ۋاتېرلۇ ئۇرۇشى

ۋاتېرلۇ ئۇرۇشى

ۋاتېرلۇ ئۇرۇشى __  ۋاتېرلۇ بېلگىيىدىكى برۇكسېللېس شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا 20 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى كىچىك كەنت. 1815-يىلى6-ئايدا ناپولېئون فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاقداش بىرلەشمە ئارمىيە بىلەن بۇ يەردە ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلغان.

نامى ۋاتېرلۇ ئۇرۇشى
ئورنى ۋاتېرلۇ (بۈگۈنكى بېلگىيە چېگرىسى ئىچىدە)
نەتىجىسى فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاقداش ئارمىيە غەلىبە قىلغان
ئۇرۇشقان قاتناشقۇچىلار فرانسىيە، 7-قېتىملىق فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاقداش ئارمىيە
ۋاقتى 1815-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى
خەنزۇچە نامى 滑铁卢战役

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ۋاتېرلۇ ئۇرۇشىۋاتېرلۇ بېلگىيىدىكى برۇكسېللېس شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا 20 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى كىچىك كەنت. 1815-يىلى6-ئايدا ناپولېئون فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاقداش بىرلەشمە ئارمىيە بىلەن بۇ يەردە ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلغان. نەتىجىدە ناپولېئون مەغلۇپ بولۇپ، ئۆمۈرلۈك سۈرگۈن قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن ۋاتېرلۇمۇ دۇنياغا داڭلىق جايغا ئايلىنىپ، بۇ نام ئەڭ ئاخىردىكى مەغلۇبىيەت ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغان سۆز بولۇپ قالغان.

 1813-يىلى10-ئايدا ياۋروپادا ئون نەچچە يىل زومىگەرلىك قىلغان ناپولېئون لېيپزىگ ئۇرۇشىدا فرانسىيىگە قارشى بىرلەشمە ئارمىيە تەرىپىدىن تارمار قىلىنغان، فرانسىيە ئارمىيىسى ئېغىر چىقىم تارتقان. 1814-يىلى3-ئايدا فرانسىيىگە قارشى بىرلەشمە ئارمىيە پارىژغا قىستاپ كەلگەن. ناپولېئون نائىلاج ئورۇن بىكارلىغانلىقىنى جاكارلاپ، ئوتتۇرا دېڭىزدىكى ئېلبا ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن فرانسىيە بوربۇن پادىشاھلىقىدىكى لۇئى 18 پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرغان. 

7-ئاينىڭ 8-كۈنى بوربۇن خانىدانلىقى بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ ھىمايىسىدە پارىژغا يېڭىۋاشتىن قايتىپ كېلىپ، 2-قېتىم تىرىلگەن.

ۋاتېرلۇ ئۇرۇشىبوربۇن خانىدانلىقى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن تەتۈر يول تۇتۇپ، فرانسىيىدە كىشىلەرنى پاراكەندىچىلىككە سالغان، ۋيېنادا يىغىن ئېچىۋاتقان فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاققا ئەزا دۆلەتلەرمۇ مەنپەئەت توقۇنۇشى تۈپەيلىدىن قاتتىق غوۋغا كۆتۈرگەن. ئېلبا ئارىلىغا قېچىپ بارغان ناپولېئون مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ 1815-يىل 2-ئاينىڭ 26-كۈنى ئېلبا ئارىلىدىن مەخپىي قېچىپ كەتكەن. 3-ئاينىڭ1-كۈنى ئۇ فرانسىيە دېڭىز قىرغىقىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان.

ناپولېئوننىڭ دۆلىتىگە قايتىپ كېلىشى فرانسىيە دېھقانلىرى ۋە ئەسكەرلىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن، ئۇ يول بويى ھېچقانداق قارشىلىققا ئۇچرىمىغان. 20-كۈنى ناپولېئون پارىژغا كىرگەن. شۇنىڭ بىلەن لۇئى 18 يەنە بىر قېتىم قېچىپ كەتكەن، ناپولېئون خانلىق ئورنىغا يېڭىۋاشتىن چىققان، لېكىن ئۇنىڭ بۇ قېتىم ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى 100 كۈن چامىسىدىكى ۋاقىت تارىختا «100 كۈنلۈك سىياسىي ئۆزگىرىش» ياكى «100 كۈنلۈك خانىدانلىق» دەپ ئاتالغان.

ۋاتېرلۇ ئۇرۇشىناپولېئوننىڭ خانلىق ئورنىغا يەنە شۇنچە ئاسان چىقىۋېلىشى ۋيېنادا يىغىن ئېچىۋاتقان فرانسىيىگە قارشى بىرلەشمە ئىتتىپاقنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۇۋەتكەن. ئۇلار شۇ ھامان مۇنازىرىنى توختىتىپ، يەنە بىر قېتىم بىرلىشىپ ناپولېئونغا ئورتاق تاقابىل تۇرغان.

ۋاتېرلۇ ئۇرۇشىفرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ 72000 ئادەم.

ئەنگلىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە ۋە ھاننوۋېر بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ 67000 ئادەم.

پىرۇسسىيە ئارمىيىسىنىڭ 50000 ئادەم.

ۋاتېرلۇ ئۇرۇشىفىرانسىيە ئارمىيەسىدىن  مىڭ ئادەم  ئۆلگەن، يارلانغان، ئەسىرگە ئېلنغان ۋە يوقاپ كەتكەن.

ئىتتىپاقداش ئارمىيەدىن 22 مىڭ ئادەم  ئۆلگەن، يارلانغان، ئەسىرگە ئېلقنغان ۋە يوقاپ كەتكەن.

ۋاتېرلۇ ئۇرۇشى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى ئەنگلىيە، روسىيە، پرۇسسىيە، ئاۋسترىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تېزدىن7-قېتىملىق فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق تۈزۈپ، ناپولېئوننىڭ تىنچلىق سۆھبىتى تەلىپىنى رەت قىلغان. 1815-يىلى 6-ئايدا فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق 700 مىڭ كىشىلىك زور قوشۇن توپلاپ، پارىژغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلانغان، ناپولېئون بولسا مۇشۇ قىسقىغىنە ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە ئارانلا 180 مىڭ كىشىلىك قوشۇن توپلىيالىغان. ناپولېئون ھۇجۇم ئارقىلىق مۇداپىئە كۆرۈش، بىر-بىرلەپ تارمار قىلىش قارارىغا كەلگەن.

ۋاتېرلۇ ئۇرۇشى-ئاينىڭ 18-كۈنى ناپولېئون بىلەن ئەنگلىيە-گوللاندىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى ۋاتېرلۇدا جەڭ قىلغان. بۇ جەڭ چۈشتىن بۇرۇن سائەت11 دە باشلانغان، بلۇشېر باشچىلىقىدىكى پرۇسسىيە ئارمىيىسى چۈشتىن كېيىن تۇيۇقسىز پەيدا بولغان. گرۇس باشچىلىقىدىكى فرانسىيە ئارمىيىسى باشتىن-ئاخىر يېتىپ كېلەلمىگەن. ئەسكىرىي كۈچ سېلىشتۇرمىسى جەھەتتە بىرلەشمە ئارمىيە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەنلىكتىن، ئۇرۇش ۋەزىيىتى جىددىي ئۆزگەرگەن. كەچ سائەت سەككىزدە ئەنگلىيە-گوللاندىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى بىلەن پرۇسسىيە ئارمىيىسى ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغىغان، شۇنىڭ بىلەن فرانسىيە ئارمىيىسى ناھايىتى تېزلا پۈتۈن لىنىيە بويىچە تارمار قىلىنغان.

ۋاتېرلۇ ئۇرۇشىگرۇس باشچىلىقىدىكى فرانسىيە ئارمىيىسى باشتىن-ئاخىر يېتىپ كېلەلمىگەن. ئەسكىرىي كۈچ سېلىشتۇرمىسى جەھەتتە بىرلەشمە ئارمىيە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەنلىكتىن، ئۇرۇش ۋەزىيىتى جىددىي ئۆزگەرگەن. كەچ سائەت سەككىزدە ئەنگلىيە-گوللاندىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى بىلەن پرۇسسىيە ئارمىيىسى ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغىغان، شۇنىڭ بىلەن فرانسىيە ئارمىيىسى ناھايىتى تېزلا پۈتۈن لىنىيە بويىچە تارمار قىلىنغان.

 ناپولېئون پارىژغا قېچىپ بېرىپ، 22-كۈنى يەنە بىر قېتىم ئورۇن بىكارلىغان. بۇ قېتىم ئۇ ئوكيانىيىدىكى مۇقەددەس ھېلېنا ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان، ئاخىردا شۇ يەرنىڭ تۈرمىسىدە ئۆلگەن. ۋاتېرلۇ ئۇرۇشى ناپۇلېئون دەۋرىنى ئۈزۈل-كېسىل ئاياغلاشتۇرغان.[0] 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#