يامانسۇ بازىرى

يامانسۇ بازىرى

يامانسۇ بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇمۇل شەھىرىنىڭ شەرقىگە 170 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى يامانسۇ بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 440 كىۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 雅满苏镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قۇمۇل شەھىرى
نوپۇسى 4078 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يامانسۇ بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇمۇل شەھىرىنىڭ شەرقىگە 170 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.

يامانسۇ بازىرىغەربىي بۇلۇڭتوغراق يېزىسى بىلەن قوشنا، جەنۇبىي تەرىپى بايىنغۇلىن ئوبلاستىدىكى چاقىلىق بىلەن چېگرالانغان، شەرقىي جەنۇبىي گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ دۇنخۇاڭ شەھىرى بىلەن، شەرقتە شىڭشىڭشيا ۋېييا بېكىتى بىلەن چېگرالانغان، شىمالىي تاشۋېلىق يېزىسى بىلەن قوشنا.

1984-يىلى يامانسۇ بازىرى قۇرۇلغان. 1958-يىلدىن ئىلگىرى، بۇ بىر ئادەمسىز، سۇسىز يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر يوق بىپايان چۆل - جەزىرە. 1958- يىلى، چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەشتە شىنجاڭنىڭ پولات–تۆمۈر كەسىپ قۇرۇلمىسىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن قۇرۇلۇشچىلار بۇ يەردە قۇرۇلۇش يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرگەن، بىر چوڭ تىپتىكى ئۈستى ئوچۇق تۆمۈر رۇدىسى- يامانسۇ تۆمۈر كېنى، شىنجاڭ «1-ئاۋغۇست» پولات-تۆمۈر باش زاۋۇتىغا تەۋە بولۇپ، دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك كارخانا. شىنجاڭ ۋە غەربىي شىمال رايونىدىكى ئەڭ چوڭ ئۈستى ئوچۇق تۆمۈر رۇدىسى كېنى. يامانسۇ تۆمۈر كېنىنىڭ تۆمۈر يولى  بىلەن لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈر يولى تۇتاشتۇرۇلغان، بازار رايونى 63 كىلومېتىر بولغان 3- دەرىجىلىك تاشيول «312» دۆلەت يولى بىلەن كېسىشكەن. 

يامانسۇ بازىرى قارىمىقىدىكى تۆت مەھەللە : تاغ ئالدى 1- مەھەللە، تاغ ئالدى 2- مەھەللە، تاغ كەينى 1- مەھەللە، تاغ كەينى 2-مەھەللە قاتارلىقلار بار.

يامانسۇ بازىرى 90- يىللاردىن بۇيان، قۇمۇل شەھىرىنىڭ كەيشەن كانچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، قۇمۇل شەھىرى تەڭرى ئىلتىپاتى كانچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، قۇمۇل غەربىي سانائەت- سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، كانچىلىق شىركىتى، شۇنىڭدەك شەرقىي رايون تۇزكۆل، جەنۇبىي تۇز كۆل، كىچىك شىمالىي كالىي تۇزى  كۆلى، ئالا تاغ كان رايونى قاتارلىق 20 نەچچە دۆلەت، پۇقراۋى كارخانىلار ئارقا-ئارقىدىن سىخەي تۆمۈر كانى ۋە ئەتراپتىكى رايونلارغا مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇرۇپ، كان قېزىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش بىلەن شۇغۇللانغان، دەسلەپكى قەدەمدە، سىخەي رايونىنى مەركەز قىلغان بايلىق تىپىدىكى سانائەت ئېچىش، پىششىقلاپ ئىشلەش كەسىپ بەلبېغى شەكىللەندۈرگەن. 2006-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، بۇ كەسىپ بەلبېغىگە ئاللىقاچان 400 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىپ، 1 يىلىغا كان ئېچىش  مىليون 700 مىڭ توننا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا يەتكەن. 

2008- يىلى، يامانسۇ بازىرىنىڭ مەبلىغى 500 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. 2 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، خەتەرلىك، كونا ئۆيلەرنى چېقىپ سالغان، 200 نەچچە ئېغىز يېڭىدىن كۆكەرتىش كۆلچىكى 14 نى سالغان، پىيادىلەر يولىنى ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 110 كىلومېتىر بولغان دەرىجىسى يا ماگنىتلىق ئىشچىلار يولى ئاللىقاچان 20 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ ئىش باشلانغان. بىر يىلدا سودىگەر چاقىرىش ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىشى 20 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

يامانسۇ بازىرى تەۋەلىكىدە مول ساقلانغان تۆمۈر، مانگان، نىكېل، ھاك تاش، گىرانىت، تۇز قاتارلىق 10 نەچچە خىل كان بايلىقى بار.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#