شەرقىي ساموئا

شەرقى ساموئا

شەرقىي ساموئا تىنچ ئوكياندىكى سامۇئا تاقىم ئاراللىرىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان بەش يانار تاغ ئارىلى بىلەن مارجان ئاراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى شەرقىي ساموئا
چەتئەلچە نامى Eastern Samoa
ئىقلىمى تروپىك يامغۇرلۇق ئورمان ئىقلىمى
خەنزۇچە نامى 东萨摩亚
تەۋە رايون ئوكيانىيە

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شەرقى ساموئاشەرقىي ساموئا تىنچ ئوكياندىكى سامۇئا تاقىم ئاراللىرىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان بەش يانار تاغ ئارىلى بىلەن مارجان ئاراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەيدانى 197 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. يەر شەكلى ئېگىز-پەس بولۇپ، ئەڭ ئېگىز ماتافائو چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 702 مېتىر كېلىدۇ.

شەرقى ساموئا ئىقلىمى تروپىك يامغۇرلۇق ئورمان ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃21-℃32 بولىدۇ. يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 5000 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ.

مەركىزى پاگو-پاگو شەھىرى. ئاھالىسى 34 مىڭدىن ئاشىدۇ(1983) ، بۇنىڭ كۆپىنى پولېنېزىيىلىكلەر تەشكىل قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا تونگالىقلار، ئا ق ش لىقلار، خەنزۇلار، چاۋشيەنلىكلەرمۇ بار.

 شەرقىي ساموئا ئىقتىسادىي جەھەتتە بانان قاتارلىق تروپىك مېۋىلىرى، كۆكتات ئۆستۈرۈلىدۇ، بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى تەمىنلىيەلمەيدۇ. 

1899-يىلى ئا ق ش، ئەنگلىيە، فرانسىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت كېلىشىمىگە ئاساسەن شەرقىي ساموئا ئاراللىرى ئومۇمىي ساموئا ئاراللىرىدىن بۆلۈپ ئېلىنىپ، ئا ق ش نىڭ رەسمىي مۇستەملىكىسى بولغان. 1953-يىلدىن ئىلگىرى ئا ق ش نىڭ دېڭىز ئارمىيە بازىسى بولغان. 1954-يىلدىن ھازىرغىچە ئا ق ش ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ كەلمەكتە.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/33538.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#