بىر كۈنى، زۇ رۇڭ بىرنەچچە ساۋاقدىشى بىلەن بىرلىشىپ ياۋ ۋېنفۇنى تازا دۇمبالاپ، ئۇنىڭ ئۆرۈمە چېچىنى كېسىۋالغاندىن كېيىن، چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار بىناسىنىڭ ئالدىغا ئېسىپ قويغان ھەمدە يېنىغا چوڭ قىلىپ «ياۋ ۋېنفۇ دېگەن ھايۋاننىڭ ئۆرۈمە چېچى» دېگەن خەتنى يېزىپ قويغان. ئاقىۋەتتە، زۇ رۇڭ ياپونىيە دە تۇرۇشلۇق چىڭ ھۆكۈمىتى ئەلچىخانىسىدىكىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، 1903-يىلى  ئامالسىز ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن.

زۇ رۇڭ شاڭخەيدە ئۆزىدىن  16 ياش چوڭ جاڭ بىڭلىن بىلەن تونۇشقان ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن ناھايىتى تېزلا ئىنقىلابىي دوستلۇق ئورنىتىپ، بىر-بىرىنى ئاكا-ئۇكا دەپ ئاتاشقان. ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ كىشىگە ئىلھام بېغىشلايدىغان «ئىنقىلابىي ئارمىيە» دېگەن ئەسەرنى يېزىپ چىققان. جاڭ بىڭلىن ئۆز قولى بىلەن بۇ كىتابقا كىرىش سۆز يېزىپ بەرگەن ھەمدە: «جياڭسۇ گېزىتى» دە مەخسۇس تونۇشتۇرغان. ئۇ بۇ كىتابىدا ئاممىباب، چۈشىنىشلىك تىل بىلەن فېئودال مۇستەبىتلىكنىڭ جىنايەتلىرىنى ۋە ئىنقىلابنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بايان قىلغان؛ ئىنقىلابقا قىزغىن مەدھىيە ياڭرىتىپ، ئىنقىلابنى «دۇنيانىڭ ۋەزىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ۋە ھەممە ئادەمنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان دۇنياۋى ھەقىقەت» دەپ ئاتىغان؛ ئىنقىلاب ۋاسىتىسى ئارقىلىق ۋەتەن ساتقۇچ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇشنى، ئاندىن كېيىن «ئەجنەبىي ئالۋاستى» لارنى قوغلاپ چىقىرىشنى تەشەببۇس قىلغان. بۇ كىتاب ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تېزلا 1 مىليون پارچىدىن كۆپرەكى سېتىلىپ، ئىلىم ساھەسى ۋە چەت ئەللىك مۇھاجىرلار ئارىسىدا ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن قاتتىق ۋەھىمە ئىچىدە قالغان.

شۇ يىلى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى شاڭخەيدىكى كونسېسسىيە دائىرىلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، زۇ رۇڭنى قولغا ئېلىپ، ئىككى يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن. 1905-يىلى زۇ رۇڭ قاتتىق قىيىن-قىستاق ئىچىدە 21 يېشىدا تۈرمىدە ئۆلۈپ كەتكەن. 

نەنجىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، سۈن جۇڭشەن زۇ رۇڭنىڭ تۆھپىسىنى تەقدىرلەپ، ئۇنىڭغا «گېنېرال» دەپ شەرەپ ئۇنۋانى بەرگەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#