باس راۋاب
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
باس راۋاب ئۇيغۇر چالغۇلىرىنىڭ بىرى، يەنە تۆۋەن ئاۋازلىق راۋاب دەپمۇ ئاتالغان. « باس » دېگەن سۆز نېمىسچە « Bass » دەپ يېزىلىپ، « تۆۋەن »، « تۆۋەن ئاۋازلىق » دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرگەن.
بۇ خىل راۋابنىڭ سىرتقى شەكلى ۋە تۈزۈلۈشى ئومۇمەن چاپلىما راۋابقا ئوخشاش، بىراق ھەجمى چوڭراق بولۇپ، ئوزۇنلۇقى بىر مېتىردىن ئاشقان.
ئۇنىڭغا جەمئىي ئۈچ تال بوم تار سېلىنغان، بۇ خىل راۋاب ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئوركېستىرىدا مۇھىم بولغان تۆۋەن ئاۋازلىق چالغۇ ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. ئادەتتە، باش قىسمى ئوڭ پۇت تېقىمىنىڭ ئۈستىگە قويۇلۇپ، يانتۇ تۇتۇلۇپ چېلىنىدۇ.
راۋاب بەربابنىڭ كېيىنكى ئەۋلادى ، « تەۋارىخى مۇسيقىيۇن » دا 16–ئەسىردە ياشىغان يار كەنتلىك مۇزىكا ئۇستازى « قېدىرخان» ياسىغان دېيىلگەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.