بىئولوگىيەلىك دېھقانچىلىق دورىلىرى

بىئولوگىيەلىك دېھقانچىلىق دورىلىرى

باكتىرىيەلىك ھاشارات ئۆلتۈرگۈچى دورا سۇدېگىن تاياقچە باكتېرىيەسى، پەرۋانە ئۆلتۈرگۈچى تاياقچە باكتېرىيە ، سورىنگىن تاياقچە باكتىرىيەسى ، زەمبۇرۇغلۇق ھاشارات يوقىتىش دورىسى ، ئاقارتقۇچى زەمبۇرۇغ ۋە يېشىل قاتۇرغۇچى زەمبۇرۇغ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىئولوگىيەلىك دېھقانچىلىق دورىلىرىدىن ئىبارەت . 

ئۇيغۇرچە نامى بىئولوگىيەلىك دېھقانچىلىق دورىلىرى
چەتئەلچە نامى Biopestcides
خەنزۇچە نامى 生物农药

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بىئولوگىيەلىك دېھقانچىلىق دورىلىرىباكتىرىيەلىك ھاشارات ئۆلتۈرگۈچى دورا سۇدېگىن تاياقچە باكتېرىيەسى، پەرۋانە ئۆلتۈرگۈچى تاياقچە باكتېرىيە ، سورىنگىن تاياقچە باكتىرىيەسى ، زەمبۇرۇغلۇق ھاشارات يوقىتىش دورىسى ، ئاقارتقۇچى زەمبۇرۇغ ۋە يېشىل قاتۇرغۇچى زەمبۇرۇغ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىئولوگىيەلىك دېھقانچىلىق دورىلىرىدىن ئىبارەت . 

بىئولوگىيەلىك دېھقانچىلىق دورىلىرىبىئولوگىيەلىك دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە ئالاھىدىكى بار :

1. ئۈنۈمى يۇقىرى زەھىرى تۆۋەن بولۇپ ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا پايدىلىق . بىئولوگىيەلىك دېھقانچىلىق دورىلىرى نىسبەتەن كۈچلۈك تاللاشچانلىققا ئىگە . مەسلەن ، ئاقارتقۇچى زەمبۇرۇغ ، سۇدېگىن تاياقچە باكتېرىيەسى ۋە پەرۋانە ئۆلتۈرگۈچى تاياقچە باكتېرىيە قاتارلىقلارنىڭ چاينىغۇچى ئېغىزلىق ھاشاراتلەردىن قارىغاي تۈكلۈك قۇرتى ، شال قاپلىق قۇرتى ، كېۋەز غوزا قۇرتى ، سەي كۆك قۇرتى قاتارلىقلارغا بولغان ئۈنۈمى نىسبەتەن ياخشى بولۇپ ، ئالدىنى ئېلىش ۋە يوقىتىش ئۈنۈمى %95-70 ئەتراپىدا بولىدۇ . پايدىلىق ھاشاراتلەرگە زىيان سالمايدۇ ، ئادەم ۋە ھايۋانلارغا ، زىرائەتلەرگە نىسبەتەن بىخەتەر .

2. دورىغا قارشى تۇرۇشچانلىق ھاسىل بولمايدۇ . ئومۇمەن زەمبۇرۇغ ئارقىلىق ھاشارەت يوقىتىش ، زەمبۇرۇغ ئارقىلىق كېسەل داۋالاش ياكى زەمبۇرۇغ ئارقىلىق ئوت-چۆپ يوقىتىش بولسۇن ، ھەممىسى خۇددى «نومۇر بويىچە ئولتۇرغانغا ئوخشاش» پەقەت ھەممىسى ئۆزىگە ماس كېلىدىغان پارازىت ئىگىسىنى تېپىپ رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ . شۇڭا ، دورىغا قارشى تۇرۇشچانلىق ھاسىل بولمايدۇ . ئۇنۋېرسال ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا خىمىيەلىك ئالدىنى ئېلىش بىلەن بىئولوگىيەلىك ئالدىنى ئېلىش بىرلەشتۈرۈلسە ، زىيانداش ھاشاراتلاردىكى دورىغا قارشى تۇرۇشچانلىقىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىگىلى بولىدۇ .

3. ئىشلىتىش مىقدارى ئاز ، تەننەرخى تۆۋەن ، ئۈنۈمى ياخشى ، ھەرقېتىم ناھايىتى ئاز مىقداردا ئىشلىتىلگەن ھاشارات ئۆلتۈرگۈچى دورىلار كۆپ مىقداردىكى زىيانداش ھاشاراتلارنى قىمىر قىلغۇزمايدۇ ھەم ئۆسۈملۈكنى يېيەلمەيدۇ . ئاخىرىدا تارتىشىپ ئۆلۈپ قىلىدۇ .

4. چوڭ ياشتىكى لىچىنكىنى (يېيىش مىقدارى چوڭ) كىچىك لىچىنكىغا قارىغاندا ياخشى ئۆلتۈرەلەيدۇ ھەم خىمىيەلىك دورىلارنىڭ يېتەرسىزلىكىنى ئۈنۈملۈك تولدۇرالايدۇ .

5. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ ھەم ئۇلارغا زەھەرسىز ، قوشۇمچە رولى يوق . گەرچە بىئولوگىيەلىك دورىلارنىڭ نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقى بولسىمۇ ، ئەمما تېمپېراتۇرىغا بولغان تەلىپى نىسبەتەن يۇقىرى . شۇڭا دورا ئۈنۈمىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ . باكتېرىيەلىك ھاشارات ئۆلتۈر گۈچى دورىلارنى پىلە بېقىش رايونلىرىدا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ . شۇڭا بىئولوگىيەلىك دورىلارخىمىيەلىك دېھقانچىلىق دورىلىرىدەك كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلمەيدۇ .

بىئولوگىيەلىك دېھقانچىلىق دورىلىرىدېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ ، زىيانداش ھاشارات ئۆلتۇرگۇچى ، ياۋا ئوت - چۆپلەرنى يوقاتقۇچى ، مىكروپ ئۆلتۇرگۇچى قاتارلىق ھەرخىل ئوخشىمىغان تۈردىكى دېھقانچىلىق دورىلىرى كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشارەتلەرنى يوقىتىشتا ئىنتايىن موھىم رول ئوينىدى ، ئەڭ دەسلەپ دېھقانچىلىق دورىلىرى ئىشلەتكەندىن تارتىپ ، ھازىرغىچە ئىشلىتىلگەن دېھقانچىلىق دورىلىرى بىر قانچە ئەۋلاد يېڭىلاندى . 

بۇرۇن ئىشلىتىلگەن دېھقانچىلىق دورىلىرى ئورگانىك خىلور ، ئورگانىك فوسفۇر قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ « 666» ۋە « DDV » لار ئۇلارنىڭ تىپىك ۋەكىللىرى ئىدى . دورىلار زىيانداش ھاشارەتلەرنىڭ نېرۋا سىسىتېمىسى ، ھەزىم قىلىش سىستېمىسنى ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى يوقىتاتتى. بۇ دورىلار دەسلەپتە ھەقىقەتەن موھىم رول ئوينىدى ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھاشارەت يوقىتىش ئۈنۈمى زور ، ئىشلىتىش ئاسان ،تەننەرخى ئەرزان ئىدى ، شۇڭا دېھقانلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى ، لېكىن بۇ دورىلار يەنە زور كەمچىللىكلەرگە ئىگە ئىدى . 

1 . ئۇزاق ۋاقىت ئىشلىتىلسە زىيانداش ھاشاراتلاردا ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى يېتىلىدۇ ؛ 

2 . ئۇلار زىيانداش ھاشاراتلارنى زەھەرلەپلا قالماستىن ، بەلكى ئادەملەرنىمۇ زەھەرلەيدۇ ، يىزىلاردا دائىم دېھقانلار دورا چېچىۋىتىپ زەھەرلىنىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ دورا قالدۇقلىرىنىڭ ساقلىنىش ۋاقتى ئۇزۇن بولۇپ ، ئادەم بەدىنىگە يىغىلىپ ، جىگەر ، يۈرەك ، نېرۋا سىستېمىسىنى كاردىن چىقىرىدۇ ۋە ئاستا خاراكتىرلىك زەھەرلىنىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ . يۇقىرىقىغا ئوخشاش كەمچىللىكلەردىن خالى بولالمىغاچقا ئۇلار ئىشلىتىشتىن توختىدى . 20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىغا كەلگەندە ، ئالىملار يېڭى تىپتىكى دېھقانچىلىق دورىسى رېسمېتىرىننى كەشىپ قىلدى . بۇ دورا ئۈنۈملۈك ، زەھىرى ئاز ھاشارەت ئۆلتۇرۇش دائىرىسى كەڭ ، مۇھىتقا بولغان تەسىرى ئاجىز بولغاچقا كۆپلىگەن دۆلەتلەر بۇنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان يېڭى تۈر قىلىپ بىكىتتى . كۆپ يىللىق تىرىشچانلىق ئارقىلىق ئالىملار يەنە ئىنسانغا ، موھىتقا زىيان يەتكۈزمەيدىغان تەقلىدى دورىلارنى ئىشلەپچىقاردى . تەقلىدى دورىلار بىئولوگىيەلىك ئۇسۇل ئاقىلىق زىيانداش ھاشارەتلەردىن ساقلىنىدىغان ئۇسۇل بولۇپ ، ئالىملار ئىزدىنىش ئارقىلىق جىنسى جەلىپ قىلىشنىڭ بىر قىسىم ھايۋانلارغا نىسبەتەن كۈچلۈك قىزىقتۇرۇش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى تاپتى ، شۇ خىل ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ ئىشلەپچىقىرىلغان دورىلار زىيانداش ھاشاراتلارنى مەلۇم ئورۇندا يوقىتىش ئىمكانىيىتىنى يارتىپ بەردى ، مەسىلەن ،پىلە ، پەرۋانە ، ئىسپىېرتى جىنسى جەلىپ قىلغۇچى دورا ، ئۇنىڭ ئەركەك پەرۋانىلەرنى جەلىپ قىلىش كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك ، ئۇنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئەركەك پەرۋانىلەرنى مەلۇم ئورۇندىكى قۇرۇلما ئىچىگە سولاپ يوقاتقىلى بولىدۇ ، قارىغاينىڭ ئەڭ يامان دۇشمەنلىرىنىڭ بىرى زەھەرلىك ئۇسۇلچى پەرۋانە ، مىكرو مىقداردىكى جەلىپ قىلىش دورىسىنى ئىشلەتسە ، ئۇلارنى يىراقلاردىن جەلىپ قىلىپ ئەكىلىپ بىراقلا يوقاتقىلى بولىدۇ ، ئۇندىن باشقا ئالىملار يەنە شال قۇرۇش كېسەللىكى ، ئالمىنىڭ سىسىپ كېتىش كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغان ئانتىبىيۇتىكلارنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى .

يۇقىرىدىكى تەقلىدى دورىلار پەقەت ماس كەلگەن زىيانداش ھاشارات ، كىسەللىكلەرگە نىسبەتەن رول ئوينايدۇ ، ئادەملەرگە موھىتقا زىيان يەتكۈزىمەيدۇ ، كىڭەيتىشكە ئەرزىيدۇ .[1][0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#