NOKIA شىركىتى

نوكىيا

نوكىيا شىركىتى باش شتابى فىنلاندىيە ئېسپوغا جايلاشقان، ئاساسلىقى كۆچمە خەۋەرلىشىش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان دۆلەت ھالقىغان شىركەت.

ئۇيغۇرچە نامى NOKIA شىركىتى
شىركەت تىپى ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى
باش شىتابى فىنلاندىيە ئېسپو
قۇرۇلغان ۋاقتى 1865-يىلى
توربېكىتى http://www.nokia.com/
خەنزۇچە نامى 诺基亚
كەسپ تەۋەلىكى ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ياساش
قۇرغۇچىسى كنۇت فرېدرىك ئىدېستام
يىللىق ئوبوروتى 30 مىليارد 176 مىليون ياۋرو (2012-يىلى)

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

نوكىيانوكىيا شىركىتى باش شتابى فىنلاندىيە ئېسپوغا جايلاشقان، ئاساسلىقى كۆچمە خەۋەرلىشىش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان دۆلەت ھالقىغان شىركەت، 1865-يىلى قۇرۇلغان، ئەينى چاغدا قەغەز ياساشنى ئاساس قىلاتتى، كېيىن رېزىنكە ئاياغ، بالون، كابېل قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللاندى، ئەڭ ئاخىرىدا تەرەققىي قىلىپ يانفون ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەتكە ئايلاندى. 

نوكىيا ئىلگىرى يانفون بازىرىدىكى باشلامچى شىركەت ئىدى، 2000-يىلىدىكى شانلىق مەزگىلدە بازاردىكى قىممىتى 250 مىلياردقا يېقىنلاشقان بولۇپ، بازاردىكى قىممىتى McDonald'sۋە كوكا كولا (Coca-Cola) دىن كېيىنكى ئورۇندىلا تۇراتتى، 1996-يىلىدىن باشلاپ نوكىيا ئۇدا 14 يىلى بازادا بىرىنچى ئورۇننى ئىگەللىدى. ئالما شىركىتى 2007-يىلى چىقارغان iPhone ۋە Android قوللانغان ئەقلىي يانفوننىڭ ئىككى تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە نوكىيانىڭ ئاستا ئىسلاھات قەدىمىنىڭ تەسىرى بىلەن، دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندىكى يانفون سېتىلىش مىقدارى 2011-يىلى 2-پەسىلدە ئالما ۋە سامسۇڭ تەرىپىدىن نەچچە قاتلىۋېتىلدى.

 2012-يىلى 2-ئايدا نوكىيا كۆپ يىللاردىن بۇيان سېتىپ كېلىۋاتقان Symbianسىستېمىسىدىن ۋاز كېچىپ مەبلەغنى مىكروسوفتنىڭ Windows Phone سىستېمىسىغا سالدى. 2013-يىلى 9-ئاينىڭ بېشىدا، نوكىيا 5 مىليارد 440 مىليون ياۋرو يانفون تىجارىتىنى مىكروسوفتقا سېتىپ بېرىپ، پەقەت تور ئەسلىھەلىرى ۋە پاتنېتنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

نوكىيانوكىيا ئىشلەپچىقارغان ئەقلىي يانفونغا دەسلىپىدە Symbian سىستېمىسىنى ئىشلىتىش ئومۇملاشقان. 2011-يىلىنىڭ ئاخىرىدا بىر يۈرۈش Windows Phone سىستېمىسى سەپلەنگەن يانفونلارنى چىقاردى. بىراق Windows Phone نىڭ بازاردىكى ئىگىلىگەن نىسبىتى يۇقىرى بولمىغانلىقتىن، قارمىقىدىكى Lumia 900 نىڭ ياۋروپا-ئامېرىكا بازارلىرىدىكى سېتىلىشى ياخشى بولسىمۇ، ناچار ئەھۋالنى ئۆزگەرتەلمىدى.

2014-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى، نوكىيا يەر شارى كۆچمە خەۋەرلىشىش يىغىنىدا ئۈچ نۇسخىدىكى Androidيانفونى Nokia X، Nokia X+ ۋە Nokia XL نى ئېلان قىلدى.

نوكىيائامېرىكا پەن-تېخنىكا بىلوگ تور بېكىتى Silicon Alley Insider (SAI) نىڭ 2011-يىلى 8-ئايدىكى بىر پارچە ماقالىسىدە ئاشكارىلىشىچە، نوكىيا 1865-يىلى قۇرۇلغان چاغدا ئاساسلىق قەغەز ياساش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1989-يىلى بۇ شىركەت يەنە يۆلىنىشىنى كاۋچۇك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا ئۆزگەرتكەن. نوكىيانىڭ ئەڭ دەسلەپكى تاۋار ماركىسى بېلىق شەكلىدىكى نەقىش. نوكىيا ئېلېكترون كەسپى بۆلىمى فىنلاندىيە كابېل زاۋۇتى 1912-يىلى قۇرۇلغان. نوكىيا 1979-يىلى فىنلاندىيە تېلېۋىزور ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى Salora بىلەن ھەمكارلىشىپ، دەسلەپكى مەزگىلدىكى سىمسىز تېلېفوننى تەتقىق قىلىپ چىقاردى.

نوكىيا

2005-يىلى نوكىيا شىركىتىنىڭ يىللىق يانفون سېتىش مىقدارى تەخمىنەن 264 مىليون بولۇپ، ئامېرىكىدىكى ئىككىنچى موتورولا (Motorola) شىركىتىنىڭ 1.8 ھەسسىسىگە تەڭ بولغان، پۈتۈن يەر شارى بازىرىنىڭ %32.1 نى ئىگەللىگەن. نوكىيا شىركىتىنىڭ 2005-يىلىدىكى سېتىش مىقدارى 34 مىليارد 190 مىليون ياۋرو، پايدىسى 4 مىليارد 640 مىليون ياۋرو بولغان. 2005-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، شىركەت يەر شارىدىكى 8 دۆلەتنىڭ 14 زاۋۇتىنى ئىگەللىگەن ھەمدە 11 دۆلەتتە تەتقىق قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش مەركىزى تەسىس قىلغان، ئىشلەتكەن خادىملىرىنىڭ سانى تەخمىنەن 58 مىڭ 800 گە يەتكەن.

2011-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى نوكىيا مىكروسوفت بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. نوكىيا Windows Phone نى ئەقلىي يانفوننىڭ ئاساسلىق مەشغۇلات سىستېمىسى قىلغان.

تىجارەت سوممىسى: 30 مىليارد 176 مىليون ياۋرو (2012-يىلى)

باجنى ئايرىشتىن ئىلگىرىكى پايدىسى: -2 مىليارد 303 مىليون ياۋرو (2012-يىلى)

ساپ پايدىسى: -3 مىليارد 106 مىليون ياۋرو (2012-يىلى)

ئومۇمىي كاپىتالى: 29 مىليون 949 مىليارد ياۋرو (2012-يىلى)

كاپىتالىنىڭ ساپ قىممىتى: 8 مىليارد 61 مىليون ياۋرو (2012-يىلى)

ئىشچى خىزمەتچىلىرىنىڭ سانى: 97 مىڭ 798 ياۋرو (2012-يىلى)

نوكىيانوكىيا شىركىتى 1865-يىلى قۇرۇلغاندىن كېيىن، شۇ جايدىكى كىشىلەر نوكىيا نامى بىلەن ئەينى چاغدىكى گۈللەپ راۋاجلانغان پۈتۈن سانائەت كەسپىنى ئاتايدىغان بولدى. شۇ جايدىكى ئەڭ چوڭ سانائەت سىستېمىسى ۋە خوجايىنلىرىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، 1937-يىلى قۇرۇلغان Pohjois-Pirkkala بازىرى بىر يىلدىن كېيىن ئىسمىنى نوكىيا بازىرىغا ئۆزگەرتتى. 1977-يىلى، نوكىيا بازىرى نوكىيا شەھىرىگە ئۆزگەردى. بۈگۈنكى كۈندە نوكىيا شىركىتى كۆچمە خەۋەرلىشىش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەتقىق قىلىشقا قاراپ يۈزلەندى، بۇ كۆچمە تېلېفون مەھسۇلاتلىرى، مېدىيە، كۆڭۈل ئېچىش، ئالاقە تورى ۋە كارخانا دەرىجىسىدىكى بىر تەرەپ قىلىش لايىھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

2005-يىلى نوكىيا شىركىتىنىڭ يىللىق يانفون سېتىش مىقدارى تەخمىنەن 264 مىليون بولۇپ، ئامېرىكىدىكى ئىككىنچى موتورولا (Motorola) شىركىتىنىڭ 1.8 ھەسسىسىگە تەڭ بولغان، پۈتۈن يەر شارى بازىرىنىڭ %32.1 نى ئىگەللىگەن. نوكىيا شىركىتىنىڭ 2005-يىلىدىكى سېتىش مىقدارى 34 مىليارد 190 مىليون ياۋرو، پايدىسى 4 مىليارد 640 مىليون ياۋرو بولغان. 2005-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، شىركەت يەر شارىدىكى 8 دۆلەتنىڭ 14 زاۋۇتىنى ئىگەللىگەن ھەمدە 11 دۆلەتتە تەتقىق قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش مەركىزى تەسىس قىلغان، ئىشلەتكەن خادىملىرىنىڭ سانى تەخمىنەن 58 مىڭ 800 گە يەتكەن.

2011-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى نوكىيا مىكروسوفت بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. نوكىيا Windows Phone نى ئەقلىي يانفوننىڭ ئاساسلىق مەشغۇلات سىستېمىسى قىلغان.

2012-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى، 2013-يىلىدىن ئىلگىرى يەنە 10 مىڭ خادىمنى قىسقارتىش ھەمدە فىنلاندىيە، گېرمانىيە ۋە كانادادىكى زاۋۇتلىرىنى تاقاپ، بىر مىليارد 600 مىليون ياۋرو چىقىمنى ئازايتىپ، قەددىنى كۆتۈرۈشكە ئۇرۇنۇشنى پىلانلىدى.

2012-يىلى 3-پەسىلدە، سامسۇڭ گورۇھى نوكىيانىڭ رۇسىيەدىكى 40 مەخسۇس سېتىش گۇرۇھىنى سېتىۋالدى.

2012-يىلى 12-ئايدا نوكىيا 170 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا فىنلاندىيە ئېسپودىكى باش شتاب بىناسى Nokia House نى سېتىپ، بىنانى ئۇزۇن مەزگىل ئىجارىگە ئېلىپ ئىشلىتىشكە ئۆزگەرتتى.

2013-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، نوكىيا بىر مىليارد 600 مىليون ياۋروغا، گېرمانىيە Siemens شىركىتىنىڭ %50 پايچېكىنى سېتىۋالدى.

نوكىيا2013-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى، مىكروسوفت 5 مىليارد 440 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا نوكىيا يانفونىنى ياساش، ئۈسكىنە ۋە مۇلازىمەت كەسپى، Lumia ۋە Asha ماركىسىنى سېتىۋالدى. نوكىيا يەنىلا تور ۋە مۇلازىمەت كەسپى،HERE خەرىتە نوكىيا ماركىسى ۋە ئىقتىدار تېلېفونىنى ساقلاپ قالدى. بۇ سودىنى 2014-يىلىنىڭ 1-پەسلىدە تاماملاش پىلانلانغان بولۇپ، نوكىيا پايچېكى ۋە نازارەت بۆلىمىنىڭ تەكشۈرىشىنى قوبۇل قىلىشى زۆرۈر.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئوكيان تورى قامۇسى 

http://qamus.okyan.com/index.php?doc-view-6196

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#