سېرىقبۇيا بازىرى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سېرىقبۇيا بازىرى مارالبېشى ناھىيەسىدىن 90 كىلومىتىر يىراقلىقتا بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ چوڭ بازارنىڭ بىرى. بازارنىڭ كۆلىمى ناھايىتى چوڭ، تور نۇقتىلىرى ئىنتاين كۆپ بولۇپ، تاۋارلارنىڭ تۈرى تولۇق ھەم خىلمۇ-خىل، ئاۋات بازار. مەيلى تاۋار، مەيلى يېمەك-ئىچمەك، مەيلى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بولسۇن بۇ بازاردا ئۆزگىچە خاسلىقنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ھەر پەيشەنبە كۈنىدىكى بازار كۈنى غۇلجا، كورلا، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن ۋە ئەتراپتىكى قوشنا ناھىيەلەر، يېزا ئىگىلىك 3-دىۋىزىيەسىنىڭ تۇەن-مەيدانلىرىدىن بولۇپ، نەچچە مىڭلىغان سودىگەرلەر بۇ يەرگە توپلىشىپ سودا قىلىدۇ، بازار كۈنىدىكى بىر كۈنلۈك سودا سوممىسى بەش مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ.
سېرىقبۇيا بازىرىغا كىرگەندە، ئىختىيارىسز ھالدا كۆلىمى چوڭ، ھەيۋەتلىك، مىللىي ئۇسلۇبتىكى ئۆزگىچە ئىمارەتلەرنى ئۇچراتقىلى بولدۇ. يەنە يول بويلىرىدىكى رەت-رەت دۇكانلاردا ياسالغان قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى، خەلق مەيدانىدىكى سان – ساناقسىز ئويۇنچۇقلار، مېزىلىك تائاملار، مىللىيچە كىيىم-كېچەكلەر نامايەن بولىدۇ. بۇ يەردە يەنە مىللىي ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت- تەنتەربىيە تۈرلىرىدىن خوراز، قوچقار سوقۇشتۇرۇش، چېلىشىش قاتارلىق ئەنئەنىۋى پائالىيەتلەرنى دائىم ئۇچراتقىلى بولىدۇ، شىنجاڭغا داڭقى كەتكەن پۈتۈن قوي كاۋىپىنى تېتىپ كۆرگىلى، بۇغا بېشى ماركىلىق پىچاق، قەلەمتىراشلارنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ. بۇ يەردە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولۇپ، سېرىقبۇيا بازىرىدىن ‹‹توخۇ سۈتىدىن باشقا ھەممە نەرسىنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ›› دېگەن سۆز كەڭ تارقالغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.