ۋېلىسىپىت

ۋېلىسىپىت
ۋېلىسىپىت يېشىل ،مۇھىت ئاسرايدىغان قاتناش قورالى بۇلۇپ تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ ،نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ۋېلسىپىتنى چېنىقىش ئۈسكىنىسى ئورنىدا ئىشلىتىدۇ ،ساياھەتلەرگە چىقىدۇ .

ئۇيغۇرچە نامى ۋېلىسىپىت
خەنزۇچە نامى 自行车

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ۋېلىسىپىتۋېلىسىپىت يېشىل ،مۇھىت ئاسرايدىغان قاتناش قورالى بۇلۇپ تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ ،نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ۋېلسىپىتنى چېنىقىش ئۈسكىنىسى ئورنىدا ئىشلىتىدۇ ،ساياھەتلەرگە چىقىدۇ .

سۇ ئۈستى ۋېلىسپىتى

سۇ ئۈستى ۋېلىسپىتىسۇ ئۈستى ۋېلىسپىتىنىڭ ئادەتتىكى ۋېلىسىپىتنىڭكىدەك ئىككى چاقى بولمايدۇ، ئۇ بىر سۇلياۋ ياكى ياغاچ قېيىق ئۈستىگە ۋېلىسىپىت گەۋدىسىنى ئورنىتىپ ياسىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۈستۈنكى يېرىمى ۋېلىسىپىتكە، ئاستىنقى يېرىمى قېيىققا ئوخشايدۇ. 

سۇ ئۈستى ۋېلىسىپىتىنىڭ قېيىق قىسمىنىڭ كەينىگە پىرقىرىغۇچ ۋە رول ئورنىتىلغان. مىنگۈچى پېدالنى تېپىپ، چىشلىق ماتور ئارقىلىق پىرقىرىغۇچنى ئايلاندۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ۋېلىسىپىت قېيىققا ئوخشاش ئۈزۈپ كېتىدۇ. تۇتقۇچنى ئايلاندۇرسا، تۇتقۇچنىڭ ئىككى يېنىدىكى پولات سىملار غالتەك ئارقىلىق قېيىق قىسمىنىڭ كەينىدىكى رولىنى ئايلاندۇرۇپ، ۋېلىسىپىتنىڭ مېڭىش يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىدۇ، تورمۇزلاشقا توغرا كەلسە، پېدالنى تەتۈر تەپسىلا، پىرقىرىغۇچ تەتۈر ئايلىنىپ، ۋېلىسىپىت توختايدۇ. مۇنداق ۋېلىسىپىت ئەمەلىيەتتە پېداللىق قېيىق بولۇپ، ئۇنى سۇ ئۈستى قاتناش قورالى قىلغىلىمۇ، تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدە ئىشلەتكىلىمۇ بولىدۇ. 

مۇز ئۈستى ۋېلىسىپىتى

مۇز ئۈستى ۋېلىسىپىتىمۇز ئۈستى ۋېلىسىپىتىنىڭ تېزلىكى سائىتىگە15 كىلومېتىرغا يېتىدۇ، ئەمما ئادەتتىكى ۋېلىسىپىتلەردەك تېيىلىپ كەتمەيدۇ ۋە يىقىلمايدۇ. ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى تولىمۇ ئاددىي، چاقى، ئېگىرى ھەم پېدالىمۇ يوق. ئۇنىڭ ئالدى چاق ئاچىسىنىڭ ئاستى بىر ئالدى تېيىلىش تاختىسىدىن ئىبارەت. ۋېلىسىپىت بېشى ۋېلىسىپىت تۇتقۇچى(رولى) بىلەن تۇتاش ئىككى تۇرۇبا بولۇپ، ئۈستىگە ئايلىنىدىغان ئىككى كىيدۈرمە كىيدۈرۈلگەن، كىيدۈرمە يەنە ھەرىكەتچان ۋېلىسىپىت تىرىكى بىلەن تۇتاشقان، ۋېلىسىپىت تىرىكىنىڭ كەينىدە ئىككى دەسسىگۈچ ۋە ئىككى كەينى تېيىلىش تاختىسى بار. مىنگۈچى رولنى چىڭ تۇتۇپ، ئىككى دەسسىگۈچكە دەسسەپ تۇرىدۇ. شۇڭا، مۇز ئۈستى ۋېلىسىپىتى مىنىپ ئەمەس، ئۆرە تۇرۇپ ھەيدەيدىغان ۋېلىسىپىتتۇر.

مۇز ئۈستى ۋېلىسىپىتى كانكىغا ئوخشاش تېيىلىش تاختىسىغا تايىنىپ ماڭىدۇ. ئۇ ئەمەلىيەتتە ئادەم كۈچى بىلەن ماڭىدىغان چانا بولۇپ، ماڭغاندا كەينىدىكى ئىككى تېيىلىش تاختىسى مۇزغا تىرىلىپ، ۋېلىسىپىتنى مۇز ئۈستىدە ئالدىغا ئىتتىرىدۇ. مۇز ئۈستى ۋېلىسىپىتىدە تورمۇز قۇرۇلمىسىمۇ بار. مىنگۈچى تىك ئوقنى چىڭ دەسسىسىلا، ئوق مۇزغا كىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ۋېلىسىپىت تورمۇزلىنىپ توختاپ قالىدۇ. sfdf 

دەرىجىدىن تاشقىرى ۋېلىسىپىت ھەققىدە 

1984-يىلىدىكى 23-قېتىملىق ئولىمپىك يىغىنىدا ئامېرىكىنىڭ ۋېلىسىپىت تەنھەرىكەتچىسى مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر ۋېلىسىپىتنى مىنىپ تاجغا ئېرىشىپ شۆھرەت قازاندى. ئىككى يىلدىن كېيىنكى 10-قېتىملىق ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىدا كورېيىلىك تەنھەرىكەتچىمۇ مۇشۇنداق غەلىتە ۋېلىسىپىتنى مىنىپ ئالتۇن مېدال ئالدى. مۇنداق مۇسابىقە ۋېلىسىپىتلىرى دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقە ۋېلىسىپىتى دەپ ئاتالدى. 

دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقە ۋېلىسىپىتىنىڭ ئادەتتىكى ۋېلىسىپىتلەردىن پەرقى شۇكى، ئۇنىڭ ئارقا چاقىدا گۈگۈسۈن يوق بولۇپ، پەقەت چوڭ بىر گرافىتلىق نېپىز سۇلياۋ تەخسىدىن ئىبارەت. بۇ تەخسىدە ھاسىل بولىدىغان قارشىلىق كۈچى گۈگۈسۈنلۈك ۋېلىسىپىتلەردىن كۆپ ئاز بولىدۇ.

ۋېلىسىپىت تەنھەرىكەتچىسى ۋېلىسىپىت مىنگەندە، ئەتراپىدىكى ھاۋانىڭ ئادەم ۋە ۋېلىسىپىتكە قارشىلىق كۈچى پەيدا بولىدۇ، قارشىلىق كۈچىنى ئازايتىش ئۈچۈن، رولنى پەسەيتىپ، تەنھەرىكەتچى ئېڭىشىپ ماڭسا، ھاۋانىڭ ئادەم بەدىنىگە ئۇرۇلۇش يۈزى كىچىكلەيدۇ.

بىراق، ئالىملارنىڭ بايقىشىچە، ۋېلىسىپىت ماڭغاندا ئارقا چاقىنىڭ گۈگۈسۈن ۋە قاسقىنى ئەتراپىدا قارشى يۆنىلىشتە ھاۋا ئېقىمى ھاسىل بولۇپ، نۇرغۇن ئۇششاق قۇيۇنلارنى شەكىللەندۈرىدىكەن. بۇ قۇيۇنلارنىڭ يۆنىلىشى چاقنىڭ ئايلىنىش يۆنىلىشىگە قارىمۇقارشى بولۇپ، گۈگۈسۈن ۋە قاسقانغا تەسىر قىلىپ، ۋېلىسىپىتنىڭ ئىلگىرىلىشىگە قارشى كۈچكە ئايلىنىدىكەن. ئادەتتە ۋېلىسىپىت مىنگەندە، تېزلىك ئاستا بولغاچقا، مۇنداق قارشىلىق كۈچى تولىمۇ كىچىك بولىدۇ. ئەمما، تەنھەرىكەتچى سائىتىگە 32 كىلومېتىر تېزلىك بىلەن ماڭسا، ئۇنىڭ چىقارغان كۈچىنىڭ %90 ى ھاۋانىڭ قارشىلىقىنى يېڭىشكە كېتىدىكەن. 

دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقە ۋېلىسىپىتىنىڭ ئارقا چاقىغا ئېقىم سىزىق گرافىتلىق سۇلياۋ تەخسە ئىشلىتىلگەنلىكتىن، ھاۋا گۈگۈسۈنلەرنىڭ ئارىلىقىدىن ئۆتكەندە ھاسىل بولىدىغان قۇيۇننىڭ قارشىلىق كۈچى شەكىللەنمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇنىڭدا ئايروپىلاندىكىگە ئوخشاش ئايرو دىنامىكىلىق لايىھە قوللىنىلغاچقا، ھاۋانىڭ قارشىلىق كۈچى بەك كىچىك بولىدۇ، مۇنداق ۋېلىسىپىتنىڭ گەۋدىسى ئادەتتىكى ۋېلىسپىتلەردىن %30 تار بولغاچقا، ھاۋانىڭ قارشىلىقى ئازىيىپ، ۋېلىسىپىتنىڭ تېزلىكى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ.

دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقە ۋېلىسىپىتلىرىدە گرافىتلىق سۇلياۋ ئىشلىتىلگەندىن كېيىن، قۇرۇلمىسى يەڭگىللىشىپ، ئۇدۇلدىن كېلىدىغان قارشىلىق كۈچى ئازايغىنى بىلەن، شامال ياندىن ئۇرسا، تەخسىنىڭ بىر تەرىپى ئۇچرايدىغان بېسىم زور دەرىجىدە ئېشىپ، ۋېلىسىپىتنى بىر يانغا ئىتتىرىپ، سۈرئەتكە تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇنداق ۋېلىسىپىتلەرئالەم ئايروپىلانىغا ئىشلىتىلىدىغان ئالىي ماتېرىياللاردىن ياسىلىدۇ، ئادەتتىكى ۋېلىسىپىتلەردىن 6.1 كىلوگرام يېنىك بولىدۇ، بىراق، پۈتۈش باھاسى بەك قىممەت.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#