يىۋگېنى پوتئېر

يىۋگېنى پوتئېر

يىۋگېنى پوتئېر (1816-1887-يىللار) پرولېتارىياتنىڭ شائىرى، «ئىنتېرناتسىئونال» شېئىرىنىڭ ئاپتورى.پوتئېر پارىژدىكى بىر ئوراش-قاچىلاش ئىشچىسىنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، 13 يېشىدا شاگىرت ئىشچى بولغان، كېيىن يەنە گۈللۈك رەخت سخېمىسىنى سىزىدىغان تېخنىك ئىشچى بولغان. پوتئېر ئۆسمۈر چېغىدىنلا شېئىرنى ياخشى كۆرەتتى، 14 ياش ۋاقتىدىن باشلاپ «ياشىسۇن ئەركىنلىك» قاتارلىق شېئىرلارنى ئېلان قىلغان. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى يىۋگېنى پوتئېر
باشقا نامى Eugène Edine Pottier
يۇرتى پارىژ
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1887-يىلى
خەنزۇچە ئىسمى 欧仁·鲍狄埃
دۆلەت تەۋەلىكى فرانسىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1816-يىلى
كەسپى ئىنقىلابچى، شائىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يىۋگېنى پوتئېريىۋگېنى پوتئېر (1816-1887-يىللار) پرولېتارىياتنىڭ شائىرى، «ئىنتېرناتسىئونال» شېئىرىنىڭ ئاپتورى.

پوتئېر پارىژدىكى بىر ئوراش-قاچىلاش ئىشچىسىنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، 13 يېشىدا شاگىرت ئىشچى بولغان، كېيىن يەنە گۈللۈك رەخت سخېمىسىنى سىزىدىغان تېخنىك ئىشچى بولغان. پوتئېر ئۆسمۈر چېغىدىنلا شېئىرنى ياخشى كۆرەتتى، 14 ياش ۋاقتىدىن باشلاپ «ياشىسۇن ئەركىنلىك» قاتارلىق شېئىرلارنى ئېلان قىلغان. بۇ شېئىرلاردا پارىژ خەلقىنىڭ بوربون خانىدانلىقىغا قارشى كۈرەشلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

«ئىنتېرناتسىئونال» شېئىرى1840 -يىلى ئۇ «ھەر كىشىگە بىر ئۈلۈش تەگكەن چاغدا» دېگەن شېئىرىنى يېزىپ كوممۇنىزم ئىدىيىسىنى ئىپادىلەپ، ئىشچىلار ھەرىكىتىگە زور ئىلھام بەرگەن. 1848-يىلى پوتئېر فېۋرال ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ، «خەلق» دېگەن شېئىرىنى يازغان، شېئىردا قوراللىق كۈرەشكە قاتناشقان ئىشچىلارنىڭ ئوبرازىنى تەسۋىرلەپ، ئۇلارنىڭ «ئەركسىزلىكتىن ئۆلۈم ئەۋزەل» دېگەن ئىرادىسىنى ئىپادىلىگەن. لېكىن، ئۇ فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن قۇرۇلغان ئىككىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ ھەرگىزمۇ ئىشچىلارغا لازىم بولغان «ئەمگەك جۇمھۇرىيىتى» ئەمەسلىكىنى تونۇپ يەتكەندە، «بۇزۇۋېتىشكە تېگىشلىك كونا ئۆي» نى ئىجاد قىلىپ، سىمۋول ۋە ئوخشىتىش ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ، ئىككىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىپ، گەرچە ئۇنىڭ ئەمدىلا قۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئاللىقاچان چىرىپ كەتكەنلىكىنى، سىرتى كۆركەم تۇرغىنى بىلەن چوقۇم گۇمران بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. خەلقنى بۇ دۆلەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا چاقىرغان. ئۇزاق ئۆتمەي پارىژ ئىشچىلىرى ئىيۇن قوزغىلىڭىنى كۆتۈرگەن، پوتئېر بۇ ئۇلۇغ جەڭگە قاتناشقان، بۇرژۇئازىيە قانلىق باستۇرغانلىقتىن، قوزغىلاڭ غەلىبە قىلالمىغان. پوتئېر «1848-يىلى ئىيۇن» ناملىق شېئىرىنى يېزىپ، ئەمگەكچى خەلقنىڭ بۇرژۇئازىيەگە بولغان غەزەپلىك نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن. 

ماركس بىلەن ئېنگېلس قۇرغان1-ئىنتېرناتسىئونال پارىژدا ياچېيكا تەسىس قىلغان، پوتئېر پارىژ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ۋەكىللىكىگە سايلانغان. 1870-يىلى ئۇ 500 نەچچە گۈللۈك رەخت ئىشچىلىرىنى تەشكىللەپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرغان ھەم 1-ئىنتېرناتسىئونالغا قاتناشقان، ئۇ 1-ئىنتېرناتسىئونالدىكى سەپداشلىرى بىلەن بىللە ناپولېئون Ⅲ قوزغىغان پرۇسسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشىغا قەتئىي قارشى تۇرغان. پرۇسسىيە تاجاۋۇزچى قوشۇنى پارىژنى قورشىۋالغان چاغدا ئۇ خەلق قوغدىنىش ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ، «قوغدان، پارىژ» دېگەن شېئىرىنى يېزىپ خەلقنى ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ، ئۆزىنى قوغداشقا چاقىرغان. 

پارىژ كوممۇنىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، پوتئېر كوممۇنىنىڭ ھەيئەتلىكىگە سايلاندى، كوممۇنىنىڭ بارلىق مۇھىم پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى، قورال ئېلىپ كوممۇنىنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىللە قانلىق جەڭلەرنى قىلدى. پارىژ كوممۇنىسى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ مەخپىي ھالەتكە كۆچۈشكە مەجبۇر بولۇپ، پارىژغا يېقىن ئەتراپتىكى بىر ئىشچىنىڭ ئائىلىسىگە يوشۇرۇندى. 1871-يىل 6-ئاينىڭ باشلىرىدا ئۇ ئۆلمەس پرولېتارىيات ئىنقىلابىي مارشى − «ئىنتېرناتسىئونال» شېئىرىنى يازدى. 1871-1880-يىللىرى پوتئېر چەت ئەللەردە توققۇز يىلدىن ئارتۇق سەرگەردان بولۇشقا مەجبۇر بولدى. بۇ مەزگىللەردىمۇ ئۇ يەنىلا قەلەمنى قورال قىلىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلدى، «ئامېرىكا ئىشچىلىرىنىڭ فرانسىيە ئىشچىلىرىغا يازغان خېتى» ناملىق داستانى شۇلارنىڭ ئىچىدىكى داڭلىق بىرى. 1880-يىلى فرانسىيە بۇرژۇئا ھۆكۈمىتى چوڭ كەچۈرۈم ئېلان قىلدى، پوتئېر فرانسىيەگە قايتىپ كەلدى، گەرچە ياشىنىپ، كېسەلچان بولۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا تۈرلۈك ئىجتىمائىي، سىياسىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتناشتى ۋە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، «تېخى ھەممە ئۆزگەرمىدى»، «قوزغىلاڭچى»، «ئىش تاشلاش» قاتارلىق شېئىرلارنى يازدى، ئىشچىلار سىنىپىنى كوممۇنىنىڭ شانلىق ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، كونا دۇنيانى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىشقا چاقىردى. 1887 -يىل 11-ئاينىڭ 6-كۈنى پوتئېر پارىژدا كېسەل بىلەن ۋاپات بولدى. مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان كىشىلەر قىزىل بايراقنى كۆتۈرۈپ، «ياشىسۇن پوتئېر» دەپ توۋلىشىپ، ئۇنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشتى. ئۇنىڭ جەسەت كۈلى لاچايىزپاتىر قەبرىستانلىقىغا، 1871-يىلى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن كوممۇنا ئەزالىرى بىلەن بىللە دەپنە قىلىندى. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#